بوردىئۇ ئادەتچانلىق نەزىرىيەسى ئۇنىڭ چۈشەنچىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپتۇر. بوردىئوغا نىسپەتەن ئادەتچانلىق ئىنسان بىلەن ئىجتىمائىي ھايات ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رۇلىنى ئوينايدىغان زىھنىي ياكى ئاڭ قۇرۇلمىسىدۇر. بۇ دىگەنلىك، ئىنسان ئىجتىمائىي دۇنيانى چۈشەنگەندە ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئادەتچانلىقتىن پايدىلىنىدۇ. ئادەتچانلىق بۇ يەردە بىر قۇرال ياكى ۋاستە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىنسان قاچانكى ئىجتىمائىي دۇنيا بىلەن ئالاقىگە كىردى، شۇ ھامان ئادەتچانلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى بىز دەۋاتقان ئادەتچانلىق دەل ئىجتىمائىي دۇنيانىڭ ياكى قۇرۇلمىنىڭ مەھسۇلاتىدىن ئىبارەت. گەرچە ئادەتچانلىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالسىمۇ، ئەمما ئو ئىجتىمائىي دۇنيا تەرىپىدىن ئاكىتىپ بىر شەكىلدە يارىتىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىنسان قانداق دۇنيادا ياشىسا ئۇنىڭغا يارىشا ئادەتچانلىق شەكىللەنگەن بۇلىدۇ. ئادەتتە ئادەتچانلىق ئىجتىمائىي دۇنيانىڭ مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنساننىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىغا قۇماندانلىق قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، جەمئىيەتتە قىزىقىشى، بىلىمى، تەپەككۇرى ئوخشاش كىشىلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئاساسەن ئوخشاش بولغان بولغاچقا، ئادەتچانلىقىمۇ ئاساسەن ئوخشاش.

بۇ مەنىدە ئادەتچانلىق ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن، بىر كىشى ئوقۇتقۇچى بولسا ۋە ئۆمۈر بۇيى ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانسا، ئۇنىڭ زىھىن قۇرۇلمىسى ياكى ئادەتچانلىقى ئۈزى ئىگە بولغان ئىجتىمائىي ئورۇن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولغاچقا، بىر ئوقۇتقۇچىغا خاس خاھىش، ئىستىتىك قىزىقىش، ساپا ۋە بىلىم يىتىلگەن بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە بولغان ئادەملەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئادەتچانلىقى بۇلىدۇ. بىر ناخشىچىنىڭ كاللىسىدىكى دۇنيا ۋە قىزىقىشى بىلەن بىر دىھقاننىڭ كاللىسىدىكى دۇنيا ۋە قىزىقىشنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ نوقتىدا، بۇ يەردە دەۋاتقان ئادەتچانلىق ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن.

بوردىئۇ يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئىنسانلارنى ئىجتىمائىي توپ ياكى تەبىقىگە ئايرىشتا ئادەتچانلىقنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، ماركىسنىڭ سىنىپ ئۇقۇمىغا قارشى تۇرىدۇ. بوردىئوغا نىسپەتەن ئېيتقاندا جەمئىيەتتە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنى ئوخشاش كىشىلەر ئادەتتە ئاساسەن ئوخشاش شەكىلدىكى ئادەتچانلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن يۇقىرى تەبىقىدىكى كشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە چۈشەنچىسى ھامان يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بۇلىدۇ.

بۇ يەردە بىر نەرسىنى تەكىتلەش كىرەككى، بوردىئۇ ھەرگىزمۇ ئىنساننى ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرىپىدىن يارىتىلغان ئادەتچانلىقنىڭ قۇلى ياكى مەھسۇلاتى سۈپىتىدە كۆرمەيدۇ. ئادەتچانلىق ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە يولباشچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىنساننىڭ ئوبىكتىپ دۇنيانى قايتا يارىتىشىدا ياردەمدە بۇلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىنسان ھەرگىزمۇ بار بولغان ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس. ماس قەدەمدە ئوبىتكىپ دۇنيانى ياراتقۇچىدۇر. بۇ مەنىدە ئادەتچانلىق ئىجتىمائىي دۇنيانى يارىتىدۇ ۋە ئىجتىمائىي دۇنيا تەرىپىدىن يارىتىلىدۇ.[1] بۇ دىگەنلىك تاشقى دۇنيانى ئىچكى دۇنياغا، ئىچكى دۇنيانى تاشقى دۇنياغا ئايلاندۇرىدىغان بىر ۋاستە.

ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئىجتىمائىي دۇنيا بىلەن ئادەتچانلىق ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان بىر ۋاستىدۇر. يەنى ئادەتچانلىق ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تەرىپىدىن يارىتىلىدۇ ۋە ئىجتىمائىي دۇنيا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ مەنىدە بۇ ئۈچى ئارىسىدا بىر-بىرىگە ئايلىنىدىغان دىئالىكتىك مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى بىلىش مۇمكىن.

بوردىئونىڭ ئادەتچانلىق ئوقۇمى ئىجتىمائىي دۇنيانىڭ مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەقلىيلىشىش بىلەن بىر نوقتىدا كىسىشمەيدۇ. چۈنكى ئىنسان ھەممە ئىشنى ئەقىل بىلەن ئويلاپ قىلمايدۇ. ئەقىلنىڭ بۇيرۇقىسىز مەيدانغا چىقىدىغان نۇرغۇن ئىش بۇلىدۇ. بو مەنىدە بوردىئۇنىڭ ئادەتچانلىق نەزىرىيەسى ھەم ئەقلىي ھەم ئەقلىي بولمىغان ھەرىكەت ۋە خاھىشىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دىگەنلىك، بوردىئۇ ماكىس ۋېبىرغا ئوخشاش ئەقلىيلىكنى كۈچەپ تەشۋىق قىلمايدۇ. ئەكىسچە ھالدا، ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئادەتچانلىق ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مەيدانغا كىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ سەۋەپتىن، بوردىئۇ باشقا زامانىۋى جەمئىيەتشۇناسلارغا ئوخشاش پۈتۈنلەي ئەقلىيلىشىشنى تەرغىپ قىلمايدۇ.

بوردىئونىڭ بۇ نەزىرىيەسىنى ئاددى گەپ بىلەن ئىپادىلىسەك شۇنداق يەكۈن چىقىدۇ: ئىنسان ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ياشاش جەريانىدا نۇرغۇن بىلىملەرنى ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىدۇ. بۇ بىلىم ۋە تەجرىبىلەر ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنىنى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنى سىزىپ بىرىدۇ. ئىنسان ئۈگەنگەن بۇ بىلىملەر ۋە تەجرىبىلەر ئىنساننىڭ ئالاھىدە شارائىتلارغا دۇچ كەلگەندە مەسىلىلەرگە ۋە ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشىدا يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، يېزىدىن كەلگەن بىر ئەر-خۇتۇن شەھەردە خىزمەت تېپىپ، شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ ياشىدى، دەيلى. ئەمما بۇ ئىككەيلەننىڭ ھايات ۋە تۇرمۇش ھەققىدىكى بىلىم ۋە ئادەتلىرىنىڭ كۈپىنچىسى ئۈزى ئىلگىرى ياشىغان ئىجتىمائىي مۇھىتتىن كەلگەن بولغاچقا، بەزىدە يېزىدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا خاس تەپەككۇر ۋە چۈشەنچىلەردىن خالىي بۇلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئادەتچانلىقى ئاللىقاچان يىتىلىپ بولغاچقا، ئولار ئۈزى ئىلگىرى يىتىلدۈرگەن بەزى خۇيلاردىن ھەرگىز قۇتۇلالمايدۇ. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ئادەتچانلىق ياكى خۇلىق ئىنساننىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇشىدىن ۋە كىلىپ چىقىشىدىن يىتىلگەن بولغاچقا، ئىنسان ئىلگىرى ياشىغان تۇرمۇشتىن پەرقلىق تۇرمۇش ۋە مۇھىتلارغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا ئەڭ ئاۋال ئۈزىدە بار بولغان تەجرىبە ۋە كۆرسەتمىلەردىن پايدىلىنىشقا ئورۇنىدۇ. دىمەك، ئىنسان ياشىغان ئالاھىدە ئىجتىمائىي كەچۈرمىش (جىنىسيەت ئالاھىدىلىكى، تەبىقە كىلىپ چىقىشى، ئىقتىسادى ئەھۋالى، مائارىپ سەۋىيەسى، مەدەنىيەت قۇبۇل قىلىشى، ئىرقىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك… ) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئادەتچانلىق ۋە خۇلقنى يىتىلدۈرىدىغان ئالاھىدە نەرسىلەردىن ئىبارەت. شۇنداق بولغان ئىكەن بىر ئادەمنىڭ ئادەتچانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ھىس قىلىش مۇمكىن.

بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۈتۈشكە تىگىشلىككى، ئادەتتە ئادەتچانلىق ئىنسان ياشىغان ئىجتىمائىي مۇھىت تەرىپىدىن يارىتىلىدىغان بولغاچقا، ئىنسان قانداق ئائىلە ۋە قانداق ئىجتىمائىي ئورۇندىن كىلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا ماس ھالدا ئادەتچانلىقى شەكىللەنگەن بۇلىدۇ. بىز گەرچە بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار ئارىسىدىكى بۇ خىل پەرققە ئانچە ئىتىبار بەرمىسەكمۇ، ئەمما ئىككى ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي ئارقا كۈرۈنۈشتىن كەلگەن ئىككى ئىنساننىڭ ئادەتچانلىقى ھامىنى بىر يەردە پەرقلىنىپ قالىدۇ.

بوردىئونىڭ قارىشىچە، ئادەتچانلىق ئادەتتە ئايرىمچىلىق ۋە پەرقلىق ئەمەلىيەتلەرنى شەكىللەندۈرىدىغان پىرىنسىپتىن ئىبارەت.[2] يەنى ئادەتچانلىق ئاكتورنىڭ يىيىش، ئىچىش، كىيىنىش، ئۈزىنى ئىپادىلەش، تىل ئادىتى، توغرا-خاتالىق قارىشى… قاتارلىق بىرقانچىلىغان تەرزلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ تەرزلەر ئىنسانلاردا ئوخشاش بولمايدۇ. ئەلۋەتتە ئوخشىغانلىرى بىر گۇرۇپپىغا تەۋە بۇلىدۇ.

بوردىئونىڭ ئادەتچانلىق نەزىرىيەسى ئانتونىي گىددەنىسنىڭ قۇرۇلمىچلىق ئانالىزىغا بەزى تەرەپلەردە ئوخشىشىپ كىتىدۇ. ئانتونىي گىددەنىس ئىنسان ھەرىكىتىدىكى سەۋەپ بىلەن ئىلھامغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلما بىلەن ئىنسان ھەرىكىتىنى بىر-بىرىگە باغلىۋەتكەن. بودىئو بولسا ئىجتىمائىي قۇرۇلما بىلەن ئىنسان ھەرىكىتىنى ئايرىم ئىككى نەرسە سۈپىتىدە كۆرگەن.

[1] George Ritzer: Modern Sosyoloji kuramlari, Himmet Hülür çev, Yedinci edisyon, 2012, S.398

[2] Pierre Bourdieu,  Practical Reason, Stanford University Press Stanford, California 1998, P.8