ئادىل ئابدۇغوپۇر

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 50 ياشتىكى ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى 1991-يىلىدىن 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 2 قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، جەمئىي 17 يىلغا يېقىن ۋاقىت تۈرمىدە ياتقان.

بۇ 17 يىللىق تۈرمە ھاياتىدا ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىم ۋە جازالاش ئۇسۇللىرىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 1991-يىلى تۇنجى قېتىم خىتاي ئۇنى «مىللىي، ئەسەبىي ئۇنسۇر»، «ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇندى» دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلىغان بولۇپ، بىرىنچى تۈرمە ھاياتى تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدا ئۆتكەن.

كېيىن 1998-يىلى 2-ئايدا غۇلجا ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇلۇپ، 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 12 يىل ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىدە ياتقان.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش