ئابدۇرەئۇپ پولات

ئابدۇرەئۇپ پولات
ھازىرقى ئورنىمەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى
مىللىتىئۇيغۇر
مائارىپ سەۋىيىسىئالىي مەكتەپ
كەسپىدوتسېنت
ئەسەر(لىرى)ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى، چاغاتاي تىلى
خىزمىتىشىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى


يازغۇچى، تىلشۇناس ئابدۇرەئۇپ پولات 1950 - يىل 11 - ئايدا قەشقەر شەھىرىنىڭ يۇمىلاقشەھەر كۆلبېشى مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملاپ، 1970 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) غا ئوقۇشقا بارغان، 1975 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان، 8197 - يىلدىن 1986 - يىلغىچە بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئىنىستىتۇتىدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن ۋە ئىراقنىڭ باغداد، كەربالا شەھەرلىرىدە ئەرەب تىلىدىن پراكتىكا قىلغان. ئابدۇرەئۇپ پولات 1986 - يىلدىن 1988 - يىلغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارس تىلى ئۆگەنگەن. ئۇ ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارس تىلى ئۆگەنگەن. ئۇ، ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىي تىللار كافېدىراسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن بىرى، دوتسېنت بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئابدۇرەئۇپ پولات ئەدەبىيات ساھەسىگە 1976 - يىلى <تارىم> ژۇرنلىدا ئېلان قىلىنغان <مەن پامىر مالچىسى> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىر ئىجادىيىتى، ئاساسەن ھېكايە ئىجادىيىتى، تىل - ئەدەبىيات تەتقىقاتى، ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئابدۇرەئۇپ پولات ھازىرغىچە<كور خېرىدار>، <قۇلاق>، <لامپۇچكا يېقىلغان چاغدا>، <تۇمۇچۇق>، <ئۇنىڭ ناخشىسى> قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلارنى؛ <تۇيۇق ھەققىدە مۇھاكىمە>، <يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي ئاخبارات ژانىرى ھەققىدە> قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. بۇلاردىن باشقا، ئۇ يەنە ئەلىشىر ناۋائىينىڭ <ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە> دېگەن ئەسىرىنى نەشرگە تەييارلىغان. ئابدۇرەئۇپ پولات يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ئەڭگۈشتەر>، <بەيتۇللا تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئەرەب تىلىدىن تەرجىمە قىلغان.

ئابدۇرەئۇپ پولاتنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <چاغاتاي تىلى> (خەمىت تۆمۈر بىلەن بىللە، 1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرى، <كور خېرىدار> (1989 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر> (1993 - يىل مىللەتلەت نەشرىياتى)، <ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى> (1995 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ئەسەرلىرى قاتارلىقلار بار.

ئابدۇرەئۇپ پولات ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبەلەر تەھرىرلەش