ئارفىيە ئابلەت (سىياسئىون)
ئارفىيە ئابلەت | |
---|---|
| |
باشقا ئىسىملار | يېڭىز يېزىق: Arfiye Ablet
ياپونچە: 英利 アルフィヤ ئېنگلىزچە: Arfiya Eri |
قىسقا ئۇچۇر | ئارفىيە ئابلەت يەتتە خىل تىلدا سۆلىيەلەيدۇ (ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، ياپونچە، تۈركچە، فىرانسۇسچە، خەنچە، ئېنگلىزچە) |
مىللىتى | ئۇيغۇر |
ئوقۇش تارىخى | شاڭخەي ئامېرىكا مەكتىپى
ئامېرىكا خەلىقئارالىق مەكتىپى (گۇاڭجوۋ) جورجتاۋىن ئۇنىۋېرسېىتى تاشقى ئىشلار مۇلازىمىتى ئىنىستۇتى (باكلاۋىرلىق) جورجتاۋىن ئۇنىۋېرسېىتى تاشقى ئىشلار مۇلازىمىتى ئىنىستۇتى (ئاسپىرانتلىق) |
ئىش | 2023-يىلى 23-ئاپىرىل ياپونىيە پارلامېنتىغا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىپ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان. ئۇ ياپونيە پارلامېنتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇردۇر. |
توغۇلغان يەر | ياپونيە، فۇكوكا ۋىلايىتى، كىتاكيۇشۇ |
رەپىقىسى | بويتاق |
تور بەت | https://www.eri-arfiya.jp/ |
ئارفىيە ئابلەت (باشقا نامى: ئارفىيە ئېرى؛ لاتىنچە: ARFIYA ERI؛ ياپونچە: えり アルフィヤ) ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتا ئەزالىق سايلىمىغا قاتناشقان ئۇيغۇر قىزىدۇر. ئارفىيە ئابلەت بۇرۇن ب د ت دا بىر مەزگىل ئىشلىگەن، كۆپ خىل تىلدا سۆزلىشەلەيدۇ. ئۇ ياپونيە سىياسى سەھنىسىگە قەدەم باسقان تۇنجى ئۇيغۇر. ئارفىيەنىڭ دادىسى ئۇيغۇر، ئاپىسى ئۆزبېك. ئارفىيە 10 يېشىدا ئاتا-ئانىسىغان ئەگىشىپ شاڭخەيگە كۆچۈپ كەلگەن. شاڭخەيدە ئامېرىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ جورجتاۋىن ئۇنىۋېرسېتىتىدا باكلاۋېرلىقتا ھەمدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.