ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئابدۇلھەمىد قاراخان 1980-يىلى قەشقەر مارالبېشىدا تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان.لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى رادىئاكتىپ خېمىيە كەسپىدە باكلاۋۇرلۇقتا ۋە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يادرو ئېنىرگىيە ئېنژىنىرلىقىدا ماگېستىرلىقتا ئوقۇغان.

ئۇ ئىستانبۇلدا ماگېستىرلىقنى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە 2009-يىلىغىچە 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەتىنىمىزدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كېلىشىگە خالىس ياردەمدە بولغان.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئىستانبۇلدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان توققۇز نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنى تەشكىللەپ، 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى قۇرغان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ نۆۋەتتىكى باش كاتىبىدۇر. ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىنىڭ كۈچىشى بىلەن 2009-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن 225 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋەتىنىمىزدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ ھەر خىل كەسىپلەردە ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان.

ئۇ 2012-يىلىدىن بۇيان تۈركىيە مەدەنىيەت مېنىستىرلىكىگە قاراشلىق تاشقىي تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسدا مۇتەخەسىسىس بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەركىزىدىن باشقا، تۈركىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، ياپۇنىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالاردا 7 تارماق ئاكادېمىيەلىرى مەۋجۇتتۇر، بۇنىڭدىن سىرىت ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە بىۋاستە قاراشلىق قۇتادغۇ بىلىگ ئېنستىتۇتى، خىتاي تەتقىقاتى ئېنستىتۇتى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار: http://www.akademiye.org/ug/?page_id=2

http://www.akademiye.org/ug/?p=5052