ئابدۇراخمان ئەپەندى

ئابدۇراخمان ئەپەندى
ۋاپات بولغان يەر
مىللىتىئۇيغۇر

ئابدۇراخمان ئەپەندى (تولۇق ئىسمى ئابدۇراخمان مۇھەممەت رەھىمى) 1880 - يىللار ئەتراپىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۆستەڭ بويى تۇماقچى مەھەللىسىدە تۇغۇلىدۇ. سەككىز ئايلىق ۋاقتىدىلا ئانىسى ئەزىزخان ئۇنى ئاتۇشقا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ ئاتۇش سۇنتاغدا دىنىي مەكتەپتە 12 ياشقىچە، كېيىن ئىككى يىل قارىيلىقتا ئوقۇيدۇ. شۇ كۈنلەردە قەشقەردە تۇرغۇچى شېرىپبەگ دېگەن تاغىسى تەرىپىدىن قەشقەرگە ئېلىپ كېتىلىپ، قەشقەردە خەنزۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسىغا بەگ بولىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئائىلە ماجىراسى بىلەن تاغىسى شېرىپبەگ ئۇنى قاتتىق ئۇرىدۇ ۋە ئۇ ئاتۇشقا قايتىپ كېتىدۇ.

كېيىن ئاتۇشتىكى ئاتىسى رەھىم چوڭنىڭ ئاكىسى موللانىياز ھاجىم ئۇنى قاراقولغا (ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل ۋىلايىتى) گە يولغا سېلىپ قويىدۇ. ئۇ داۋالىنىپ سالامەتلىكى بىر ئاز ياخشىلانغاندىن كېيىن 1919 - يىلى تاش كەنتتىكى چەت ئەل مۇھاجىرلار كومىتېتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولىدۇ. 1931 - يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى باشلىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭەيگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئابدۇراخمان ئەپەندىنى يۇنۇس بەگ (يۈۋىنلىن) بىلەن بىللە قەشقەرگە بېرىپ قەشقەر ۋالىيسى ماشاۋۋۇ (مادوتەي) نى ئۇرۇشسىز قورال تاپشۇرۇشقا ماقۇل كەلتۈرۈشكە ئەۋەتىدۇ. بۇ كىشى مادوتەينىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ ۋە ئاتۇشلۇق رىشتەم مادوتەينىڭ قول ئاستىدىكى قىرغىز ئوسمان ئەلىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۈچ تۇەن ئەسكەر تەشكىل قىلىپ، ئوسمان ئەلنىڭ قولى بىلەن ماشاۋۋۇنى تەسلىم قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئابدۇراخمان ئەپەندى كەلگەن يېرىدىن خوجىنىياز ھاجىم مەسلىھەتچى بولۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ.

1934 - يىلى قەشقەرگە بېرىپ بىر مەزگىل مامۇت مۇھىتىنىڭ يېنىدا ئىشلەپ، قەشقەردە ئۇيغۇر ئۇيۇشما قۇرۇق ئىشىنى باشقۇرىدۇ. كېيىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىدۇ ۋە قەشقەردىن بىللە كەلگەن كېرەمخان ئەيسازادە ۋە لۈكچۈنلۈك تاھىر بەگ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۈرۈمچىدە مەركىزى مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرىدۇ. ئابدۇراخمان ئەپەندى شۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇغۇچى چىقىرىش ئىشىنى ئىشلەيدۇ. مەدەنىيەت، مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى تەشكىللەشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. كېيىن ئابدۇراخمان ئەپەندى مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ئابدۇراخمان يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش خىزمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم مۇئاۋىن رەئىس بولغاندىن كېيىن خوجىنىياز ھاجىمغا مەسلىھەتچى بولىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم قولغا ئېلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئادەممۇ غايىب بولىدۇ.


مەنبە تەھرىرلەش