بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

ئومۇمىي بايان: تەھرىرلەش

يېڭى مەدىنىيەت ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى-بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى: بېيجىڭ شەھرى خەيدىيەن رايونىدا ئاجايىپ ئاۋات بىر جاي بار، ئۇ بولسىمۇ بېيجىڭ شەھرىنىڭ ئېلىكترون مەركىزى، داڭلىق ئېلىكترۇن سودا -سارايلىرى جايلاشقان ئورۇن جوڭگۇەنسۇن(中关村)، بۇ جاي ئۆزىنىڭ ئېلىكتىر تاۋارلىرى بىلەنلا ھەممىگە تونۇش بولۇپ قالماي، يەنە ئۆزىگە جايلاشقان ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى مەدىنىيەت ھەرىكىتى ۋە 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى، ھازىرقى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان داڭلىق ئۇنۋېرسىتىت بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى بىلەنمۇ نام چىقارغان.

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى دۆلەت باشقۇرۇشۇدىكى ئۇنۋېرسال ئۇنۋېرسىتىت.دۆلەت "211"قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ئورۇن.ئىجتىمائىي پەندە جوڭگۇ بويىچە بىرىنجى ئورۇندا.2000-يىلى سابىق"بېيجىڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتى" بىلەن بىرلەشكەن، ئىككى مەكتەپ رايونى بار.

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى قەدىمكى تۈسنى ساقلاپ قالغان، مەكتەپ كۈتۈپخانىسى(340مىڭدىن كۆپرەك كىتاپ ساقلانغان)، "يۈز يىللىق چوڭ زال"قاتارلىقلاربىلەن داڭلىق. ھازىرقى زامان تىپىدىكى قۇرۇلۇشىدىن "گۇاڭخۇا ئېنىستۇتى" ئوقۇتۇش بېناسى بار، مەنزىرىسى "نامسىز كۆل" بىلەن ئالاھىدە. == تارىخقا نەزەر ==

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى 1896-يىلى قۇرۇلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەتلىك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ ئورگىنى.شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ھازىرقى نامى بارلىققا كەلگەن.

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئەڭ بۇرۇن دېمۇكراتىك ئىدىيىنى جۇڭگودا تارقاتقان ئورۇن، جوڭگۇ كوممىتىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى پائالىيەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى، قەمئىيەتنىڭ مەدىنىيەت ئىلگىرلىشىدە ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى.ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئالغائىلگىرلەش، دېمۇكراتىيە، ئىلىم پەن-ئۇنۋېرسىتىتائەزەلدىن تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدىيە.

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا تەربىيىلەنگەن تارىخىي شەخىسلەر تەھرىرلەش

  1. جوڭگۇھازىرقى زامان يازغۇچىسى، جەمئىيەتشۇناس ماۋدۇن(茅盾)،
  2. جوڭگۇ يېقىنقى زامان دېمۇكراتىك ئىنقىلابچسى، مائارىپشۇناس، ئالىم سەي يۇئەن پېي( 蔡元培)،
  3. جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى دەسلەپكى رەھبەرلىرىدىن بىرى:چىن دۇ شىيۇ( 陈独秀)،
  4. جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدىب، تارىخشۇناس، پەيلاسۇپى:خۇشى(胡适) ھازىرقى ئۇنۋېرسىتىت مۇدىرى ئاكادىمىك شۈي جى خوڭ.

كەسىپ ۋە ئۇنۋان تەھرىرلەش

كەسىپلىرى:


پەلسەپە تىپىدىكىلەر:پەلسەپە، دىنشۇناسلىق

ئىقتىساد تىپىدىكىلەر:ئىقتىساد كەسپى، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا، مالىيە، پۇل-مۇئامىلە كەسىپلىرى.

قانۇن تىپىدىكىلەر:قانۇن كەسپى.

جەمئىيەت تىپىدىكىلەر:جەمئىيەتشۇناسلىق.

سىياسەت تىپىدىكىلەر:سىياسەت ۋە مەمۇرىي ئىلىم، خەلقئارا سىياسەت، تاشقى ئالاقەۋە تاشقى ئىشلارنى باشقۇرۇش، خەلقئارا سىياسى ئىقتىساد

جوڭگۇ تىل -ئەدىبىياتى تىپىدىكىلەر:خەنزۇتىلى ئەدىبىياتى، كىلاسسىك ئەدىبىيات، جوڭگۇ ئەدىبىياتى، قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق.

ئاخبارات ئۇچۇر ئىلمى :ئۇچۇر ۋە تارقىتىش كەسپى، رادىئۇ-تېلىۋېيە ئۇچۇر كەسپى، ئېلان كەسپى، تەھرىرلەش ۋە نەشرىيات ئىلمى، تارقىتىش ئىلمى.

سەنئەت تىپىدىكىلەر:رادىئو-تېلىۋېزىيە رېژىسۇرلۇقى.

تارىخ تىپىدىكىلەر: جوڭگۇ تارىخى، دۇنيا تارىخى، ئارخۇلوگىيە، مۇزىيشۇناسلىق، ئىجتىمائىي پەن تەجرىبە سىنىپلىرى(يۇەن پېي تەجرىبە سىنىپى)، مەدىنىي بۇيۇنلارنى قوغداش تېخىنىكىسى.

تەبىئىي پەن تىپىدىكىلەر:تەبىئىي پەن تەجرىبە سىنىپلىرى(ماتىماتىكا، يۇەن پېي تەجرىبە سىنىپى)، ماتىماتىكا، فىزىكا.خېمىيە، ئاسترونۇمىيە، گېئولوگىيە، يەرشارى خېمىيىسى، يەرشارى فىزىكىسى، قوللىنىشچان كۈچ ئىلمى ۋە نەزەرىيىسى، ئېلىكترۇن ئۇچۇر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، مىكرۇ ئېلىكترۇن ئىلمى، ئۇچۇر ئىلمى تېخنىكىسى، سېستىما ئىلمى، بوشلۇق ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى.

بېئولوگىيە تىپىدىكىلەر:بىئو خېمىيە، بېئولوگىيە ئىلمى، بېئولوگىيە تېخنىكىسى.

جۇغراپىيە تىپىدىكىلەر:جۇغراپىيە ئىلمى، جۇغراپىيە ئۇچۇر سېستىمىسى، ئىلىم پەن قۇرۇلۇشى ھېسابلاش سېستىمىسى.

ئاتمۇسفىرا تىپىدىكىلەر: ئاتمۇسفىرا ئىلمى.

ماتىرىيال ئىلمى تىپىدىكىلەر:ماتىرىيال خېمىيىسى.

مۇھىت قۇرۇلۇشى:مۇھىت ئىلمى، ئېكولوگىيە

پىسخۇلۇگىيە ئىلمى:پىسخۇلۇگىيە

ئېلىكترۇن گاز ئىلمى:كومپيۇتېر ئىلمى تېخنىكىسى، ئىقتىدارئىلمى تېخنىكىسى،

قۇرۇلۇش كۈچ ئىلمى:قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى ئانالىز ئىلمى.

مېدىتسىنا تىپىدىكىلەر:تىبابەت سېستىمىسى كەسىپلىرى(ئايرىم چۈشەنچە بېرىلىدۇ)

باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش تىپىدىكىلەر:ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سېستىمىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، بازار مۇلازىمىتى، بوغالتىرلىق، ئادەم كۈچى مەنبەسىنى باشقۇرۇش.

ئاممىۋې باشقۇرۇش تىپىدىكىلەر:ئاممىۋې پىرىنسىپ باشقۇرۇش، شەھەر باشقۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە ماتىماتىكا كەسپى.

كۈتۈپخانا ئارخىپ ئىلمى:كۈتۈپخانا ئىلمى، ئۇچۇر مەنبەسىنى باشقۇرۇش.

چەتئەل تىلى ئەدىبىياتى تىپىدىكىلەر:ئىنگىلىزتىلى، رۇس تىلى، چاۋشىيەن تىلى، ئەرەب تىلى، ياپون تىلى، ئىسپان تىلى، گىرمان تىلى، فىرانسۇز تىلى.

ئۇنۋېرسىتىتا ھازىر 16مىڭ73 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خزمەتچى.29مىڭ617ئوقۇغۇچى بار.دوكتۇر تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن 199ى، ئاسپرانت تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن 211ى، تولۇق كۇرس كەسپىدىن100ى بار.139 كەسىپتىن 35 دوكتۇر ئاشتى تەربىيىلەش ئورنىغا ئىگە.

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى پروففىسۇر، دوكتۇر تەربىيىچىسى، قوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئاكادىمىكى ۋە دۆلەتلىك نۇقتىلىق پەن، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا سانى جەھەتتە دۆلىتىمىز بويىچە بىرىنجى ئورۇندا.

ئۇنۋېرسىتىت ئالاھىدىلىكى تەھرىرلەش

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى تىلغا ئېلىنسىلا "گۇاڭخۇا"باشقۇرۇش ئېنىستۇتى ئەسكە كەلمەي قالمايدۇ.بۇ ئېنىستۇتتا 10 فاكۇلتىت بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ھالدا:قوللىنىشچان ئىقتىساد ئىلمى فاكۇلتىتى، پۇل-مۇئامىلە فاكۇلتىتى، ئۇيۇشما باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتىتى، بازار مۇلازىمىتى فاكۇلتىتى، سىتىراتىگىيە باشقۇرۇش فاكۇلتىتى، بوغالتىرلىق فاكۇلتىتى، باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى فاكۇلتىتى، تازىلىق ئىقتىسادى ۋە باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتىتى، تاۋار سىتاتسىتىكىسى ۋە ئىقتىساد مىقدارى فاكۇلتىتى، ئۇچۇر سېستىمىسى ۋە تاۋار ئاقما باشقۇرۇش فاكۇلتىتى

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى مېدىتسىنا بۆلىمى بولۇپ ئايرىم چۈشەنچە بېرىلىدۇ.

بەشىنچى بۆلەك، ئۇنۋېرسىتىتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار:

ھەريىلى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا قوبۇل قىلىنىدىغان شىنجاڭلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بەكلا چەكلىك-تۆت نەپەر، مېدىتسىنا بۆلىمى 12 نەپەر. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن خەنزۇتىلىدا ئوقۇغان، ئۇيغۇر يېزىقى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر يېزىقى ئۆزگىنىش دولقۇنى قوزغىلىپ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەشكىللەپ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش سىنىپى ئاچقان، ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى كۆرىنەرلىك،

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا يۇقىرى نۇمۇر بىلەن تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە، جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىكىغا ئىمتىھانسىز ئاسپرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان ساناقلىق مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئارىسىدائۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بار.

ئالتىنچى بۆلەك، خۇلاسە

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق داڭلىق ئۇنۋېرسىتىت، مەكتەپ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىغىچە كىشىنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ.ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەركىن پىكىرلىك، قويۇق دېمۇكراتىك ئىدىيە ئەينى دەۋردىكى ياشلاردىكى قىزغىنلىقنى ئەسلىتىدۇ.

تور ئادرىسى:http://www.pku.edu.cn/