ئابدۇرېھىم غېنى

ئابدۇرېھىم غېنى

Abdurehim Gheni

شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1976-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى (45 ياش)
ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
مىللىتى ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى گوللاندىيە
تۇرار جايى ئامىستېردام، گوللاندىيە
ئوقۇغان مەكتىپى1 لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى
خىمىيە فاكۇلتېتى
تونۇلغان سەۋەب ئاكتىۋىست,
ئۇيغۇر كىشلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىسى

ئابدۇرېھىم غېنى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Abdurehim Gheni) بولسا 1976-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋېلايىتى ئۇچتۇرپان ناھيىسدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۇچتۇرپان ناھىيسدە ئوقۇغان. 1994-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ تەييارلىق بۈلىمىدە 1996-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 7- ئايغىچە لەنجۇ ئۇنۋېرسىتىنىڭ خېمىيە فاكۇلتىتىدا يادىرو خېمىيە كەسپىدە ئوقۇغان.

خىزمەت ھاياتى تەھرىرلەش

ۋەتەندىكى خىزمەت ھاياتى تەھرىرلەش

  • 2002-يىلى 6-ئايدىن 2005-يىلى 11-ئايغىچە ئاقسۇ ۋېلايەتلىك پىداگوكىكا مەكتىۋېدە خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئىشلىگەن.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىم ئاقسۇ ۋېلايەتلىك پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىدا خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئىشلىگەن مەزگىللەردە، 2004-يىلى خىتاي ھۈكۈمىتى غەربى رايۇنلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش شىنجاڭغا ياردەم بىرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تۈنجى تۈركۈمدە ئىچكى ئۆلكىلەردىن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە يېزىلاردىكى مەكتەپلەرگە ئىۋەتكەن. ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىم مەكتەپكىلا 30 غا يېقىن خىتاي ئوقۇتقۇچى كەلگەن، ئۇ ئىشلىگەن بىو-خېمىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپسدا ئەسلىدە 5 ئۇيغۇر، بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ، 6 خىتاي ئۇ ئىشلەۋاتقان بۈلۈمگە تەقسىم قىلىنىپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېشىپ كەتكەن ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارغا خېمىيە تەجىربىسى دەرىسدە يىتەكلچىلىك قىلىپ بۇلارنى تەربىيلەشنى ۋەزىپە قىلغان.

بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلار خېمىيە تەجىرىبىە دەرىسگە كىرىشتىن بۇرۇن ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىم ئۇلارغا تەجىربىنىڭ مۇھىم نوقتىسنى، قىيىن نوقتىسنى ۋە دىققەت قىلمىسا يۈز بېردىغان خەتەرلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلى دەپ بىرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا تەجىربىنى ئاۋال بىر قېتىم ئىشلەپ ئۈگىتىپ قۇياتتىكەن. ئىككى قېتىم يەنى خىلور گازى يىغۋېلىش تەجىربىسدە بۇلار خاتا مەشخۇلات قىلىپ باللارنىڭ خىلور گازىدىن زەھەرلىنىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى، يەنە بىر قېتىم قۇيۇق سولفات كىسلاتانى سۇيۇلدۇرالماي، باللارنىڭ ۋە ئۈزىنىڭ يۈزىگە قۇيۇق سولغات كىسلاتا چاچىراپ كىتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەردى. مەكتەپ رەھبەرلىرى سەن بۇلارغا ياخشى يىتەكچىلىك قىلماپسەن دەپ ئۇنى چوڭ يىغىندا تەنقىد قىلغان. ئابدۇرېھىم ئەپەندىم بۇ ناھەقسىزلىكلەرگە قوبۇل قىلالماي ئۆزىنىڭ نارازىلقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنىڭ مەكتەپتىن سەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە بۇنداق گەپ قىلساڭ بولمايدۇ دەپ ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلگەن ئوقۇتقۇچىلار يىل ئاخىرىدا لاياقاتسىز باھالىنىپ مائاشى ئۆستۈرۈلمەيدىغان ۋە باشقا خىل تەڭسىزلىكلەرگە ئۇچرىغان.

چەتئەلگە چىقىشى تەھرىرلەش

ئابدۇرېھىم ئەپەندىم مەكتەپتىكى كەمسىتىلىش، چەتكە قېقىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىپ 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مالايسىياغا ئوقۇش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەن.

چەتئەل خىزمەت ھاياتى تەھرىرلەش

  • 2015-يىلدىن 2020-يىلغىچە Agrocares in Wageningen نىڭ تەجىربىخانبسىدا تەجىرىبە خادىمى بۇلۇپ ئىشلىگەن.
  • 2020-يىلى 9-ئايدىن 2021-يىلى 6-ئايغىچە Merieux Nutrisciences in Ede دە مىكرو بىلوگىيە تەجىربەخانا خادىمى بۇلۇپ ئىشلىگەن.
  • 2020-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ saltro دا مىكروبىئولوگىيە ئانالىزچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

سىياسىي ھاياتى تەھرىرلەش

خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئايرىمچىلىق سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان تەڭسىزلىك سىياسەتلىرى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ھاياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. 1996-يىلى لەنجۇ ئونۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە خىتاي مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىللىرى بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىللىرىغا بولغان تەڭسىزلىك سىياسىتىگە قارشى دەرىس تاشلاش ھەركىتىگە قاتناشقان ۋە ئۈزىمۇ بۇ ھەركەتنىڭ يىتەكچىللىرىدىن بىرى بولغان. دەرىس تاشلاش ھەركىتىنىڭ سەۋەبى بىر قارادا قۇبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ئوتتۇرسىدىكى پەرىقتىن كىلىپ چىققان. بۇ دەرىس تاشلاش ھەركىتى ئىككى ھەپتىگىچە داۋام قىلغان. كىيىن ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىدىن مەخسۇس بۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار دەرىس تاشلاش ھەركىتىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئالىي مائارىپ باشقارمىسنىڭ باشلىقى ئالىم ياقۇپ بىلەن سېكىرتارسائادەت خانىم بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى بۇلۇپ سۆھبەتكە قاتناشقان. ئوقۇغۇچىلارنى دەرىس تاشلاشقا يىتەكچىلىك قىلغانلار قاتارىدا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىلگەن. ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدىمۇ تۈرلۈك تەڭسىزلىكلەرگە ئۇچىراپ خىزمەتتىن ۋاز كىچىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. 2007-يىلى 5-ئايدا گوللاندىيەگە كىلىپ سىياسى پانالىق تىلىگەن. 2018-يىلدىن 6-ئايدىن باشلاپ ئامىستېردام دام مەيدانىدا ھەرھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىزچىل خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلقىلىرىغا قارشى تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشلىك ھۇقۇق پائالىيەىتچىسى.

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13- كۈنگىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئورۇنلاشتۇرغان شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالددىكى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلىمىغا قارشى نامايىش پائالىيتىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. بۇ جەاريانىدا دولقۇن ئەيسا، پەرھات مۇمەممەدى، ئەكرەم ئېزىم قاتارلىقلار بىلەن بىللە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىرقى ئايرىمچىلىق قارشى تۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن ۋولسىتىرىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان.

2019-يىلى 6-ئاينىڭ 22-23-كۈنلىرى ئابدۇرېھىم غېنى يالغۇز كىشلىك تىنىچ شەكىللىك نامايىشنىڭ بىر يىللىقىنى خاتېرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامىستېردام دام مەيدانىدا ‹‹ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ›› پائالىيتى ئۆتكۈزگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ سابىق رەئىسى ، ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋە ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ئامرىكىدىن كىلىپ بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمغا قاتنشقان. ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئىزچىل قىلىۋاتقان يالغۇز كىشلىك نامايىشغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

2019-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تۈركىيە ئونۋېستىنىڭ پىرافىسورى، دوكتۇر ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئامىستېردام دام مەيدانىغا كىلىپ ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ پائالىيتىنى قوللاپ ھال سوردى.

2019-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىنىڭ باش كاتىپى نەجمىدىن قارلۇق ئابدۇرېىم غېنىنىڭ ئابدۇرېھىم يالغۇز كىشلىك تىنىچ شەكىللىك نامايىشنىڭ بىر يىللىقىنى خاتېرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى ‹‹ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ›› پائالىيتى كىلىپ ئابدۇرېھىم غېنىغا تۇن ۋە دوپپا كەيدۈرگەن. ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئىزچىل قىلىۋاتقان يالغۇز كىشلىك نامايىشغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

2019-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئابدۇرېھىم غېنى گوللاندىيەلىك قوللىغۇچىللىرى بىلەن خەلىقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گوللاندىيە شۆھبىسىدە شىنجاڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى سېيىننىڭ بىلەن كۈرۈشكەن.

2019-يىلى ئامرىكىلىق مەكتىن باشلىغان #whiteblue19 ھەركىتنى قوللاپ ئامىستېردام دام مەيدانىدا بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن.

2019-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كلىۋاتقان يالغۇز كىشلىك نامايىشنى قوللاپ ئامىستېردام دام مەيدانىغا كىلىپ ئەھۋال سورىغان ۋە ئۇنىڭ پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

2019-يىلى 11- ئاينىڭ 16-كۈنى ئابدۇرېھىم غېنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا 1933-ۋە 1944-يىللىرى شەرقى تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش پائالىيتى پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ پائالىيىتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنگىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەھبەرلىكىدە بېلگىيە پايتەختى بېرۇسىلدا ئاچقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاخبارات ساھەسى بۇيچە تەربىيلەش كۇرسىغا تەكلىپ بۇيچە قاتناشقان. ۋە بۇ جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن ياۋرۇپا پارلامىنتىدىكى يىغىنغا قاتناشقان.

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ بېرۇسىلدا كۆزگە كۈرۈنگەن ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيتىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ مۇكاپاتلانغان.

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلىش ›› كىچىلكىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. بۇ پائالىيەتتىن كىيىن ئېفىل مۇنارىنىڭ ئالدىدا ئىككى كۇن يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلغان.

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى گوللاندىيەدىكى ياشار ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسگە تەكلىپ بىلەن ھەمكارلاشقان.

ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيتى تەرپىدىن ھەريىلى يەنى 2014-2015،2016،2017،2018،2019-يىللىرى ئورۇنلاشتۇرغان ئيۇيغۇر يىمەك-ئىچمەك ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمە پائاليتىگە تەكلىپ بىلەن قانتىنىش ئۇيغۇركىتاب يەرمەنكە پائالىيتى ئېلىپ بارغان.

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنگىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئالددىكى مەيداندا ئورۇنلاشتۇرغان ‹‹ ئۇيغۇر قىرغىنچلىقى رەسىم كۆرگەزمىسى ›› پائالىيتىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى سوسىت شەھەردىكى تۈرۈك ياشلار ئابدۇرېھىم غېننىڭ يالغۇز كىشلىك نامايىشىنى قوللاش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرۇپ سۇسىت شەھرىدىن ئامستېردامغا ۋېلسىپىتلىك بېرىپ ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى تۇنۇشتۇرۇش پائاليتىنى قوللىغان.

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

لاگېر شاھىتلىرى تىزىملىكى
ھازىرقى ئورنى شاھىتلار تىزىملىكى
شىمالىي ئامېرىكا: تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن|زۇمرەت داۋۇت |گۈلزىرە ئاۋۇلخان |مېھرىگۈل تۇرسۇن|ئانار سابىت|ئوۋالبېك تۇرداخۇن
ياۋروپا: گۈلباھار جېلىلوۋا|گۈلباھار خاتىۋاجى | قەلبىنۇر سىدىق| ئۆمەر بېكالى| سايراگۈل ساۋۇتباي

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى