ۋەقەلىك بايان قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەردە ۋە تىياتىر ئەسەرلىرىدە ئارقا كۆرۈنۈش تىپىك پېرسوناژلارنىڭ ياشاۋاتقان ۋە كۈرەش قىلىۋاتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن تەبىئىي مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ.

ئارقا كۆرۈنۈش رېئال تۇرمۇشتىكى كىشىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ يىغىنچاق ئەكىس ئېتىلىشىدۇر. ئەسەر مەيدانغا كەلگەن ئارقا كۆرۈنۈشكە كەلسەك، ئادەتتە ئۇ <دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى> ياكى <تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش> دەپ ئاتىلىپ، ۋەقەلىكنىڭ تۇغۇلۇش، راۋاجلىنىش، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە ئۆزگىرىشلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان بارلىق تارىخىي شارائىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى، شۇنداقلا ئەسەر مەيدانىغا كېلىش ۋاقتىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالى، يازغۇچى، سەنئەتكارلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىجادىيەت غەرىزى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، تىياتىرلاردا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن تاشقىرى، يەنە دېكوراتسىيە، پەردە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ. گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئاساسىي گەۋدىنىڭ كەينىگە چۈشۈرۈلگەن مەنزىرە ياكى نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەيلى قايسى خىل بەدىئىي شەكىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئارقا كۆرۈنۈش پېرسوناژلار ئوبرازىنى سۈرەتلەش، سۇژېتنى قانات يايدۇرۇش، باش تېمىنى ئېچىپ بېرىش ياكى بەدئىي كەيپىياتنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.