ئارغۇنلار تاۋزوڭيىنىڭ «جەنۇبى كەنتتە تېرىلغۇنى توختىتىش خاتىرسى››دا تىلغا ئېلىنغان 31 خىل رەڭدار كۆزلۈكلەرنىڭ 13-خىلى بولۇپ تۇنگانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھېسابلىندۇ.

ئارغۇنلار تالاستىن بالاساغۇنغىچە بولغان جايلارغا توغرىراقى بۈگۈنكى قىرغىزىستاندىكى چۇ دەريا ۋادىسىغا تارقالغان،ئارغۇن دېگەن سۆز ئارلاش قانلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.كەشمىردىكى لاداق ۋە لەھ كىشلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن كەشمىرلىكلەر توي قىلىپ تۇغۇلغان پەرزەنتلەرنى ئارغۇن دەپ ئاتايدۇ،شۇڭلاشقا ئارغۇن دېگەن سۆز ئارلاش قانلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

ئارغۇنلار ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا تارقالغان،قازاقىستان قارغاندى ئوبلاستى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ،نوپۇسى تەخمىنەن بەش يۈز مىڭ.باسمىللارمۇ ئۇلارنىڭ بىر كېلىش مەنبەسى ،ئارغۇنلار قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا يۈزىنىڭ رەھبىرى بولۇپ كەلگەن.

ئارغۇنلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ،قاراخانىلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرسىدە ياشىغان بولغاچقا خانلىقىنىڭ بىر تەشكىلى قىسمى ھېسابلىندۇ.

يۈەن سۇلالىسىدىمۇ ئارغۇن قوشۇنى بولۇپ شۈنمالىن،فېڭجۇ ئەتراپىدا ناشىش دۇردۇنى(ئالتۇن يىپتىن توقۇلغان) ئىشلەپچىقارغان،يۈەن سۇلالىسنىڭ ئاخىردا ئۇلار خۇيخۇي(مۇسۇلمان) دەپ ئاتالغان،مىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن تۇنگانلار ۋە ئۆزبېكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن.

قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا يۈزىدىكى ئارغۇنلارمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ بەزىلار ئۇلارنىڭ نامى موڭغۇل ئېمپىرىيەسى ۋە تېمۇر ئېمپىريەسى دەۋردىكى ماۋرائۇننەھىرنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان ئارغۇن ياكى ئارگونلاردىن كەلگەن دەيدۇ.چىڭ سۇلالىسى دەۋردە ئۇلار قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا يۈزىنىڭ رەھبىرى بولغان،ئۇندىن باشقا قىرغىزلارنىڭمۇ ئارغۇن دەيدىغان بىر قەبىلىسى بار.