نىكاھ ۋە قانداشلىقنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي بىرلىك، ئادەتتە ئاتا - ئانا، بالا - چاقا ۋە باشقا بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

مېھمان كەلگەن ئۆي جەننەت. چوڭ ئۆينىڭ ئورتاق، كىچىك ئۆينىڭ ئۆزىگە. مۇھەببەتسىز ئۆي ئۆي بولماس، جانسىز تەن ھەقىقىي ئادەم ئەمەس. ئائىلىنىڭ توقلۇقى تۈتۈنىدىن مەلۇم. ئىسراپخور ئائىلە ۋەيران بولماي قالماس. ئائىلىسىگە قاراپ ئادىتى. ئائىلىدە گەپ - سۆزنىڭ بولماسلىقى - تويدا نەغمە سازنىڭ بولماسلىقى. ماختىنىش بىلەن ساختىلىق - بىر ئائىلە.

<بىئول> جانلىقلار سىستېمىسىدىكى تۈزۈلۈش جەھەتتىن بىر - بىرىگە ئوخشاش، كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئۆزئارا يېقىن بولغان ھەمدە بىر نەچچە ئۇرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇرۇپپا.