ئىپارخان
مىللىتىئۇيغۇر



'ئىپارخان

ئىپارخان (1734- يىلى تۇغۇلۇپ، 1759- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن)

گۈزەللىكى بىلەن كىشى ئەقلىنى لال قىلسا، باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغاتقۇچى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ-كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى. ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادى، بەزى تارىخىي كىتابتا ئىپارخاننى ئەسلى ئىسمىنىڭ ئەلانۇر خېنىم ياكى مەمۇرى ئەزەم ئىكەنلىكى يېزىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. 1760- يىلى شىنجاڭدىكى ئاپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن. ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن. ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇ-ھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان.

ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى، يۈرت-قەۋمىدىن، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان، پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈ ن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسونىدا ئىمارەت سېلىپ، ئۇيغۇر مەھەللىسى بىنا قىلغان، لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان، چيەنلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ: «ئەل-يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن» دېگەن. چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن، ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسەبى، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر.

1914- يىلى ئاسارە-ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتيەن خان سارىيى مۇزېيى ۋە چىڭدۇڭدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئون نەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بوياق رەسىمى بار بولۇپ، بۇلارنى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيىلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيچە ياسانغان، ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى «يۈدى سارىيى» نىڭ غەربىي ھۇجرىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. رەسىمنىڭ ئاستىغا «ئىپارخان — غەربىي دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى …» دەپ يېزىلىپ، ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يوسۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شى يىننىڭ جۇڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شېئىرى قوشۇپ قويۇلغان. ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە:ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن،

سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر-شەپقەت بىلەن.

تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،

كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن.

قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا،

تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بوغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.

بېيجىڭ تىياتىرى ۋە دراما ساھەسىدىكىلەر بۇ بايانلارغا ئاساسەن «ئىپارخاننىڭ غەزىپى»، «ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان» ناملىق بېيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۈكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان:

باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،

جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا.

گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،

ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا.

ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس،

قەشقەردىن چىققانىدى بىر ئۇيغۇر قىزى.

ئىسمىدۇر ئىپارخان، گۈزەللىكتە ئۇ،

پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى.

بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى،

ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى …

(مەنبە: نەزىرە مۇھەممەد سالىھ يازغان «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» ناملىق كىتابدىن ئېلىندى)[1]