UYGHURCHE, УЙҒУРЧӘ

ئابلەت قەييۇموۋىچ كامالوف

Абләт Каюмович Камалов

Ablet Kayumovich Kamalov
تۇغۇلغان ۋاقتى27 - ئۆكتەبر، 1961
يۇرتىشەرقىي تۈركىستان، غۇلجا
مىللىتىئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىگىقازاقىستان
ئىلمىي ئۇنۋانىپروفېسسور


ئابلەت قەييۇموۋىچ كامالوف (لاتىن: Ablet Kayumovich Kamalov؛ كرىل: Абләт Каюмович Камалов)، ئۇيغۇر تۈركولوگ، تارىخچى پروفېسسور، بىلگە. «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتى تۆھپىكارى» (2011) ، قازاقىستاننىڭ «ئىلھام» مۇكاپاتى (2009) ساھىبى[1].

ئۆمۈر بايانى تەھرىرلەش

1961 - يىلى 27 - ئۆكتەبىردە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» (شەرقىي تۈركىستان) نىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1963 - يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن سابىق قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىغا كۆچۈپ كەلگەن.

ئوقۇش ھاياتى تەھرىرلەش

1979 - يىلى ئالمائاتا شەھىرىدىكى 90 - ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالتۇن مېدال بىلەن تاماملاپ، ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 1979 - 1984 - يىللىرى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى خىتاي تەتقىقات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1984 - يىلى شەرەپ بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى (ھازىرقى: روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرق قوليازمىلىرى ئىنستىتۇتى)دە مەشھۇر رۇس تۈركولوگ، تۈركولوگىيە ۋە موڭغۇل تەتقىقاتى كەسپىنىڭ دوكتورى سېرگېي گىرىگورىيېۋىچ كلاشتورنىينىڭ يېتەكچىلىكىدە «موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇر خانلىقى» (744-840) ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى تاماملىغان.

ئابلەت كامالوف 1990 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ لېنىنگراد شۆبىسىدە كاندىدات بىلگەلىك ئىلمىي ماقالىسىنى ياقىلىغان.

2008 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا دوكتورلۇق پروگراممىسىنى تاماملىغان. 2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى «تاڭ سۇلىسىدىكى تۈركلەر ۋە ئىران خەلقلىرى» (618-907) تېمىسىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى ياقىلاپ، تارىخ پەنلىرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

خىزمەت كەچمىشى تەھرىرلەش

ئابلەت كامالوف 1984 - يىلى سابىق س س س ر شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى لېنىنگراد شۆبىسىدىكى پروگراممىسى تاماملاپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تەتقىقاتى كەسپىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ياردەمچى ۋە ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئاندىن تارىخ ۋە مەنبە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1986 - يىلى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلىگەن.

ئالمائاتادىكى «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولمىش ئابلەت كامالوفنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ناھايىتى مولدۇر. ئۇ ۋېنگىرىيە باشكەنتى بۇداپېشتقا جايلاشقان ئوتتۇرا ياۋروپا ئۇنۋېرسىتىتى (CEU) نىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن يازلىق لاگىر پروگراممىلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، «قايتا يېزىلغان تارىخ: سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيادا كىملىك ​​ۋە مىللەتچىلىك» (2004) ۋە «سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تارىخچىلىك ۋە مىللەتچىلىك» (2005) قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلىگەن. 2005 - 2008 - يىللىرى ئالمۇتادىكى «بىلىم - ئوتتۇرا ئاسىيا» مائارىپ مەركىزىدە تارىخقا ئائىت پروگراممىلارنى ئېلىپ بارغان.

ئابلەت كامالوف ۋاشىنگتون ئۇنۋېرسىتىتى (سېئاتىل، 1998-1999)، ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى (2001-2002)، ئامېرىكا پارلامېنتى كۇتۇپخانىسى (2004 - 2005)، پارىژ مايسون دې پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى ۋە ئىندىئانا ئۇنۋېرسىتىتى (بلۇمىڭتون، ئامېرىكا، 2012-2013). ئۇ ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ TEMPUS پروگراممىسى (بىريۇسسېل ، 2003-2005)، ۋولكسۋاگېن ستىفتوڭ (Volkswagen Stiftung) نىڭ ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ پروگراممىسى (Hannover ، 2009-2010) قاتارلىقلارنىڭ باھالاش ھەيئىتى خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسى بولغان.

ئىلمىي كىشىلىكى تەھرىرلەش

ئا.كامالوف 2003 - 2005 - يىللىرى مەركىزى ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى (CESS) نىڭ ئەزاسى؛

2014 - يىلدىن باشلاپ مەركىزى ۋە ئىچكى ئاسىيا تەتقىقاتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى (ئۇلانباتار، موڭغۇلىيە)؛

ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنۋېرسىتىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى (بىشكەك، قىرغىزىستان)؛

2015 - يىلدىن بېرى «ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈشى» (لوندون) ژۇرنىلى، شۇنداقلا قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان بىر قىسىم ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسىدۇر.

ئەسەرلىرى تەھرىرلەش

ئا. كامالوفنىڭ ئىلمىي تەتقىقات دائىرىسى: تاڭ سۇلالىسىدىكى تۈركلەر ۋە ئىران خەلقلىرىنىڭ تارىخى، «شىنجاڭ» (شەرقىي تۈركىستان) ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، خەنزۇچە ۋە تۈركچە (ئۇيغۇرچە) يازما مەنبەلەر بولۇپ، ئۆز ساھەسىگە دائىر 150 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ۋە مەنبە تەتقىقاتى ئېلان قىلغان. 2001 - يىلى ئالمائاتادا ئېلان قىلىنغان «كونا ئۇيغۇرلار VIII-IX» ناملىق مونوگرافىيەسى 2002 - يىلى ئىراننىڭ تېھراندا پارس تىلىدا نەشر قىلىنغان[2].

يورۇق كۆرگەن ئەمگەكلىرى:

مەنبە تەھرىرلەش

  1. http://www.orientalstudies.ru/eng/index.php?option=com_personalities&Itemid=74&person=710
  2. http://www.orientalstudies.ru/eng/index.php?option=com_personalities&Itemid=74&person=710
  3. http://www.orientalstudies.ru/eng/index.php?option=com_publications&Itemid=75&pub=1496
  4. http://www.orientalstudies.ru/eng/index.php?option=com_publications&Itemid=75&pub=1497
  5. http://www.orientalstudies.ru/eng/index.php?option=com_publications&Itemid=75&pub=1498
  6. http://www.orientalstudies.ru/eng/index.php?option=com_publications&Itemid=75&pub=1566