ئابستراكتسىئونىزم

ھازىرقى چۈشكۈن، ئەكسىيەتچىل بۇرژۇئا سەنئىتىدىكى فورمالىستىك (شەكىلۋازلىق) ئېقىملاردىن بىرى بولۇپ، رېئال ۋەقەلىك ۋە كونكرېت نەرسىلەرنى ئىنكاس قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا پەيدا بولغان. (ئۇنىڭ نامايەندىلىرى چارلىز خۇۋارد، ستوئارت دىۋېس، كىرائوفارت رېتىنېر، مورىس قاتارلىق رەسساملار ئىدى.)

ئابستراكتسىئونىستلار، رېئال ۋەقەلىك ۋە كونكرېت نەرسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش سەنئاتكارنىڭ ئەركىنى <سىقىپ قويىدۇ> دەپ قارايدۇ ۋە رېئال ۋەقەلىكنى، ھايات ھەقىقىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىن قورقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئابستراكتسىئونىزم <سەنئىتى> مەۋھۇم گېئومېترىيىلىك شەكىللەردىن، ئوخشاش بولمىغان ھەجىم ۋە مەنتىقىسىز سىزمىكەشلىكتىن ئىبارەت.

ئابستراكت سەنئەت سەنئەتتىكى رېئالىستىك ۋە دېموكراتىك ئېقىملارغا قارشى قارىتىلغاندۇر، ئۇ باشتىن ئاياغ كوسموپولىتىزم روھىدا بولۇپ، ئۇ سەنئەتنىڭ مىللىيلىكى، ئۆزىگە خاسلقى، غايىۋىلىكى ۋە خەلقچىللىقىغا ئوچۇقتىن ئوچۇق قارشى تۇرىدۇ.

ئومۇمەن، ئابستراكتسىئونىزم - ھەقىقىي سەنئەتكە، رېئالىزمغا تامامەن خىلاپ.