ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر ، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلى تاماشىنىللارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر . ئۇ 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن .

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

Abdulla Abduréhim

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سەھنىدە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1969-يىلى 1-ئۆكتەبىر
تۇغۇلغان جايى تۇمشۇق شەھىرى
مىللىتى ئۇيغۇر
ئېگىزلىكى 179cm
ئېغىرلىقى 91KG
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى
رەپىقىسى ئامىنە ئۆمەر
باللىرى شاھناز قاتارلىقلار.
كەسپى ناخشىچى، كىنو ئارتىسى، ئىجادىيەتچى

مەكتەپ ھاياتى تەھرىرلەش

1987- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تىياتىر فالكولتىتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناﮬىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يۇشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ - دە ، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىدۇ . شۇ يىلى 9 - ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ﮬەقىقى سەنئەت ﮬاياتىنى باشلىدى . ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ﮬاياتىدا بىر تەرەپتىن سەﮬنىدە ئوبراز يارىتىش ماﮬارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ناخسا سەنئتىگە چوڭقۇر مۇﮬەببەت باغلاپ ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەﮬەتتە ئۆزگىچە ئاﮬاڭ ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماﮬارەت يىتۈلدۈردى .

نەتىجىلىرى تەھرىرلەش

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7 - ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ﮬەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارىلغان " غېرىپ - سەنەم " ئوپىراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئېلىياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى . 1992 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بۇ ئوپىرا قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماﮬارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىللارنىڭ ياخشى باﮬاسىغا ئېرىشتى .


ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئەرتىسى بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانلىق ناخشىچىدۇر . ئۇ ئورۇنلىغان " سىرلىق تومان ، ئۇچىراشقاندا ، ۋاپادارىم ، مۇئەللىم ، كىچەلمەيمەن ، ئايرىلىش ، كۆزىڭنى ياشلىما ، تۇنجى سۆيگۈ ، سېغىنىش كۈيلىرى " قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغاپ ، ئابدۇللانىڭ خەلىق ئىچىدىكى شۆﮬرىتىنى يۇقۇرى كۆتۈردى . 1994 - يىلدىن ﮬازىرغىچە " سىرلىق تومان ، سۈكۈتتىكى سادا ، پەرۋانەڭ بۇلاي " قاتارلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى ، " شىرىن چۈش ، تۇنجى سۆيگۈ " قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشىر قىلىندى . ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998 - يىلى 4 - ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ ، ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ﮬەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى . 1998 - يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ " مۇنەۋۋەر ناخشىچى " مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن " يېڭى ئادەم ، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى " غا قاتنىشىپ ، ئاممىباب ئۇسلۇبدا ناخشا ئېيتىش بۇيىچە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ﮬەمدە 1 - دەرىجىلىك ناخشىچى بۇلۇپ باﮬالاندى . 1999 - يىلى بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن " بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي " ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كىچىلىكىدە " ياشلىق كۈيى " دىگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى . 1999 - يىلى 9- ئايدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن " يىپەك يولى دىرامما بايرىمى " دا تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەﮬبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ﮬەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلىقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى . ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ، يارقىن سىماسى گېرمانىيە سەﮬنىلىرىدە پەيدا بولدى .

ئەسەرلىرى تەھرىرلەش

بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ " شادىمان دوسلار ، بۇ كىشىنى تونامسىز " قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ، " گۇناﮬسىز جىنايەتكار ، كىيىنكى ئاتا " قاتارلىق دىراممىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ ، ئۆزىنىڭ پېرسۇناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماﮬىرلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىشتەك ئالاﮬىدىلىكىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە " ئۇچۇرىشىش ، شىكەر شەنبە ، پۇل ، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۇچ " قاتارلىق ئېپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خارەكتىرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناﮬايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناﮬايىتتى يۇقۇرى باﮬاسىغا ئېرىشتى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ﮬەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بۇلۇپ ، بىر قانچە يىلدىن بويان ناخشا ئېيتىش ، دىرامما - ئېپىزوتلاردا رول ئېىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ، يەنە مۇزىكا ئېجادىيىتى بىلەنمۇ شوغۇللىنىپ ، " قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش ، ئاي گۇۋاﮬ ، ئۇر توقماق ، كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا " قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ ، تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغىدى .

ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ﮬىسىياتقا باي ئاجايىپ مۇﮬەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان . ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ، كۈتۈلمىگەندە ﮬازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچىراشتى . ئۆز - ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇردى . ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ﮬىسىياتقا باي لېرىك ناخشىلىرى ، ئېغىر بېسىق مىجەز - خارەكتىرى ﮬەم مەمىميلىكى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ﮬەم ﮬۆرمىتىگە ئېرىشتى . ئامىنەمۇ 1988 - يىلى " بويتاقلار ئائىلىسى " ناملىق ﮬىكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ﮬاياجانغا سالدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988 - يىلنىڭ ئاخىرى مۇﮬەببەت باغلاپ ، كىيىنكى ساۋاقداشلىق ﮬاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى . 1991 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ﮬەمدە 1992 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى بەخىتلىك ﮬالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . ﮬازىر ئۇلارنىڭ شاﮬناز ئىسىملىك بىر قىزى بار بۇلۇپ ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ .

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش