ئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقى

ئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقى جەمئىيەتشۇناسلىق نەزىرىيەلىرى ئىچىدىكى مۇھىم بالا تۈرلەرنىڭ بىرى. گەرچە جەمئىيەتشۇناسلىق پەن سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنغىلى خىلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، ئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقىنىڭ تەرەققى قىلىشى يىقىنقى نەچچە ئون يىل دىيىشكە بۇلىدۇ. چۈنكى جەمئىيەتشۇناسلىق پەن بۇلۇپ شەكىللەنگەندە كىشىلەر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆپرەك بۆلگەن، ئائىلە قاتارلىق مىكرو قىسىملارنى تەتقىق قىلىش ئانچە يىتەرلىك بولمىغان.

ئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقى ئائىلىنى جەمئىيەتتىكى بىر ئاپارات ۋە ئىجىتمائىيلىشىش(ياشاشنى ئۈگىنىش ۋە ماسلىشىش) جەريانىدىكى بىر ۋاستە سۈپىتىدە كۈرىدۇ.

بەلكىم بىزدە كۈپىنچە كىشىلەر مورگاننىڭ ”قەدىمقى جەمئىيەت“ قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئوقۇغان بۇلىشى مۇمكىن. بىزدە يەنە ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ”ئائىلە“ ناملىق كىتابىمۇ نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتابلارغا قارايدىغان بولسا، ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمقى دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئائىلە شەكىللىرى، فونكىسيەسى قاتارلىق تەپىسلىي تونۇشتۇرۇلغان. بۇ كىتابلاردا ئائىلىنىڭ كۆپ خۇتۇنلۇق، كۆپ ئەرلىك، ئانا ئورۇقداشلىق، ئاتا ئورۇقداشلىق… قاتارلىق نورغۇنلىغان ئىپتىدائىي شەكىللەردىن بۈگۈنكى كۈندىكى بىر ئەر بىر خۇتۇنلۇق ۋە باراۋەرلىك ئاساس ئورۇندا تۇرىدىغان جەمئىيەتكىچە بولغان تەدىرىجىي تەرەققىيات تەپەككۇرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرقى ئائىلىلەرنى ئىنسانىيەتنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، دەپ قاراش دارۋىننىڭ ”تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى“ ناملىق ئەسىرىدىكى تەپەككۇر ئەندىزىسى بۇيىچە ئىنسانىيەتنىڭ تۈۋەن باسقۇچتىن يۇقىرىغا باسقۇچقا تەرەققى قىلىپ چىقىشىدەك ”تەدىرىجى تەرەققىيات“ نەزىرىيەسىنى يىتەكچى ئىدىيە قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە پەن دۇنياسىدا تەدىرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسىنىڭ بەزى قاراشلىرى مىتود سۈپىتىدە قوللىنىلسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تەدرىجى تەرەققىيات تەپەككۇر ئەندىزىسى ئاللىقاچان مودىلىقىدىن قالدى. شۇڭلاشقا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ ھايۋان شەكىلدە ياشىغانلىقى، كۆپ ئەر كۆپ خۇتۇنلۇق، بىر ئەر كۆپ خۇتۇنلۇق ۋە بىر ئايال كۆپ ئەرلىك ئائىلە بولۇش قاتارلىق ئائىلە ۋە قانداشلىق ئەندىزىسى بۈگۈنكى كۈندە ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنمايدىغان بولدى. گەرچە 18 ۋە 19-ئەسىرلەردە تەتقىقاتچىلار ئىپىتىدائىي قەبىلىلەرنى كۈزىتىش ئارقىلىق يۇقىرىقىدا نەتىجىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئەندىزە دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە ماس كىلەمدۇ؟ دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە كىشىلەر شۇنداق ياشىغانمۇ؟ بۇ شۆبھىلىك مەسىلە بولماقتا.

ئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقى 1950لەردىن كىيىن خىلى كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا مەيلى غەرپتە بولسۇن، مەيلى شەرقتە بولسۇن زامانىۋىلىشىش ۋە كاپىتالىزىم يىڭىچە شەكىلدە ھۈكۈم سۈرۈشكە باشلىدى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىقلاردا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىنىڭ قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى، ئەر-ئايالنىڭ ئورنى، ئەۋلاد قالدۇرۇش، جىنىسيەت ئەركىنلىكى… قاتارلىق نورغۇن ساھەلەردە ئۆزگىرىش يۈز بىرىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن كىلىپ چىققان مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش مۇھىم كۈن تەرتىپ بولۇپ قالدى.

ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە ئائىلە بىر خىل تۇراقلىق، مۇقىم قېلىپقا ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولغاچقا، ئائىلىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلى كىلىپ چىققان مەسىلىلەر ناھايتى تىزلا كوللىكتىپ ۋە جامائەت ئىچىدە ھەل قىلىناتتى. جۈملىدىن شەخسىنىڭ ئەتراپىدىكى كۈچلۈك جامائەت مۇھىتى ئائىلىدىن كىلىپ چىققان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يىتەرلىك زىمىن بىلەن تەمىنلەيتتى. مەسىلەن بىرى يىتىم بولۇپ قالسا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش، بويتاقلارنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇش، يولدىن چىقىشقا يول قويماسلىق، ئەخلاقىسىزلىقلارنى چەكلەش، ئىشلەپچىقىرىشتا(دىھقانچلىق، چارۋىچىلىق) ئىشلىرىدا ئەمگەك كۈچى كەملىسە، قوشنىلار، تۇققانلار ياردەم قىلىش… قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تۈزۈم ۋە قېلىپلاشقان ئوسۇللار ئائلىنىڭ مۇقىملىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە قوغدايتتى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە جامائەت ۋە مەھەللىنىڭ كۈچى قالمىغاچقا ۋە جەمئىيەت يۈكسەك دەرىجىدە شەخسىلەشكەن بولغاچقا ئائىلىدىن كىلىپ چىققان مەسىلىلەر جەمئىيەت ياكى بىر قەۋمنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى شەخسىنىڭ مەسىلىسى سۈپىتىدە قارالماقتا. مەسىلەن 200يىل ئىلگىرى غەرپ دۇنياسىدا ئاجرىشىش دۇنيادىكى ئەڭ پەسكەش ئىشلارنىڭ بىرى سانىلاتتى. ئەمما ئاجرىشىش بۈگۈنكى كۈندە ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە نورمال ئىش ۋە باشقىلار قوبۇل قىلالايدىغان بىر ھادىسىگە ئايلاندى. ئاجرىشىش نىسپىتى قانچىكى يۇقىرى كۈرۈلسىمۇ، كۆپ سانلىق دۆلەتلەر بۇ خىل ھادىسىنى مەسىلە سۈپىتدە كۆرمەيدۇ ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ. ئەكىسچە ئاجرىشىشنى شەخسىنىڭ ئىشى سۈپىتدە كۈرىدۇ. دىمەك، بۈگۈنكى زامان سىستىمىسىدا بەزى ئائىلە مەسىلىلىرى ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردىكىدەك مەسىلە سۈپىتدە كۈرۈلمەيدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە غەرپ دۇنياسىدا ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئائىلە پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. توي قىلىشنى خالىماسلىق، توي قىلماي بىللە تۇرۇش، پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىماسلىق ، شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقان ئاجرىشىش نىسپىتى، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ خورلىنىشى، جىنسىيەتنىڭ ئەركىنلىشىشى، ئەر-ئايالنىڭ تەڭ ئىشلىشى، جەمئىيەتنىڭ شەخسىلىشىشى…. قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئائىلە قۇرۇلمىسى ۋە قارىشىنىڭ يۇقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، بۇنىڭ بىلەن ئائىلىنىڭ پارچىلىنىش خاھىشى كۈرۈلمەكتە. غەرپنى قويۇپ ئۈزىمىزنى مىسالغا ئالغان تەقدىردىمۇ ئاجرىشىش نىسپىتىنىڭ كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۈرىۋاتىمىز. يىقىنىقى سىتاستىكىدا كۆرسىتىلىشچە جۇڭگۇدا 20-30% ئەتراپىدا ئاجرىشىش نىسپىتى بولۇپ، بۇ سان بارغانسىېرى يۇقىرى كۈتىرىلىۋېتىپتۇ. دىمەك، ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئائىلە قۇرۇلمسى دۇنيا خاراكتىرلىك يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە.

ئائىلىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە رۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى زامانىۋىلىشىش ۋە كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي سىستىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان نەتىجىلىرىدىن بىرى بولۇپ، گەرچە ھەممە ئادەم ئائىلىدە خۇشال ياشاشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما ئائىلە خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى بولۇشتىن قېلىشقا باشلىماقتا. مەسىلەن، بىر ئۆيدىكى ئىككى كىشى بىر-بىرىدىن تاپالمايدىغان خۇشاللىقىنى ئۈزىمۇ كۈرۈپ باقمىغان تور دۇنياسىدىكى مەۋھۇم كىشىلەردىن ئىزدىمەكتە ۋە ئالماقتا. زامانىۋى ئالاقە قۇراللىرى بىر ھىساپتا كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىيدىغان ۋاستە بولۇپ قالماقتا. مەسىلەن بىر ئۆيدە بىرلا تىلىۋۋوزۇر ياكى بىر مەھەللىدە بىر تىلىۋۇزۇر بار ۋاقىتلاردا ھەممە كىشىنى بىر يەرگە توپلىنالايتتى. ئەمما تېخنىكىلىق بويۇملار تۇرمۇشىمىزغا قانچىكى سىڭىپ كىرگەنسىرى كىشىلەر بىر-بىرىدىن ئايرىلىشقا، مۇستەقىل ياشاشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىر ئۆيدە ئادەم بېشىغا بىردىن تىلىۋوزۇر، تېلىفۇن، كومپىيوتىر توغرا كىلىدىغان بولۇپ، ئائىلە ئەزارلىرىنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى ئورتاق ھاياتىمۇ پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئۆي ئىچىدىمۇ ھەممە كىشى ئۆز-ئۈزى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتمەكتە، پەقەت داستىخان ھاياتىلا ئائىلە ئەزالىرىنى بىر يەرگە توپلىيالايدۇ.

يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ، ئەر-ئاياللارنىڭ ئورتاق ئىشلىشى ئىشقا ئاشقان بولغاچقا، كىمنىڭ كىمگە تۇرمۇشتا ھاجىتى چۈشمەيدىغان ياكى ئۈزىنىڭ ئىشىنى ئۈزى ھەل قىلىدىغان ھالەت مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرى مۇراسىم يۈزىسىدىنلا بىر-بىرىگە كۈيىنىدىغان، ياردەم بىرىدىغان پاسسىپ ھالەت شەكىللەندى. جۈملىدىن بۇ شەخسىلەشكەن بىر جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقارغان نەتىجىسى بولۇپ، ئىنسان مۇستەقىللەشكەن، ئەركىنلەشكەن، جامائەتنىڭ، مەھەللىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلغان بىلەن يۈكسەك دەرىجىدىكى يالغۇزلۇق، تۇرمۇشتىكى مۇستەقىللىق، ھىسياتتىكى خۈنۈكلۈك ئاۋۇشقا باشلىدى. …

بۈگۈنكى زامان سىستىمىسى ئەر-ئاياللارنىڭ ھۇقۇقىنىڭ باراۋەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئائىلىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن. بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئەر-ئايال ئىشلىيەلىسىمۇ، ھۇقۇق ۋە مەنپەئەتتە باراۋەر بۇلالىسىمۇ، ئۈزى خالىغان ئىشنى قىلىپ ياشىيالىسىمۇ، ئەمما ئائىلىدىن كىلىدىغان خۇشاللىق يىرىگە ئائىلىدىن بېسىم ھىس قىلىش(ئىقتىسادىنى قامداش، ئۆي ئېلىش) ۋە ئائىلىنى شادلىقنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇش(ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىللە ياشىشى) يىرىگە ئۇنى پەقەت بىئولوگىيەلىك ۋاستە سۈپىتىدە قوللىنىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر خىلىلا ئېغىر. مەسىلەن ئەر-خۇتۇن ئىشلىگەن ئائىلىدە پەرزەنت بېقىش مەسىلىسى بۈگۈنكى زامان سىستىمىسى مۇكەممەل ھەل قىلالمىغان بىر مەسىلە. ھەر ئىككى ئادەم ئىشلىسە بالىنى كىم باقىدۇ؟ ئۇيغۇرلاردەك چوڭ دادىسى بىلەن چوڭ ئانىسى بېقىپ بىرىدىغان ئىش نەدە؟ ئاندىن بالىنى مەكتەپتە ئاپىرىپ ئەكىلىش ئانچە قۇلاي ئىش ئەمەس. بالا ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇغان تەقدىردە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى رىشتە ئانچە باغلانمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم ئۆيگە يىراق يەردە خىزمەت قىلىش كاپىتالىزىمنىڭ خىزمەتكارلارغا بەرگەن ”سوۋغىسى“….

ئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۈلۈك ھۇقۇقى، مىراس ھۇقۇقى، ئائىلە مۇناسىۋېتى، ئائىلە تۈزۈمى، ئائىلىنىڭ قۇرۇلمىسى، ئائىلىدىكى رول، ئائىلە قاراشلىرى…. قاتارلىقلار مۇھىم مەزمۇن سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئائىلىنى تەتقىق قىلغانلار ئائىلىنىڭ ئىقتىساد، كۈڭۈل ئېچىش، بالا تەربىيلەش، مائارىپ ۋە دىن قاتارلىق جەھەتلەردىكى فونكىسىيەسىنى ئەنئەنىۋى تەپەككۇر ئەندىزىسى بىلەن باھالاشقا ۋە تەسۋىرلەشكە كۈنۈپ كەتكەن. بۇنداق ئەنئەنىۋى تەتقىقاتچلىق ئوسۇلى بىلەن ئائىلىنى مۇكەممەل شەكىلدە تەتقىق قىلغىلى بولمايدۇ.

ئائىلە مەسىلىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش تەدبىرىنى بۇ كىچىك يازمىدا ساناپ بولغىلى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغىلى بولمايدۇ. ئائىلە جەمئىيەتشۇناسلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەر يېزىش مۇمكىن. بۇ يەردە پەقەت قىسقىچە چۈشەنچە بىرىلدى.