ئاشىقىم (كورىيە تىياتىر)

ئاشىقىم (باشقىچە نامى: قەدىرلىكىم، كۆچ-كۆچ يىللىردىكى مۇھەببەت، مانجۇ چوسۇن ئىستلاسى دەۋىردىكى مۇھەببەت، مېنىڭ قەدىردانىم، چوسۇن كۆچ-كۆچ يېغىللىق دەۋىردىكى مۇھەببەت؛ خانگۇل: 연인؛ خەنجا: 戀人؛ ئېنگلىزچە: My Dearest) بىر كورىيە تور تىياتېرىدۇر.

ئاشىقىم
تەشۋىقات ئېلانى
ئاشىقىم
خانگۇل 연인
خەنجا 戀人
ھەقىقىي مەنىسى ئاشىق
ئۆزگەرتىلگەن رومانلاشتۇرۇش Yeon-in
McCune - Reischauer

كورىيە لاتىنچىسى

Ynnin
ژانىر
  • تارىخى دراما
  • مېلودراما
  • رومانتىك
ئىلھام مارگارېت مىچېل

تەرىپىدىن يېزىلغان "شامال بىلەن كەتتى" رومانى

ئىجاد قىلغان MBC (پىلانلاۋاتىدۇ)
يازغان خۇاڭ جىن-ياش
رېژىسسورلۇق قىلغان
  • كىم سېئوڭ يوڭ
  • لى خەن جۈن
  • چىئون سو-جىن
باش رول ئالغان
  • نامكوڭ مىن
  • Ahn Eun Jin
  • لى خاك جوۋ
  • لى دا ئىن
  • كىم يونۋو
  • ل چۇڭ ئاخ
مۇزىكىسى كىم سوخەن
ئەسلى دۆلەت كورېيە
ئەسلى تىل كورېيەچە، مانجۇچە، خەنچە، موڭغۇلچە
بۈلۈم 2
قىسىم سانى 21
ئىشلەپچىقىرىش
ئىجرائىيە ئىشلەپچىقارغۇچى خوڭ سىئوك-ۋوو
ئىشلەپچىقارغۇچىلار
  • كىم جەي-بوك
  • يون كىۋون-سۇ
  • كىم جىخا
ھەر قىسىم ئۇزۇنلىقى 60-90 مىنۇت
ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى
  • MBC
  • 9ato تاماشا
ئەسلى تارقىتىلىشى
تور MBC TV
قويۇلۇش 2023-يىلى 4-ئاۋغۇستتىن 18  - نويابىرغىچە

ھەققىدە تەھرىرلەش

بۇ تىياتىردا مانجۇ خاندانلىقىنىڭ قاغانى قونتاجى چوسۇن (بۈگۈنكى كورىيە ۋە چاۋشيەن) غا ئىستلا قىلغاندىن كېيىنكى تىراگىدىيەلىك يىللارنى، ئەسىرلەرنىڭ ۋە تۇتقۇنلارنىڭ كۆچ-كۆچ سەپەرلىرى، يېغىللىق دەۋىردىكى قانلىق كۈرەشلەر ۋە ھاياتلار، ۋە مانجۇ-چوسۇن-مىڭ سۇلالىسىنى ئۈچبۇرچەك مۇناسىۋېتىنى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، شۇ دەۋىردىك ئىككى ياش (ياڭبەن ئاقسۆڭەڭكلىرى) ئارىسىدىكى تىراگىدىيەللىك سۆيگۈ ۋەقەسى، ۋە شۇنداقلا شۇ دەۋىردىكى جەمىئيەت، قالاق ئىدىيە، چىرىك يارىماس كوڭزى پەلسەپەسى، مىللەت، ئۇلۇس، ۋە دۆلەت سۆيگۈسى بايان قىلىندىغان قالتىس ئىشلەنگەن، ئالقىشلانغان، يۇقىرى سەۋىيەلىك كورىيە تور تىياتىرىدۇر. بۇ تىياتىر 2023-يىلى قويۇلغان بولۇپ، سۈرەتلەرنىڭ ئالاھىدە يۇقىرىلىق، ھاياجان مۇزىكىلىرنىڭ قالتىسلىقى، ئورۇنداش سەنئىتنىڭ ئۈستۈنلىكى تۈپەيلى مۇشۇ يىللاردا ئەڭ ئالقىشلانغان كورىيە تىياتىرنىڭ بىرىغان ئايلانغان. ئەسلىدە پەقەت بىر بۈلۈم پىلانلغان بولسىمۇ، لېكىن بەك ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، ئىككىنچى بۈلۈمى ئۇلاپلا ئىشلەنگەن.