ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن
مىللىتىئۇيغۇر
كەسپىئوقۇتقۇچى، يازغۇچى


ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان.

ئېرىشكەن مۇكاپاتلار

تەھرىرلەش

1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «» يازغۇچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.

1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان.

2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان.

2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 

2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان.

2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.

ئەسەرلىرى

تەھرىرلەش
 

2010-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛

2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»،

1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل ـ پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى،

1993-يىلى شىنجاڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى،

2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.

باشقىلار

تەھرىرلەش

پەرزەنتى=بۇلبۇلناز جالالىدىن

مەنبەلەر

تەھرىرلەش