ھىلارى كېلىنتون (Hillary Diane Rodham Clinton)، ئايال، 1947-يىلى 26- ئوغۇز كۈنى، ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 

1969-يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان.

1973-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 

ئوقۇۋاتقان چېغىدا، كلىنتون بىلەن تونۇشقان. ئىككىسى 1975-يىلى 10-ئايدا توي قىلغان.

1993-يىلى كلىنتون بىلەن بىللە ئاق سارايغا كەلگەن. ھىلارى ئامېرىكا تارىخىدىكى 1-خانىملار ئىچىدە مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئاق سارايدىكى سەككىز يىل جەريانىدا، ھىلارى سىياسىي ئىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىسلاھاتىغا مەسئۇل بولغان.

2000-يىلى 2-ئايدا، ھىلارى نيۇ-يورك شتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تارىختىكى تۇنجى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى كۆزلىگەن 1-خانىم بولۇپ قالغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان.

2008-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىدا، دېموكراتلار پارتىيىسىگە ۋەكىل بولۇپ، سايلامغا قاتناشقان، بىراق يېڭىلىپ قالغان. ئوباما زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ھىلارىنى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىلىقىغا تەيىنلىگەن.