ئۆركەش دۆلەت (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Örkesh Dölet )بولسا 1968-يىلى شەرقىي تۈركىستان نىڭ غۇلجا شەھىرى دە تۇغۇلغان. ئۈرۈمچىدە 8-ئوتتۇرىدا خىتايچە ئوقۇپ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1989-يىلى 21 يېشىدا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىسىغا ئايلانغان. ئۇ ئەينى چاغدىكى خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ بىلەن كۆرۈشكەندىكى جاسارىتى، كەسكىنلىكى ۋە ناتىقلىق ماھارىتى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان.

ئۆركەش دۆلەت

Örkesh Dölet

شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1968-يىلى

غۇلجا شەھىرى

مىللىتى ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى تەيۋەن
تۇرار جايى تەيبى، تەيۋەن
كەسپى ئۇيغۇر سىياسەتچى، ئىنقىلاپچى

ئۆزى ھەققىدە تەھرىرلەش

ئۆركەش دۆلەت 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى باستۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىلىرىدىن بىرى. ئۆركەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تالانتى، تەشكىللەش ماھارىتى ۋە ناتىلىقى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا نامايەن بولۇشقا باشلىغان. ئۇ 8-ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولغان. 1989-يىلىدىكى نامايىشتىمۇ بىر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللىگۈچى بولۇشتىن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ بارلىق نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ داھىسىغا ئايلانغان.

ئائىلىسى تەھرىرلەش

ئۆركەشنىڭ ئاتا-ئانىسى زىيالى كىشىلەر بولۇپ ئۇيغۇردا ئەڭ بۇرۇن فامىلە قوللانغانلارنىڭ بىرى. ئۆركەشنىڭ ۋە دادىسى، تەتقىقاتچى، مۇھەرىر نۇرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ فامىلىسى دۆلەت ئىدى. ئۆركەشنىڭ ئائىلە شارائىتى ئۇنىڭ بىلىم، پەزىلەت ۋە ماھارەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشىگە شارائىت ياراتقان. نۇرمۇھەممەت دۆلەت ئەپەندى دۇنياغا داڭلىق شائىر ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىلىرىنى رەتلەپ تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچە نەشىرگە تەييارلىغان. نەشرىيات ساھەسىدە ئىشلەپ ئۇيغۇرلارغا دۇنيا كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا موھىم رول ئوينىغان. ئۇ ئۇزۇن مەزگىل «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» دېگەن ژورنالنى چىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ مەزكۇر ژورنال ئۇيغۇر تارىخنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشتە موھىم رول ئوينىغان.

4-ئىيۇن تىيەنئەنمېن ۋەقەسى تەھرىرلەش

بۇ ھەرىكەتنىڭ پىلتىسى بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىسلاھاتچى باش سېكىرتارى خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلۈمى ئىدى.

خۇ ياۋباڭ خىتايدا دېموكراتىيەگە يول ئاچقان، ۋەتىنىمىزدە خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى (بىڭتۈئەن) نامىدىكى پۇقراچە كېيىنگەن مۇستەملىكىچى كۈچلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەرغىپ قىلغان، ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتۇنومىيە ھوقۇقى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ «ئۈچتە 60 پېرسەنت» دېگەن يوليورۇقى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ ھازىرغىچە خىتايلارنىڭ نەزىرىدە ئىزچىل ئەمەلگە ئاشقاندەك قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئۈچتە ئاتمىش پىرسەنت دېگەننىڭ بىرى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 60 پىرسەنتى يەرلىك مىللەتتىن بولۇش، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا كادىرلارنىڭ 60 پىرسەنتى يەرلىك مىللەت بولۇش، ئاپتونۇم رايۇندا قۇرۇلغان ھەر قانداق زاۋۇت، شىركەت ۋە كان-كارىخانىلاردا ئىشچى خىزمەتچىنىڭ 60 پىرسەنتى يەرلىك مىللەتتىن بولۇش تىن ئىبارەت. خۇ ياۋباڭ ئەينى چاغدا «پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنى، پارتىيە بىلەن كارىخانىنى، پارتىيە بىلەن ئىقتىسادنى ئايرىش»نى تەشەببۇس قىلىپ كومپاتىيەسىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلىمى ئويغاق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قايغۇغا سالغان ۋە كوچىغا ئاققۇزغان.

يېقىنقى يىللار تەھرىرلەش

ئۆركەش دۆلەت بۇ يىل يەنى 2019-يىلدىكى تىئەن ئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر پاجىئەسىنى ئەڭ جىددىي، ئەڭ كەسكىن ۋە ئەڭ قايغۇلۇق ئىبارىلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۆركەش دۆلەت خىتايدا ئۆز ئىسمىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى مىسالغان ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆركەش دېگەن ئىسمىنى قويالمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ پايخان قىلىنىۋاتلىقىنى تەكىتلىدى. ئۆركەش ئۇيغۇرغا يۈرگۈزۈلگەن مىللىي كەمستىشكە ئۆزىنى مىسال ئېلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ 30 يىلدىن بېرى پاسپورت ئالالمايۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن ئاتا-ئانىسى بىلەن 30 يىلدىن بېرى كۆرۈشەلمەي كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆزىدىن باشقا خىتايلاردىن بولغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، پەقەت ئۇزىنىڭلا پەقەتلا ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى كۆرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆركەش دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىكى زۇلۇمنى باشقىلارغا ئوخشاش ئىسلامنىڭ چەكلىنىشى بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بىز كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى دىنى ئەركىنلىكنىڭ چەكلىنىش مەسىلىسى دەپ قارىمايدۇ. ئۇ مەسىلىنى خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى دۈشمەن دەپ قارىغانلىقىغا ۋە يوقاتماقچى بولغانلىقىغا باغلىدى. ئۇ «ئۇيغۇركۆرۈۋاتقان زۇلۇم ئۇلارنىڭ ئىددىيسى سەۋەپلىك ئەمەس، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت ياكى سۆزلەردە بولغانلىقىدىنمۇ ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىدىن» دېدى. ئۇ ئۇيغۇلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنىڭ تىئەن ئەنمىندە بولغان قىرغىنچىلىقتىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئامېرىكا سىياسىيۇنلىرىنىڭ سەمىگە سالدى.

ئۆركەش دۆلەت جىددىي بىر يىغىنى بولۇپ قالغانلىقى سەۋەپتىن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندىن بۇرۇنراق چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتتە ئۇيغۇر پاجىئەسنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى ۋە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنۇتمىدى.

ئۆركەش دۆلەت 1989-يىلى مۇھاجىرەتكە قەدەەم قويغاندىن باشلاپ ئۇزاق ئۆتمەي مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشتى. بولۇپمۇ 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى تومۇز پاجىئەسىدىن كېيىن ئۇ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا ھەمدەم بولۇپ كەلدى. ۋەتەندە لاگىرلار قۇرۇلۇپ 3 مىليۇنغا يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى تەۋە دە ۋە باشقا مېدىيا ئىزچىل پاش قىلىپ، قەلەمگە ئېلىپ ۋە نۇتۇقلاردا يىغىنلاردا تەكىتلەپ كەلمەكتە.

باشقىلار تەھرىرلەش

قارالسۇن تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش