ئابلىمىت ئابدۇقادىر

ئابلىمىت ئابدۇقادىر، تەتقىقاتچى، پروفېسسور، زوئولوگىيە دوكتورى. 1973 – يىلىدىن 1977 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلىگەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ‹‹جۇڭگو ياۋا ئېتى ۋە ياۋا تۆگىسىنى چارلاش ۋە تەتقىق قىلىش››، ‹‹ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇق قۇرغاق رايونلىرىدىكى مۈشۈك ئائىلىسى ھايۋانلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە قوغداش – پايدىلىنىش ئۈستىدە تەتقىقات›› قاتارلىق بەش تەتقىقات تۈرىنى، ‹‹شىنجاڭ قۇشلىرى بايلىق مەنبەسىنى چارلاش ۋە تەتقىق قىلىش›› قاتارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سەككىز تەتقىقات تۈرىنى ھەمدە باشقا ئاكادېمىيە، ئىنىستىتۇت ۋە يەرلىك تەتقىقات تۈرلىرىدىن يەتتىنى تاماملىغان، ‹‹شىنجاڭنىڭ ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلىرى›› قاتارلىق ئالتە كىتابنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان، يۇقىرىدىكى پەن تەتقىقاتقا ئالاقىدار 37 پارچە نەزەرىيىۋى ئىلمىي ماقالىنى ۋە 130 نەچچە پارچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىسىنى ئېلان قىلغان، 1997 – يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ‹‹فاڭ شۇچۈەن ياش ئالىملىرى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .[1]


مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئابلىمىت ئابدۇقادىر قاتارلىقلار تۈزگەن ‹‹شىنجاڭدىكى ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار›› ناملىق كىتابتىن