ئۇرال ئالتاي سېستىمىسى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئۇرال - ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى)

ئۇرال ئالتاي تىل سېستىمىسى، 19- ئەسردە ۋە بەئزى دۆلەتلەردە 20- ئەسرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچەكەڭ تۈردە قەبۇل كۆرۈلگەن، كۈنىمىزدە بولسا كەڭ كۆلەمدە رەد قىلىنغان، ئۇرال ۋە ئالتاي تىللىرىنى بىر ئارىدا توپلايدىغان قاراشتۇر. تىللەر ئارىسىدىكى تىپولوگىيىلىك ئوخشاشلىقلار، نۇرغۇن كىشى تەرىپىدىن بىر ئەجداددىن كەلگەنلىكىدىن ئەمەس، كۆپ مىقداردا ئارىيەت ئېلىش ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇچرىشىشلار نەتىجىسدە بارلىققا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇگۈن ئۇرال ئالتاي تىل ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە، بۇ تىل ئائىلىسىنىڭ ئالتاي تىللىرى ۋە ئۇرال تىللىرى شەكلىدە ئىككىگە ئايرىلىشى تولا ئۇچرايدۇ.

بۇ ئائىلىنىڭ ئالتاي تارمىقى تۈركچە، موڭغۇلچە، مانجۇ-تۇنگۇسچە بولۇپ، ماجارچە، ڧىنچە ۋە ئېستونچە بولسا بۇ ئائىلىنىڭ ئۇرال تارمىقىغا تەۋەدۇر. كورىيەچە بىلەن ياپونچەنىڭمۇ ئۇرال-ئالتاي تىل ئائىلىسىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئەسەرلەرمۇ باردۇر.