ئات يورغىلىتىش ئويۇنى

ئات يورغىلىتىش - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى، بۇ ھەرىكەت ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ تىلشۇناسى مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا: <يورغا ئات چاپقاندا، ئۇنىڭ تۇياقلىرىدىن ئوت چاقناپ قۇرۇق ئوت - چۆپلەر كەتتى> دەپ ئىزاھ بەرگەن. يورغىنى ماختاپ، مەدھىيىلەپ يېزىلغان بۇ ئىزاھاتتىن قارىغاندا، ئات يورغىلىتىش پائالىيىتىنىڭ ئات بەيگىسىگە ئوخشاشلا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئات يورغىلىتىش مۇسابىقىسى توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام كۈنلەردە ئات بەيگىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئويۇنغا ئەر - ئاياللار بىردەك قاتنىشالايدۇ. ئات يورغىلىتىش مۇسابىقىسى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئات بەيگىسىگە ئوخشاشلا تۈز، كەڭ دالىدا ئېلىپ بېرىلاتتى، ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىسى 20 كىلومېتىردىن ئاشمايتتى. ھازىر بۇ ئويۇن يېڭىچە قائىدىگە چۈشۈرۈلۈپ، ئايلانما مەيداندا 1000 مېتىرغا، 2000 مېتىرغا، 3000 مېتىرغا، 5000 مېتىرغا ۋە 10 مىڭ مېتىرلارغا ئات يورغىلىتىش بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. يورغا - ئادەتتە يۇمشاق يورغا، قوي يورغا، ئۈچ ئاياغ يورغا، چاچما يورغا، تۆگە يورغا قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئات يورغىلىتىش مۇسابىقىسىدە ئاتنىڭ يورغىلىشى بۇزۇلسا ياكى چېپىپ ماڭسا، نەتىجىسى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ. پەقەت مۇسابىقىدە بەلگىلەنگەن ئارىلىققا قائىدە بويىچە يورغىلاپ ئۈزۈپ چىققان ئات بىرىنچى بولغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەمدە نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات بۇيۇملىرى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ھازىر بۇ ئويۇن ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى قائىدە بويىچە كەڭ ئومۇملاشماقتا. مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقە يىغىنلىرىدا، ئات يورغىلىتىش باشقا مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرىگە ئوخشاشلا مۇسابىقە تۈرلىرى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. [1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش