«يېڭى تاڭنامە» (新唐书)

«يېڭى تاڭنامە» شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (960- 1126- يىللار ئۆتكەن ئوۋ ياڭشيۇ، سۇڭ چى قاتارلىق كىشلەر تەرىپىدىن مىلادىيە 1044- 1060- يىللار ئارىلىقىدا يېزىپ چىقىلغان. تەزكىرە- يىلنامە شەكىلىدە تۈزۈلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرى تارىخىي بايان قىلىنغان 255- جىلدلىق تارىخىي ئەسەر.

«يېڭى تاڭنامە» بىلەن «كونا تاڭنامە» نى ئەدەبىي ئۇسلۇپ جەھەتتە سېلىشتۇرغاندا، «يېڭى تاڭنامە» ئۈستۈن ئوروندا تۇرىدۇ. ئەمما، تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بار. «يېڭى تاڭنامە» بىر قەدەر سىستېمىلىق، تەپسىلىي تۈزۈلگەن. «كونا تانامە» بىر قەدەر ئىخچام، ماتېرىياللار ئەينەن ساقلانغان ئاساستا تۈزۈلگەن. «يېڭى تاڭنامە» گە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر تولۇق ھەم تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

«يېڭى تاڭنامە» نىڭ 215- جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە شەرقىي تۈرك ۋە غەربىي تۈركلەرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، ئۆرپ- ئادىتى، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، شەرقىي تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تېلى قەبىلىلىرى، تاڭ سۇلالىسى، غەربىي تۈركلە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، كېيىنكى شەرقىىي تۈرك خانلىقى ۋە ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى، ئۇيغۇر قاتارلىق تېلى قەبىلىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىتى قاتارلىقلار بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

«يېڭى تاڭنامە» نىڭ 217- جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى، ئۇلارنىڭ تۈرك خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، قەبىلىلەر مۇناسىۋىتى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تىبەتلەر ۋە غەربىي رايونىدىكى مىللەت، قەبىلىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، مانى دىنىنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تارقىلىپ كىرىشى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن جەنۇپ ۋە غەربكە كۆچۈشى قاتارلىق بىر قەدەر ئېنىق، سىستېمىلىق بايان قىلىنغان .