ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر

ئىبنى ئۆمەر (عَبْدُ اللَّهِ بْنُ عُمَرَ بْنِ الْخَطَّابِ العَدَوِيُّ القُرَشِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئەلخەتتاب ئەلئەدەۋىي ئەلقۇرەشىي (ئەبۇ ئابدۇرراھمان). (ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 73 / م. 612 – 694) فەقىھ ساھابە، راشىد خەلىپىلەرنىڭ ئىككىنچىسى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى. «خەندەك غازىتى»دىن كېيىنكى غازاتلارغا قاتناشقان زات.