ئۆزگىچە كارخانا مەدەنىيەتى ۋە خاس باشقۇرۇش ئەندىزىسى بىلەن  رايۇنىمىز ئېچىملىك ساھەسىدە چولپان شىركەتكە ئايلانغان شىنجاڭ ئابىدە بىيو-پەن تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2006- يىلى 12- ئايدا، قەدىمقى يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، يىڭى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغىدىكى مەرۋايىت شەھەر ئۈرۈمچىدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىچىملىك ئادىتى ۋە تەم سەزگۈسىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىلغان بىر يۈرۈش ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

   شىركەت قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كىچىكلىكتىن زورىيىپ،بىر خىل مەھسۇلات ئشلەپچىقىرىشتىن كۆپ خىللىششىقا قاراپ يۈزلىنىپ،ئىچىملىك تەتقىقاتى، ئشلەپچىقىرىش، سېتىش، توشۇش ۋە سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزسىنى يارىتىپ، سۈپەتلىك ئىچىملىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن داڭلىق ماركا يارىتىش يولىغا قەدەم قويدى. شىركەت قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئىزچىل ھالدا سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەھسۇلات تۈرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۆپەيتىپ، ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال خىزمەت قابىلىيىتى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سۈپەت ۋە ساپا ئارقىلىق شىركەت ئوبرازىنى تىكلەشنى باش نىشان قىلغان ئاساستا سېتىشنى ھالقا قىلىپ، پۈتۈن رايۇنىمىزنى تولۇق قاپلىغان، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە كەڭەيگەن، چەتئەللەرگە يۈزلەنگەن سېتىش تورىنى بارلىققا كەلتۈردى.

   شىركەتىمىز تەرەققىيات جەريانىدا، تۈردە يىڭىلىق يارىتىش، توختىماستىن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزلۈكسىز تېرىشىش ئارقىلىق ئىستىملاچىلارنىڭ ئەلا باھاسىغا ۋە ئاز بولمىغان شان – شەرەپ، ئېتىراپنامىلەرگە ئېرىشتى. شىركىتىمىز  2007-يىلى 6-ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەت – دىن ئىشلىرى كوممېتىتى تەرىپىدىن ‹‹مۇسۇلمانچە مەھسۇلات ››، 2007-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو تاۋار ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئارقىلىق ‹‹جۇڭگونىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتى››،‹‹يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەلا مەھسۇلاتى››، ‹‹جۇڭگونىڭ نوقتىلىق كېڭەيتىلىدىغان مەھسۇلاتى›› دىگەن شەرەپلىك ناملارغا، -يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو ئىشەنچىلىك كارخانىلار جەمىئىيىتى تەرىپىدىن 2007 ‹‹جۇڭگونىڭ AAAدەرىجىلىك ئىشەنچىلىك كارخانىسى»، 2011 – يىلى 6- ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەت – دىن ئىشلىرى كوممېتىتى تەرىپىدىن « ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جەمىئىيىتىگە ئەزا ئورۇن »، 2011 – يىلى 7- ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن « شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى » دېگەن كاتتا شەرەپلەرگە ئېرىشتى. شىركەتنىڭ پەخىرلىك مەھسۇلاتى بولغان ئابىدە ماندارىن ماڭگو قۇۋەت ئىچىملىكى جۇڭگو ئەقلى مۈلۈك پاتنىت ئىدارىسى تەرپىدىن ‹‹مەھسۇلات سىرتقى ئورالما قىپى پاتنىت گۇۋاھنامىسى›› غا ئېرىشتى. نۆۋەتتە شىركىتىمىزنىڭ رويىخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى 30 نەچچە خىلغا يېتىدىغان بولۇپ، 2011 –يىلى4-ئايدا دۆلەتلىك نەشىر ھوقوقى ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق نەشىر ھوقوقى ئىدارىسى تەرىپىدىن شىركىتىمىز ئۆزى لاھىيەلىگەن  15 خىل مەھسۇلات ئەسەر ھوقوقى تىزىملىگىگە  كىرگۈزۈلدى.  

     شىركىتىمىز دادىل ئېزدىنىپ، كەسىپ قورۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى جەھەتتە تېخىمۇ موكەممەللىشىپ،  پىلانلاش، تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن مۇنتىزىم كارخاناغا ئايلاندى. خوتەن شەھىرى جېجىياڭ سانائەت رايۇنىدا زور مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان شنجاڭ خوتەن ئابىدە يىمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ ئابىدە ئورالما ماتىرىياللىرى چەكلىك شىركىتى شىركەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بولۇپ، يۈرۈشلەشكەن ئۈسكۈنە ۋە يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە  بۇ ئىككى زاۋۇتنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرلىشى بىلەن ئابىدە مەھسۇلاتلىرى مەھسۇلات پىلانلاش، لايىھەلەش، ئىشلەپ چىقىرىشتىن تارتىپ تاكى ئىستىمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈچە بولغان بارلىق ھالقىلار ئۆزىمىزنىڭ مېھنەتكەش ئوغول قىزلىرىنىڭ بەرىكەتلىك قوللىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىنماقتا.

    شىركەت يىلدىن –يىلىغا تەرەققىي قىلىپ ئىشچى خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى كېڭەيتتى. نۆۋەتتە  ئۈرۈمچى  باش شىركەتتە جەمئىي 100دىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىم بار بولۇپ، شىركەت كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ خىزمەتچى-خادىملار قوشۇنى بارغانسىرى زورايماقتا. خوتەن  ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى باشقۇرغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى بىلەن قوشۇلۇپ جەمىئىي 300 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى شىركەتنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرۈپ ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ شىركەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز كۈچ قوشماقتا . شىركەت بۇرۇنقى ئاددىي بولغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىن  تەرەققى  قىلىپ ، سىستىمىلاشقان ،ھەرقايسى بۆلۈملەر خىزمەت مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيىتى ئېنىق ئايرىلغان ،تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ،مۇئەييەن خەلقئاراۋى كارخانا مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن شىركەت بولۇپ ،ھازىر شىركەت تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدا ئۈرۈمچى شەھەر سېتىش بۆلۈمى ، جەنۇپ-شىمال سېتىش بۆلۈمى ،ئىچكىرى ئۆلكىلەر سېتىش بۆلۈمى، خەلىقئارالىق بازار بۆلۈمى،ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمى ،ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى ،مالىيە بۆلۈمى،ئېلان بۆلۈمى ،ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى  قاتارلىق ئون نەچچە بۆلۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ، شىركەت خىزمەتلىرىنىڭ سىستىملىق ،تەرتىپلىك  ئېلىپ بېرىلىشىنى يۇقىرى  كاپالەت بىلەن تەمىن ئىتىپ كەلمەكتە .

    شىركەت قۇرۇلغان 12 يىل مابەينىدە تۈرلۈك قىينچىلىقلارنى يېڭىپ ،يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەپ ئاز بولمىغان  شان –شەرەپ ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2007- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹ئۈرۈمچى ئىسلام دىنى جەمىئىيىتىگە ئەزا ئورۇن ›› دىگەن نامغا ، 2007- يىلى 8- ئايدا جۇڭگۇ تاۋار ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئارقىلىق ‹‹ جۇڭگۇنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتى ›› ، ‹‹ يۇقىرى ئۆلچەم ، يۇقۇرى سۈپەتلىك ئەلا مەھسۇلاتى ›› ، ‹‹ جۇڭگۇنىڭ نوقتىلىق كېڭەيتىلگەن مەھسۇلاتى ›› دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى . شېركەتنىڭ پەخىرلىك مەھسۇلاتى بولغان ‹‹ ئابىدە ›› ماندارىن ماڭگو قۇۋۋەت ئىچىملىكى جۇڭگۇ ئەقلى مۈلۈك پاتتىنىت ئىدارىسى تەرىپىدىن 2007-يىلى ‹‹ مەھسۇلات سىرتقى ئورالما قېپى پاتتىنىت گۇۋاھنامىسى ›› غا ئېرىشىتى . 2007- يىلى 9- ئايدا بۇ شېركەت يەنە ‹‹ جۇڭگۇنىڭ AAدەرىجىلىك ئىشەنچلىك كارخانىسى ›› نامىغا ئېرىشىپ ئۆزىنىڭ شۆھرىتىنى نامايان قىلدى .

-2011يىلى 1-ئايدا ‹‹شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى ››دېگەن نامغا،2011،2012،2013-يىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ‹‹ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتىكى سەمىمىي ئورۇن›› دېگەن نامغا،2012-يىلى 12-ئايدا ‹‹توختامغا ئەمەل قىلغان ئىشەنچىلىك ئورۇن»،2013-يىلى 10-ئايدا ‹‹توختامدا لەۋزىدە تۇرغان مۇنەۋۋەر كارخانا›› دېگەن شەرەپلىك نامغا،2013-يىلى 2-ئايدا ‹‹تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنى ئالاھىدە قوللىغان ئورۇن›› قاتارلىق ناملارغا ئېرىشىپ ئۆزىنىڭ شان-شۆھرىتىنى نامايان قىلدى .

     ئىچىمىلىك سانائىتى ساھەسىگە يىڭىچە ھاياتى كۈچ قۇشۇپ كېلىۋاتقان پەخرى كارخانا - ئابىدە شىركىتى مەسئۇلىيەتچان،  ئۇنىۋېرسال بىلىم ۋە كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال ساپاغا ئىگە خادىملار بىلەن قولمۇ قول تۇتىشىپ،  مىللىي خاسلىقنى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكنى بۆسۈش نوقتىسى قىلىپ، زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش ئېڭىنى بويىچە، مىللىي يېمەك – ئىچمەك ساھەسىدىكى سەركە كارخاناغا ئايلىنىش يولىدىكى ئوزۇن مەزگىللىك ئېستىراتىگىيەلىك پىلان ۋە تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بوشاشماستىن تېرىشىۋاتىدۇ .