ئائىلىدىكى پۇرچاق بوتقىسى

يېڭى پۇرچاق بوتقىسى بىر پارچە، ھۆل پۇرچاق ئۇنى ئازراق، قوي گۆشى 70 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، سامساق مايسىسى مۇۋاپىق، كاۋاۋىچىن ئازراق، توخۇ شورپىسى ئازراق، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق، جاڭيۇ بىر قوشۇق، سۇ يېغى 70 گرام، سېرىق ھاراق ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، كراخمال ئازراق، پۇرچاق قىيامى ئازراق.

1. پۇرچاق بوتقىسى چوڭ - كىچىكلىكىىنى ئوخشاش قىلىپ رومبا شەكىلدە توغراپ، ئۈستىدىن تۇز سېپىپ تەملەندۈرۈلىدۇ

2. ساپلىققا ماي قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، پۇرچاق بوتقىسى سېلىپ تەكشى سارغايتىپ سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.

3. گۆشنى تىرناقتەك چوڭلۇقتا نېپىز ياپىلاقچە توغراپ، 7 دەرىجە قىزىغان مايغا سېلىپ، پىياز، زەنجىۋىللەر بىلەن بىللە قورۇلىدۇ.

4. ساپلىققا ماي قۇيۇپ، ئۇنىڭغا پۇرچاق قىيامى، سوققان لازا سېلىپ قورۇپ، جاڭيۇ، سېرىق ھاراق، توخۇ شورپىسىدا تەييارلانغان تەڭشەلگەن شورپىنى سېلىپ قاينىتىپ، پۇرچاق بوتقىسىنى سېلىپ سۇس ئوتتا سەككىز مىنۇت سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇپ، شورپىسى تۈگەپ يىرىمى قالغاندا ئوتنى كۈچەيتىپ، كراخمال، تېتىتقۇ، سامساق مايسىسى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئۇسىمىز. ئۈستىگە ئازراقلا كاۋاۋىچىن ئۇنى سېپىلىدۇ.


[تۈر:ئۇماچلار]]