تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر

«تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» (唐会要)

«تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخشۇناس ۋاڭ پۇ (919- 982- يىللار) تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەر خىل قائىدە- تۈزۈملەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بايان قىلىنغان 100 جىلدلىق تارىخىي ئەسەر.

«تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» گەرچە خاس تاڭ سۇلالىسىنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ياشىغان مىللەت- قەبىلىلەرنىڭ تارىخىغا دائىر كونا، يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدىغان مۇھىم مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن. 72- جىلدنىڭ «ئات» ۋە «ۋاسسالار» ئېتىنىڭ تامغىسى» دېگەن تارمىقىدا تاڭ سۇلالىسى بىلەن شىمالدىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئات سودىسى، ئۇيغۇر قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۈرلىرى، ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئاتلىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىڭ شەكىلى (ئۆرنەڭلىرى) كۆرسىتىپ بېرىلگەن . بۇلار مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

94- جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە شىمالىي تۈركلەر (شەرقىي تۈركلەر) ۋە غەربىي تۈركلەر ھەققىدە قىسقا بولسىمۇ خېلىلا ئېنىق خاتىرىلەر بېرىلگەن.

98- جىلدىدا «سىر- تاردۇش» ۋە «ئۇيغۇرلار» ھەققىدە خاتىرىلەر بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئۇيغۇرلار» تارمىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ جايلىشىشى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇشى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە ۋە جەنۇبقا كۆچۈشى قاتارلىق مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن.

100- جىلدىدا تۈركىي قەبىلە قارلۇقلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسىگە دائىر مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا «تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» نىڭ باشقا جىلدلىرىدىمۇ باشقا تۈركي قەبىلىلەرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسىگە دائىر مەلۇماتلار ۋە غەربىي رايون بىلەن تاڭ سۇلالىسى ۋە تۈرك خانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن. بۇلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تارىخىنى ۋە غەربىي رايون تارىخى، جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال بولالايدۇ.