ئات ياساپ ئويناش ئۇسۇلى

بۇ ئويۇن ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ ئات بېقىش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنى ئالاھىدە قەدىرلەشكە ئادەتلەنگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەرگە خاس ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن ياز ۋەكۈز پەسىللىرىدە ئوغۇللار تەرىپىدىن ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدا ۋە مەھەللىلەردە ئوينىلىدۇ. ئايرىم چاغلاردا قىز - ئوغۇللار ئارىلاش ئوينايدۇ. ياشلار ياز كۈنلىرى كىيىملىرىنىڭ پۇشقاقلىرىنى تۈرۈشۈپ، ئېرىق ئۆستەڭلەردىن لاي ئېلىپ ئۇنى كۈچىنىڭ بارىچە مىجىقلاپ ئۆزلەشتۈرۈىدۇ. ئاندىن راۋرۇس <پىشقان> لاينى كۈن نۇرى ئوبدان چۈشىدىغان تام تۈۋىلىرىگە ئېلىپ كېلىپ ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى ئاتلارنىڭ لاي ھەيكەللىرىنى ياسايدۇ. ياساۋاتقان ئېتىنىڭ ھەممە ئەزايىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئۇدۇللۇق تام تۈۋىگە تىزىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار تەييارلانغان لاي قانچىگە يەتسە ياكى شۇ كۈنلۈك ئويۇندا قانچىلىك ياساشنى پىلانلىغان بولسا شۇنچىنى ياسايدۇ. ئۇلار يالغۇز ئاتنىلا ياساپ قالماي، بەلكى ئۇنىڭ جابدۇقلىرى بولغان ئىگەر، ئۆزەڭگە، يۈگەنلەرنىمۇ ياسايدۇ. بۇ خىل جابدۇقلارنىڭ بەزىلىرىنى لايدا، بەزىلىرىنى ھەر خىل يىپ ياكى سۆگەت قوۋزاقلىرىدا ياسايدۇ. ياشلار <ئات> لارنى ياساپ، جابدۇقلىرىنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى ياسىغان ئاتلىرىنىڭ دۈمبىسىدىن تۇتۇپ يەر تارقلىتىپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە سالىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيەت مېۋىلىرىنىڭ چىداملىق دەرىجىسىنى كۆرۈپ، كېيىنكى ئات ياساش ئويۇنلىرى ئۈچۈن تەجرىبە توپلايدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئاتقا بولغان ھەۋىسىنى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرىدۇ. ياشلار ئويۇن ئارقىلىق ئات ۋە ئۇنىڭ جابدۇقلىرى بىلەن ئاز تولا تونۇشىدۇ. ئۆز تەسەۋۋۇرلىرىدىكى خىيالىي ئات بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ئاتنى سېلىشتۇرىدۇ. قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بولۇپمۇ ھەيكەلتىراشلىقنىڭ باشلانغۇچ ئەمەلىيىتى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئات بېقىش، ئات ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا بولغان دىققەت ئېتىبارى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش