قىز مۇنارى ئىستانبۇلنىڭ رومانتىك مەنزىرلىرگە ساھىپ يەرلىرىدىن بىرسى. ئادەتتە ئۈسكۈدار رايونى مۇشۇ قەلئە بىلەن تونۇلىدۇ. بۇ قەلئەنىڭ سېلىنىش تارىخى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە قەدەر ئۇزۇن. يۇنانلار بۇ يەرنى بىر تامۇژنا قىلىپ قوللانغان، چۈنكى ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ياقىسىنى تۇتاشتۇرغان بوغازدا بۇ يەرنىڭ ئورنى مۇھىم ئىدى. تۈركلەر ئىستانبۇلنى ئالغاندىن كىيىن فاتىخ، ئوسمان ئېمپىريسىنىڭ سۇلتانى، بۇ يەرنى بىر كۆڭۈل ئېچىش ۋە زىيارەت قىلىدىغان يەر قىلىپ بېكىتكەن. كىيىن نەۋشەھەرلىك كۈيئوغۇل ئىبراھىم پاشا بۇ قەلئەنى رېمۇنت قىلدۇرغان. 2000-يىلى قەلئە قايتىدىن رىمونت قىلىندى. ئەمما قەلئەنىڭ ئاساسى، قۇرلىشى يەنىلا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ئەسلى ھالىتى بويىچە رېمۇنت قىلىنغان.

تىرەگىديەلىك ئاشىق رىۋايىتى: قەدىمدە بۇ يەر ياش قىز يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىدىغان ماكانى ئىكەن. بۇرۇن ئىككى ياش بىر زىياپەتتە تونۇشۇپ قالىدۇ، كىيىن ئۇلار قىز مۇنارىدا ئۇچراسماقچى بولىدۇ. قىز قولىغا پانۇس(پەنەر) ئېلىپ مۇناردا ساقلايدۇ. يىگىت ئۈسكۈداردىن سۇ ئۈزۈپ كەلمەكچى بولىدۇ، ئەمما پانۇستا ياغ تۈگەپ كېتىپ يىگىت يولنى تاپالماي بوغازنىڭ سۇيىغا يەم بولىدۇ، بۇنى ئۇققان قىز ئۆزىنى دېڭىزغا ئاتىدۇ.

ئۈزۈم رىۋايىتى: يۇنان پادىشاھنىڭ گۈزەل بىر قىزى بار ئىكەن. يۇنان پادىشاھىغا پالچى مۇنداق دەپتۇ:

-قىزىڭىزنى 18 ياشقا كىرگەندە يىلان چېقىۋالىدۇ.

پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلى يېرىم بولۇپتۇ، ھەمدە مۇشۇ مۇنارنى سالدۇرۇپ قىزنى يىلاندىن ئۈزۈن تۇتماقچى بوپتۇ، كىيىن قىزغا ئەۋەتكەن ئۈزۈم سۆۋىتى ئىچىدىن چىققان يىلان قىزنى چېقىۋاپتۇ. پادىشاھ قىزنى ئاياسوفياغا دەپنە قىپتۇ. كىشلەر يىلانلارنىڭ بۇ قىزنىڭ مىيتىگىمۇ ئارام بەرمىگەنلىكنى ئېيتىشىدۇ، بۇ رىۋايەت بىر ئاز تەقدىر تۈسىنى ئېلىپ قالغان.

كىچىلىك مەنزىرىسى باشقىچە گۈزەل.