ئاتىلار بايرىمى

ئاتىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

1909 ۋاشىنگوتونلۇق بولىس دود خانىم ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز << ئانىلار بايرىمى بولغانىكەن ، نىمىشقا دادىلار بايرىمى بولمايدۇ>>دىگەن خىيالغا كىلىپ قالىدۇ . دود خانىم ۋە ئۇنىڭ بەش ئىنىسى بۇرۇنلا ئانىسىدىن كىچىك قالغان بولۇپ ، مېھرىبان دادىسىنىڭ بىرقوللۇق تەربىيىسى ئاستىدا چوڭ بولغان . ئالتە قېرىنداش ھەرقېتىم ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغان خاتىرە كۈنىدە دادىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە باققانلىقىدەك كەچۇرمۇشلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتكە دادىلار بايرىمى تەسىس قىلىشنى مۇراجەت قىلىپ ، بايرامنىڭ ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى ، يەنى 5-ئىيۇن قىلپ بېكىتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ . شتاتلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭ تەكلىپىنى ئويلىشىپ كۆرۈپ ، 19-ئىيۇنغا ، يەنى ئىيۇننىڭ ئۈچىنچى يەكشەمبىسىگە بىكىتىدۇ ، كېيىن باشقا شىتاتلارمۇ بۇ بايرام كۈنىنى قوبۇل قىلغان . دود خانىمنىڭ تەكلىپى بويىچە دادىسى ۋاپات بولغان كىشىلەر ئاق ئەتىرگۈل ئارقىلىق ، دادىسى ھايات كىشىلەر قىزىل ئەتىرگۈل ئارقىلىق دادىلىرىغا بولغان سېغىنىشنى ئىپادىلىگەن . بۇ ھەممەيلەننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر پارلامىتتىن بۇ بايرامنى تەبرىكلەشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پارلامېتى بۇ بايرامنى رەسمىي بايرام قىلپ بېكىتكەن .

پايدىلانغان مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ گېزىتى