ئابدۇقادىر نەسىردىن

ئابدۇقادىر نەسىردىن 1944 – يىلى 12 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1967 – يىلى 9 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1962 – يىلى 10 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان، 1968 – يىلى 7 – ئايدا پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ 7 – گۇڭشېسىدا قايتا تەربىيە ئالغان، 1970 – يىلى 5 – ئايدىن باشلاپ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ پەيزاۋات ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئىدارە باشلىقى بولغان، 1984 – يىلى 3 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1989 – يىلى 4 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1991 – يىلى 3 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان، 1992 – يىلى 5 – ئايدا قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان، 1993 – يىلى 5 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان، 1998 – يىلى 1 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 2003 – يىلى 1 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 2010 – يىلى 1 – ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

ئابدۇقادىر نەسىردىن كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى سائەت 4تە ئۈرۈمچىدە 73 يېشىدا ۋاپات بولدى