جۇڭگو شىنخۇا ئاگېنتلىقى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئاگېنتلىقى بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەركەزلىك ۋە بىر تۇتاش ئاخبارات تارقىتىش ئاپپاراتى. ئۇنىڭ ئەسلىيسى قىزىل جۇڭخۇا ئاگېنتلىقى بولۇپ، 1931 - يىل11 - ئاينىڭ7 - كۈنى جياڭشىنىڭ رۈيجىڭ شەھىرىدە قۇرۇلغان، 1937 - يىلى1 - ئايدا ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا100 گە يېقىن شۆبىسى بار، مەملىكەت ئىچىدە تەيۋەن ئۆلكىسىدىن باشقا ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھەممىسىدە شۆبىسى، ئازادلىق ئارمىيىدە باش شۆبىسى، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىدە، چوڭ ھەربىي رايونلاردا شۆبىسى بار.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھەر كۈنى مەملىكەت ئىچىگە خەۋەر - ماقالە تارقاتقاندىن باشقا، مەملىكەت سىرتىغىمۇ ئالتە خىل يېزىقتا خەۋەر - ماقالە تارقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى گېزىت - ژۇرناللارنى كۆپ خىل يېزىقتا زاكازلىق خەۋەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. شياڭگاڭدا ۋە مەملىكەتنىڭ سىرتىدا ئون نەچچە نەشر قىلىش پونكىتى ۋە تەمىنلەش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇلار خەۋەرلەرنى بېسىپ چىقىرىش ۋە تەمىنلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.