ئارال يېزىسى (كېرىيە ناھىيىسى)

ئارال يېزىسى كېرىيە ناھىيىسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. ئارال يېزىسى __ ئارال يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق كارا ياغاچچى كەنتى ناھىيە بازىرىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. يېزىنىڭ شەرقىي تەرىپى ئويتوغراق يېزىسى، غەربىي تەرىپى كۆكيار يېزىسى، جەنۇپ تەرىپى ئاچچان يېزىسى، شىمالىي تەرىپى مۇغاللا بازىرى بىلەن چىگىرلىنىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 9.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5.6 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 335.33 كۋادرات كىلومېتىر، كېرىيە دەرياسى يېزىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ.

ئارال يېزىسى

阿热勒乡.Aral town

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 10 دانە
نوپۇس 18 مىڭ
يەر مەيدانى 335.33 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

جۇغراپىيەلىك ئورنى تەھرىرلەش

ئارال يېزىسى كوئىنلۇن تېغى شىمالىي تاغ ئېتىكىدىكى تاغ ئالدى شېغىل تاش چۆل بەلۋېغى ۋە كەلكۈن چۆكۈندىسى، تىندۇرما تۈزلەڭلىك، كەڭ قۇم-شېغىل جاڭگال ئۈستىگە جايلاشقان. يەر شەكلى شەرقتىن غەربىي شىمالغا قىيسايغان. يانتۇ چۈشۈشى 1/20، جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2229 مېتىر، شىمالىي دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1408.3 مېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1416 مېتىر.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

يېزا ئىچى كېلىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.7، 1-ئايدا ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7-ئايدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃41.2. بىر يىلدا قىروسىز مەزگىلى 208 كۈن، ئادەتتە شامال كۈچى 3-4 بالغىچە، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 ــ 10 دەرىجىلىك بولىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

ئارال يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئىشلەپچىقىرىشتابۇغداي، قوناق، شال ۋە كېۋەز قوشۇمچە دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بېقىش. يېزا دېھقانلىرى ئەتىرگۈل تېرىشقا ئامراق بۇلۇپ، ئەتىرگۈل سۈپىتى ئەلا، باھاسى ئەرزانلىقىدا «ئەتىرگۈل ماكانى» دەپ ئاتالغان.

مائارىپى تەھرىرلەش

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش