ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش ئويۇنى

ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئات ئۈستىدە ئېلىپ بارىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى.

بۇ ئويۇن ئاساسلىق جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا، بولۇپمۇ ئاتۇش، قەشقەردە كۆپرەك ئۇمۇملاشقان. بۇ ئويۇن مەشرەپ، ئوغلاق تارتىشىش، نورۇز بايراملىرىدا كۆپرەك ئوينىلىدۇ. ئەرلەر بىلەن ئەرلەر ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىدۇ. بەزىدە باشقا - باشقا يۇرت پالۋانلىرى ئۆز ئارا كۈچ كۆرسىتىپ باتۇرلۇقىنى ناماين قىلىشىدۇ.

مۇسابىقە ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى: ئىككى كىشى ئىختىيارىي ھالدا ئۆز ئارا پۈتۈشۈپ مەيدانغا چۈشىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆز ئىچىدىن بىردىن باتۇر، كۈچلۈك كىشىنى تاللايدۇ. تاللانغان يىگىتلەر مىنگەن ئاتلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى مەھكەم باغلاپ، ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى ئىگەرنىڭ ئارقىسىغا بوغۇچلاپ چېگىدۇ. ئىككى يۈز مېتىر يىراقلىقتىن بىر - بىرىگە قاراپ ھەيۋە بىلەن ئات چاپتۇرۇپ كېلىدۇ. نازارەتچى ئېلىشقۇچى يىگىتلەرگە ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ باشلاش ئىشارىتى بەرگەندىن كېيىن كۈچ سىنىشىش باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، تاماشىبىنلار ئۆز باتۇرلىرىغا ئىلھام، مەدەت بېرىپ، پالۋاننىڭ ئىسمىنى ئاتاپ <غەيرەت قىل> دەپ چۇقان سالىدۇ. مۇسابىقە قىزغىن، جىددىي تۈس ئالىدۇ.

ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىشتا قايسى بىر باتۇر قارشى تەرەپنى قول كۈچى بىلەن تارتىپ ئاتتىن چۈشۈرەلىسە، شۇ كىشىگە مۇكاپات بېرىلىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا پەقەت قولدىن تۇتۇپ تارتىپ ئاتتىن چۈشۈرۈشكىلا بولىدۇ. قولدىن باشقا بەدەننىڭ ھېچقانداق يېرىنى تۇتۇشقا، كىيىملىرىنى تۇتۇشقا ۋە باشقا غەيرىي شەكىللەر ئارقىلىق قارشى تەرەپنى ئاتتىن يىقىتىۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتلەر سادىر بولسا قائىدىگە خىلاپ بولىدۇ.


[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش