كومپاس مۇزىكا ئەترىتى

كومپاس مۇزىكا ئەترىتى ئامېرىكدىكى تۆت نەپەر ئۇيغۇر ئەركەك ياش بىرلىشىپ قۇرۇغان كۈلتۈر خاراكتىرلىك مۇزىكا ئەترىتى. كومپاس مۇزىكا ئەترىتنىڭ ئورگان مەنزىلى: Kompas band | uyghur band

مۇزىكا ئەترىتنىڭ قۇرغۇچىسى: مۇزاپپار ئوسمانئوغلى (فىلىم ئىشلىگۈچى، مەزمۇن ئىجادىيەتچىسى، گۇگول كۈرۈشچان ئارتىست، سازچى، يوتىيۇبچى، ۋىلوگېر، ئىجتىمائى تاراتقۇ تەسىراتچىسى)

مۇددىئاسى تەھرىرلەش

مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش، ئىجادىي ئۇيغۇر ناخشىىلىرىنى چىقىرىش، مۇزىكىلىق ۋىدىيو ئىشلەش، شۇنداقلام بار كۈچى بىلەن مۇھاجىرەتتە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان شۇنداقلام تويغا قەدەم قويغان ياش بىر جۈپلەرنىڭ توي مۇراسىمىنى بار كۈچى ھەم سەۋىيە بىلەن نەق مەيدان ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىمىز بىلەن قىززىتىپ ئوت چىقىرىۋېتىش!

بۇندىن ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان بۇ بوشلۇقنى توشقۇزۇش بىزنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان بىر ئىش.

كومپاس بولسا ھەر زامان بىر نىشاننى كۆرسۈتۈپ تۇرىدۇ، بىزمۇ بۇندىن كېيىن مەيلى قانچىلىك جاپا تارتساق، بۇ نىشانىمىزدىن ۋاز كەچمەي، بۇ ئەترەتنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ چىقىشنى نىيەت قىلدۇق.