2011-يىلدىكى ياپونىيە يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى

«خەلق گېزىتى»نىڭ 15-مارت توكيودىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ساقچى دائىرلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 15-چېسلا سائەت 20گىچە يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە 3373 ئادەم قازا قىلغان، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقۇلۇپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان جاي مىياگى، ئىۋاتې ۋە فۇكۇشىما ناھىيەسى ئىكەن. نۆۋەتتە، ئاپەت رايونىدا تەخمىنەن 440 مىڭ ئامما پاناھلىنىۋېتىپتۇ، ھەرقايسى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرى ئېتىك بولۇپ، ئىچىملىك سۇ، يېمەكلىك، يۇڭ ئەدىيال قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى كەمچىل ئىكەن.

ياپونىيە فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۆت گېنراتورلار گۇرۇپپىسى تۆت كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن پارتىلىغان. پاپونىيە باش ۋەزىرى ناتو كەن 15-چېسلا رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىش خەۋپىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ناتو كەن ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 15-چېسلا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ياپونىيەنىڭ يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىدىكى جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ تەرتىپلىك قايتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا كونكرېت قايتۇرۇش لايىھەسى، يىغىلىدىغان ئورۇن، ئالاقىلىشىدىغان ئادەمنى جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تورىغا چىقىپ كۆرۈڭلار دېيىلدى.

«خەلق گېزىتى»نىڭ 14-مارت توكيودىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپ 11-چېسلا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا 1800دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغانلىقىنى، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

14-چېسلا ئاپەتتىن كېيىنكى تۇنجى پاي چېكى بازىرى ۋە پېرىۋوت چېكى بازىرى سودا كۈنى. پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە، ياپونىيەدىكى نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى توختاپ قالدى، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، 633.94 ۋە 9620.49 نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى، چۈشۈش نىسبىتى ٪6.18 كە يېتىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ زور چۈشۈش بولۇپ قالدى.

توك بىلەن تەمىنلەش يېتىشمىگەنلىكتىن، 13-چېسلا كەچتە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى «توك بىلەن پىلانلىق تەمىنلەش» تەدبىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، يەنى توكيو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 8 ناھىيەنى 5 گۇرۇپپىغا ئايرىپ، نۆۋەت بىلەن ھەر گۇرۇپپىدا كۈنىگە 3 سائەت توك توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

14-چېسلا سائەت 11دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە، فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 3-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى پارتلاپ كەتتى. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى نەق مەيداندا 6 ئادەم يارىلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

14-چېسلا سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، توكيو ئېلېكتىر شىركىتى فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتكە جىددىي ئەھۋال ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ 1- ۋە 3-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ پارتلاش جەريانىغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، 2- نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ پارتلاپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن زور، دەپ قارىدى.


مەنبە https://web.archive.org/web/20110925005718/http://uyghur.people.com.cn/157170/15151200.html

https://web.archive.org/web/20110319224251/http://uyghur.people.com.cn/157170/15151051.html