ئادىلجان سۇلايمان

ئادىلجان سۇلايمان - جۇڭگونىڭ داڭلىق ۋاسكىتبۇل چولپىنى.

ھاياتى تەھرىرلەش

ئادىلجان سۇلايمان 1965-يىلى 8- ئايدا خوتەندە تۇغۇلغان ، دادسى سۇلايمان تۇردى 50- 60- يىللاردىكى ۋالىبۇل چولپىنى بۇلۇپ ئادىلجان كىچىكىدىن توپ ئويناشقا ھەۋەس قىلاتتى . 1980 -يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە مەكتىۋىنىڭ پۇتبۇل سىنىپىغا قۇبۇل قىلىنغان ، ۋاسكىتبۇلغا بولغان قىزىقىشى ۋە ماھارىتىگە ئاساسەن ئۇ شىنجاڭ ۋاسكىتبۇل كۇماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان 1982-يىلى مەملىكەتلىك ئوسمۇرلەر مۇسابىقىسىدا شىنجاڭ كۇماندىسى 10 كۈچلۈك كۇماندا قاتارىغا كىرىپ ئادىلجان پۈتكۈل مەملىكەتكە تۈنۈلغان ، خەلىق گېزىتى ، << جۇڭگودىن چىققان بوتېر >> ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ ، ئادىلجاننى دۇنيا ۋاسكىتبۇل ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخىس ، ئامىركىلىق پاكار بوتېر غا ئوخشاتقان . 1983-يىلى مەملىكەتلىك ياش چولپانلار كوماندىسى مۇسابىقىسىدا ئادىلجان قاتناشقان كوماندا ، دولەت ئىچىدە باشقىلار يىڭىپ باقمىغان << 1-ئاۋغۇست >> ئارمىيە كۇماندىسىنى يىڭىپ بىراقلا غەلبە قىلغان ؛ ئادىلجاننىڭ تېز قوزغۇلۇش ، ھۇجۇمغا تەشكىللەش قابىليىتىنىڭ پەۋقۇلاددىلىكىگەئاساسەن ئۇ << 1-ئاۋغۇست >> ئارمىيە كۇماندىسىغا تاللىنىپ بۇ كۇماندىغا كىرگەن تۇنجى ئۇيغۇر ۋاسكىتبۇلچى بۇلۇپ قالغان 1985 -يىلى جىڭجۇدا ئوتكۇزۇلگەن مەملىكەتلىك ياشلار ۋاسكىتبۇل مۇسابىقىسىدا چىمپىيۇن بولغان ؛ 1986- يىلى مەملىكەتلىك چىمپىيۇنلار مۇسابىقىسىدا بىرىنجىلىككە ئىرىشىپ ، دولەتلىك ياشلار ۋاسكتىبۇل كۇماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان . 1986 - يىلى فېللىپىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ياشلار ۋاسكىتبۇل مۇسابىقىسىدە ئۇ قاتناشقان كۇماندا چىمپىيۇن بولغان ؛ 1987 -يىلى ئىتالىيەدە ئوتكۇزۇلگەن دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبۇل لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگۇنىڭ ئاسىياغا ۋاكالىتەن ۋاسكىتبۇل ئويناش سالاھىيتىگە ئېرىشتى ، شۇنداقلا بۇ مۇسابىقىدە (مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن تاللاش مۇسابىقىسى )جۇڭگۇ كۇماندىسى ئىككىنجىلىككە ئىرىشىشتەك ئالى شان شەرەپتە ئادىلجاننىڭ يۈكسەك تالانتى ، پەۋقۇلئاددە ماھارىتى دۇنيانى زىل زىلىگە سالغان . شۇ قېتىمدا ، جۇڭگونىڭ << دۇنيا ۋاسكىتبۇل مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىپ باقمىغان دولەت >> بۇلۇش تارىخغا خاتىمە بېرىلگەن . 1992 -يىلى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ،ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن شان شەرەپ قازانغان . 1993-يىلى ھىندونوزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 17- نۆۋەتلىك ئاسىيا ئەرلەر ۋاسكىتبۇل مۇسابىقىسىدا ئۇ <<بىرىنجى دەرىجىلىك ۋاسكىتبۇلچى >>بۇلۇپ باھالانغان . 1994-يىلى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ۋاسكتبۇل لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، دۇنيادىكى كۈچلۈك بولغان ئىتالىيە ، ئىسپانىيە كوماندىلىرىنى يېڭىپ ، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبۇل كۇماندىسى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 10 كۇماندىنىڭ بىرى بولغان . ئادىلجان << دۇنيا ۋاسكىتبۇل ساھەسىدە كەم ئۇچرايدىغان ئارقا سەپ ھۇجۇم تەشكىللىگۇچىسى >> دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىرىشكەن .1996- يىلى پۈتۈن ئارمىيە بۇيىچە 10 مەشھۇر تەنھەركەتچىنىڭ بىرى بۇلۇپ باھالانغان ؛ 1997 -يىلى دۇنيا ۋاسكىتبۇل بىرلەشمىسى << يەر شارى ۋاسكىتبۇل ئىشلىرىغا توھپە قوشقان مەشھۇر كىشى >> دىگەن شەرەپلىك نامنى بىرىش بىلەن ئامىركا NIKE تەنتەربىيە ماگىناتىنىڭ << يەر شارى تەنتەربىيىسىگە توھپە قوشقان كىشى >> لەرگە بېرىلدىغان ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بۇلىدىغان جۇڭگولۇق تەنھەركەتچىنىڭ بىرىنجىسى بۇلۇپ تاللانغان . بۇ كاتتائىمتىيازغا جۇڭگۇدىن ھازىرغىچە ئادىلجان بىلەن يەنە ئىككى كىشى ئىرىشكەن . ئادىلجان جۇڭگو تەنتەربىيە تارىخىدا ، دۆلەتلىك كۇماندىغا ئەڭ كۆپ ۋە ئۇزاق تەكلىپ قىلىنغان بىردىنبىر تەنھەركەتچى .

ئادىلجان ھازىر دولەت ئەرلەر ۋاسكىتبۇل كۇماندىسى بىلەن 1- ئاۋغۇست ئارمىيە كۇماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى

مەنبە تەھرىرلەش