تارىم قۇملۇق تاشيولى

تەكلىماكاننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان قۇملۇق تاشيولى دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر شۇنداقلا ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق تاشيولى ھېسابلىنىدۇ
    تارىم قۇملۇق تاشيولى —نۆۋەتتە دۇنيادىكى كۆچمە قۇملۇق ئۈستىگە سېلىنغان ئەڭ ئۇزۇن تاشيول بولۇپ ، 1993 – يىل مارتتا ئىش باشلىنىپ ، 1995 – يىل سېنتەبىردە پۈتكەن. بۇ قۇملۇق تاشيولى دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹8 – بەش يىللىق پىلان›› دىكى مۇھىم پەن – تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى بولۇپ ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ، 17 پەن – تەتقىقات ئورنى ، 180 دىن كۆپ مۇتەخەسىس ۋە پەن – تېخنىكا خادىملىرى بۇ تۈرگە قاتنىشىپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ۋە دۇنيا دەرىجىلىك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان.
    بۇ قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 512 كلومېتىر، ئاساسىي يول كەڭلىكى 10 مېتىر ، ئاسفالت يول يۈزىنىڭ كەڭلىكى يەتتە مېتىر بولۇپ، بۇ يولىنىڭ ياسىلىشى تارىم ئويمانلىقىدىكى گاز، نېفىت ئېچىشنى تېزلىتىش ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىي رايونىغا بېرىپ ، قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيىسى قىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىدۇ.