ئارىق قايا (لاتىن: Ariq Qaya؛ خەنچە: 阿里海牙، ت. 1227– ئۆ. 1286)، ئۇيغۇر. يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەستلەپكى يىللارىدىكى ھەربي ئالىم ۋە سىياسىي ئەرباب. يۈەن سۇلالىسىنىڭ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى (مىلادى 1127-1279)نى مەغلۇپ قىلىپ، ئوتتۇرا، جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشىدا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ھەربىي ئىشلار ئالىمى.

ھاياتى تەھرىرلەش

1206-يىلى پۈتۈن موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن چىڭگىزخان موڭغۇللارنىڭ چوڭ قاغانى دەپ ئاتالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئەۋلاتلىرىنى يەر-زېمىنغا، بايلىق مەرتىۋىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئەتراپتىكى خوشنا ئەللەرگە قارىتا ئۇرۇش قوزغىغان. بۇ خىل ۋەزىيەتتە، 1209-يىلى قۇچۇ–ئۇيغۇر قاغانلىقى (850-1369) ئىدىقۇتى-بارچۇق ئارت تېكىن ئۆز خەلقىنى ساقلاپ قېلىش، قارا قىتانلارنىڭ تەۋەلىكىدىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئەسكەر تارتىپ چىقىپ، قارا قىتانلارنىڭ قۇچۇدا تۇرۇشلۇق نازارەتچى ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈپ، ۋەكىل ئەۋەتىپ چىڭگىزخانغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چىڭگىزخان ئۇرۇق بويىچە ئاسراندى ئوغۇل قوبۇل قىلىدىغان كونا قائىدە بويىچە ئۇنى «بەشىنچى ئوغۇل» قاتارىدا كۆرۈپ، قىزى ئېل ئالتۇن (El Altun) مەلىكىنى بارچۇق ئارت تېكىن (Barchuq Art tekin) گە خوتۇنلۇققا بەرگەن ھەم «خان تېكىنلەر بىلەن قېرىنداش بولۇپ ئۆتۈشكە بۇيرۇپ، ئۇنىڭ ئېلىنى باشقا ئەللەردىن يۇقىرى كۆرگەن». شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نەچچە يۈزلىگەن زىيالىيلار موڭغۇل يۇقىرى قاتلام ئورۇنلىرىدا ئالاھىدە خىزمەتلەرنى ئىشلىسە، نەچچە مىڭلىغان يىگىتلەرمۇ ئۇيغۇر قوماندانلار باشچىلىقىدا، جۈملىدىن بارچۇق ئارت تېكىن باشچىلىقىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر لەشكەرلىرى موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ئەللەرنى، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي جۇڭگودىكى خانلىقلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ زور تۆھپە كۆرسەتكەن. چىڭگىزخان شەرىققە قايتىپ 1227-يىلى تاڭغۇت خانلىقى (1227-1038) نى يوقىتىش ئۇرۇشىغا ئاتلانغان. ئۇ لەشكەر تارتىپ، ليۇپەنشەن تاغلىق رايونىغا كەلگەندە، كېسەل بىلەن قازا قىلغان. شۇ يىلى (1227-يىلى) ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (850-1369) نىڭ يازلىق پايتەختى بولغان بېشبالىق(ھازىرقى جىمىسار) دا تېرىمچى ئۇيغۇر ھەسەن خوجا ئائىلىسىدە ئارىق قايا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۇغۇلغاندا قاپلىق تۇغۇلغان، بەدىنى تۈكلۈك بولغاچقا، بۇنى كۆرگەن دادىسى بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس دەپ قاراپ، ئۇنى دالاغا تاشلىۋەتمەكچى بولغان، بىراق ئاپىسى ئۇنى تاشلىۋېتىشكە قوشۇلمىغان. ئۇ كۆيۈمچان ئاپىسى دۇرجان قۇتلۇق، ئاتىسى ھەسەن خوجانىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن دەرۋەقە ناھايىتى زېرەك، ئەقىللىق، جاسارەتلىك چوڭ بولۇشقا باشلىغان. (بۇ ھەقتە مەشھۇر تۈرك ئالىمى باھائىدىن ئۆگەلنىڭ 1967-يىلى تەيبېيدە يازغان ۋە 2002-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «چىڭگىزخاننىڭ تۈرك مەسلىھەتچىلىرى» دېگەن كىتابى، تۈركچە، 134-، 135- بەتلەردە، ئارىق قايا بېشبالىقتىكى ھەسەن خوجا بىلەن تۈگەن خانىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىسلام دىنى ئېتىقادىغا مەنسۇپ ئىدى دەيدۇ). ئۇ باشلانغۇچ ساۋادىنى چىقارغاندىن باشلاپلا ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇشقا بەك ئامراق بولغان. ئاتىسىغا ئەگىشىپ تېرىمچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. «كېيىن، تېرىمچىلىقنى تاشلاپ، ئەر كىشى دېگەن ئاۋال ئوقۇپ بىلىملىك بولۇشى، دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك، تېرىمچىلىق قىلىدىغانلار تېرىمچىلىق قىلىڭلار، مەن ئوقۇيمەن» دەپ يۇرتتىن چىقىپ كېتىپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتى–بېشبالىقتا ئوقۇشقا چۈشكەن. ئۇ تۈرلۈك بىلىملەرنى ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شېئىرىيەت، مۇزىكا، رەسساملىق، تارىخ، تىل ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەنگەن. تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ «بېشبالىققا ئىلىم ئۆگىنىشكە بېرىپ، ئۇستازىنىڭ بىلىمىنى تېزلا ئۆگىنىپ بولغان. ئۇنىڭ تاغىسى شىرادەي تارخان ئەجەبلەنگەن ھالدا، ئائىلىمىزدىن مۇشۇلا چوڭ ئەمەلدار بولىدۇ دېگەن». مۆڭكۈخان تەختتە ئولتۇرغان ئىككىنچى يىلى (1252-يىلى) ئۆگدەيخان كىچىك خوتۇنىدىن بولغان چوڭ ئوغلى خاداننى بېشبالىقنى ساقلاشقا ئەۋەتكەن. خادان بىلەن بىرگە كەلگەن موڭغۇل سەركەردىسى پولچىۋان ئارىق قايانىڭ خېلىلا بىلىملىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئوغلى-قوربۇقانى ئۇنىڭدىن خەت يېزىشنى، ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە بۇيرىغان. ئەسلىدە يېزىقى بولمىغان موڭغۇللار ئۇيغۇرلاردىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئۆز بالىلىرىنى ساۋاتلىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ ساھەدە ئارىق قايا ناھايىتى زور ئابرۇي قازانغان. كېيىنچە پولچىۋاننىڭ مەنسىپى ئۆسۈپ «باش ئەمىر لەشكەر» لىككە تەيىنلىنىپ، پايتەخت (خانبالىق) قا ماڭىدىغان چاغدا ئارىق قايانىمۇ بىللە ئېلىپ قايتقان ۋە قۇبلايخانغا تونۇشتۇرغان، بۇ چاغدا ئارىق قايا ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئوردىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان.

1252-يىلى قۇبلاي ئۇرانغۇتاي قاتارلىق بىرقانچە قومانداننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى زور قوشۇن بىلەن جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنى قورشاپ يوقىتىش ئۇرۇشىغا ئاتلىنىپ، ھازىرقى سىچۈەن ئۆلكىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دالى شەھەرى (ھازىرقى كۈنمىڭ) گە ھۇجۇم قىلغان. مىلادى 1254-يىلى شىزاڭغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنى ئىگىلىگەن. مۆڭكۈ قاغان بۇ ئۇرۇشقا بەك كۆڭۈل بۆلگەن، (يەنى بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى، موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ پۈتۈن جۇڭگو زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ ئىمپېرىيەنىڭ ھايات ۋە ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى)، شۇڭلاشقا، بۇ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك قوماندان ۋە قوشۇنلارنى ئەۋەتكەن. بۇ قوماندانلارنىڭ ئىچىدە تۆلىشگەن (Tölishgen)، تىكەچى تامغا ئايغۇجى (Tikechi tamgha ayghuji) قاتارلىق مەشھۇر ئۇيغۇر قوماندانلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ قوماندانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ھەر دائىم ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلاتتى، توسالغۇلارنى تازىلايتتى. مىلادى 1258-يىلى مۆڭكۈ قاغان جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىگە پۈتۈن سەپ بويىچە قوشۇننى ئۈچ يولغا بۆلۈپ ھۇجۇم باشلىدى. ئۆزى ۋە ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئوغلى مامۇل تېكىن (Mamul tekin) ھەم يۈگرۇنچ قايا (yügrunch qaya)، ئېسەن (Esen)، بارىسقۇت تامغا ئايغۇجى (Barisqut tamgha ayghuji) قاتارلىق ئۇيغۇر قوماندانلىرى يېتەكچىلىكىدىكى ئوڭ يول قوشۇن ليۇپەنشەن (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى گۇيۈەن ناھىيەسى) رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ، خېجۇۋ قەلئەسى (ھازىرقى سىچۈەن ئۆلكىسى خېچۈەن ناھىيەسى) گە ھۇجۇم قىلغان؛ ئوتتۇرا يول قوشۇنلىرى، قۇبلايخان ۋە ئارىق قايا (Ariq qaya) قاتارلىق ئۇيغۇر قوماندانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى ئېجوۋ (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇچاڭ شەھرى) غا ھۇجۇم قىلدى؛ سول يول قوشۇنلىرى ئۇرانغۇتاي قوماندانلىقىدا، چاڭجياڭ دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، بىۋاستە تەنجۇۋ (ھازىرقى خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھرى) گە ھۇجۇم قىلدى، بۇ قوشۇنلار ئىچىدىمۇ بىرمۇنچە ئۇيغۇر ئاتلىق سەرۋازلار بار ئىدى.مىلادى 1259-يىلى قۇبلاي چوڭ قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ خۈەيخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، داشىڭگۈەن (ھازىرقى خېنەننىڭ لۇشەنشەن ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى) نى ئىشغال قىلىپ، چاڭجىياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەنۇپقا يۈرۈش قىلماقچى بولۇپ تەييارلىق كۆرۈۋاتقاندا، مىلادى 1259-يىلى مۆڭكۈ قاغاننىڭ جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى (1127-1279) قوشۇنلىرى بىلەن بولغان جەڭدە (سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ خىجۇۋدىكى دىياۋيۈشەن تېغىدىكى بىر ئۇرۇشتا)، غايىپ ئوق تېگىپ قازا قىلغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ، قۇبلاي ئالدىراپ جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى بىلەن سۈلھى تۈزۈپ ئۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ. شۇ يىلى (1259-يىلى) 9-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇبلايخان تاڭ ئېتىش بىلەنلا قوشۇننى دەريادىن ئۆتۈشكە بۇيرۇيدۇ، دەريادىن ئۆتۈش ئالدىدا قۇبلايخان بىر يولۋاسنى كۆرۈپ قېلىپ، ئوقيا بىلەن ئاتىدۇ، يارىلىنىپ ئەسەبىيلەشكەن يولۋاس  قۇبلايخانغا قاراپ ئېتىلىپ كېلىدۇ، بۇ ھايات-ماماتلىق پەيتتە ئارىق قايا باتۇرلۇق بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، يولۋاس بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە يولۋاسنى نەيزە بىلەن ئۆلتۈرۈپ، قۇبلاينى يولۋاس ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. قۇبلاي قوشۇنلىرى دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ مۇھىم شەھەرى بولغان ئېجۇۋ (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھەرىنىڭ ۋۇچاڭ ئايمىقى)نى قورشاۋغا ئالىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئارىق قايا قالتىس قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، قورشاۋ ئىچىگە باتۇرلۇق بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ، لەشكەرلەرگە ئۈلگە بولىدۇ ھەمدە بىر نەپەر دۈشمەن سەركەردىسىنى ئەسىر ئالىدۇ، ئۇرۇش داۋامىدا بىر تال ئوقنىڭ بوينىنى يېرىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇرۇش ئاياقلاشقاندا، قۇبلاي ئارىق قايانىڭ جەڭدە كۆرسەتكەن باتۇرلىقى ئۈچۈن، قوشۇن ئالدىدا 50 سەر كۈمۈش بىلەن مۇكاپاتلاپ، جەڭدە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى، باتۇرلىقى ئۈچۈن «سانغۇن»لۇققا تەيىنلەيدۇ.

ئۆسۈشى تەھرىرلەش

مۆڭكۈخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مىلادى 1260-يىلى 3-ئايدا قۇبلايخان كەيفېڭدە خانلىق تەختتە ئولتۇرىدۇ. ئارىق قايا ئۇنىڭ يېنىدا ئوردا مەسلىھەتچىلىرى قاتارىدا ئورۇن ئالىدۇ. مىلادى 1262يىلى «دىۋان بېگى» بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1264-يىلى مەھكىمە سىياسىتىنى بەلگىلەشكە يارلىق چۈشۈرۈش، ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئوردىدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىش مەنسىپىگە تەيىنلەيدۇ. 1265-يىلى ئارىق قايا يەنە «خۇاڭ خېنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنىڭ  ۋاقىتلىق دىۋان بېگى» بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1266-يىلى قۇبلايخان ئارىق قايانى «تەپتىش ئەمەلدارى» قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆزى بىۋاستە ئەسكەر يۆتكەش ھوقۇقىنى بېرىدۇ ھەمدە قوشۇمچە ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىكى ئالتە ئۆلكىنىڭ ھەربىي ئەمەلدار(قوماندان)لىقىغا تەيىنلەيدۇ. 1267-يىلى دۆلەت پەرمانلىرىنى ئېلان قىلىشقا مەسئۇل جارچى بەگلىككە تەيىنلىنىدۇ.

ھەربىي كامالىتى تەھرىرلەش

مىلادى 1268-يىلى يۈەن سۇلالىسى جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يوقىتىش پىلانىنى تۈزىدۇ. لېكىن جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ مۇھىم شەھەرى-شياڭياڭنىڭ مۇداپىئەسى پۇختا، ئوزۇق-تۈلۈكى يېتەرلىك، مەشھۇر سانغۇن لۇۋېنخۈەن باشچىلىقىدا خىل قوشۇن قوغداۋاتقان بولغاچقا، يۈەن قوشۇنى بەش يىل تىركەشكەن بولسىمۇ ئالالمىغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا «قۇبلاي ئارىق قايا ۋە ئەمىر لەشكەر ليۇ جېڭدىن شىياڭياڭنى قانداق ئېلىشنى سورىغاندا، ليۇ جېڭ ئاۋال شياڭياڭغا ھۇجۇم قىلىش، ئاندىن خەنشۈي دەرياسى ئارقىلىق چاڭ جىياڭغا كىرىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى زېمىنىنى ئىشغال قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن پىلاننى كۆرسىتىدۇ. «ئارىق قايا شياڭياڭ بىلەن خەنشۈي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى فەنچېڭنىڭ مۇناسىۋىتى كالپۇك بىلەن چىشنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ، ئالدى بىلەن فەنچېڭغا ھۇجۇم قىلىش، ئىككى قەلئە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۆۋرۈكىنى بۇزۇپ تاشلاش، شياڭياڭ قەلئەسىنى يىتىم قالدۇرۇش كېرەك، فەنچېڭ ئېلىنسا، شياڭياڭ ھۇجۇمسىز قولغا ئېلىنىدۇ» دەپ تەكلىپ بەرگەن. ئارىق قايا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلان، قۇبلايخانغا بەك ياراپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ تەكلىپى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، باش ئەمىر لەشكەرلىككە تەيىنلەيدۇ، ئۇ 4 مىڭ كىشىنى تاللاپ خىل قوشۇن تۈزۈپ ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىدۇ. 1272-يىلى 2-ئايدا شياڭياڭ ۋە فەنچېڭ شەھەرىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، غەربىي يۇرتتىن «ئۇيغۇر زەمبىرىكى»(ئىسمايىل، ئەلبەرىدىن قاتارلىق ئۇيغۇر زەمبىرەكچىلىرى كەشىپ قىلغان)نى كىرگۈزۈپ، يەتتە دانە چوڭ زەمبىرەك ياسىتىپ، شياڭ ياڭ ۋىلايىتىگە ھۇجۇم قىلغان. ئاۋۋال پىلان بويىچە، فەنچېڭ بىلەن شياڭياڭنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان زەنجىر كۆۋرۈكنى بۇزۇپ تاشلاپ، فەنچېڭنى ياردەمچىسىز قالدۇرۇپ، فەنچېڭ شەھەرىنى زەمبىرەك بىلەن توپقا تۇتۇپ، سېپىل قوۋۇقلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئاندىن شەھەرنى ئىشغال قىلغان. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر زەمبىرىكى بىلەن شياڭ ياڭ شەھەرىنى توپقا تۇتۇپ سېپىل–قوۋۇقلىرىنى ۋەيران قىلغان، بەزىلەر بۇ چاغدا شەھەر ئاھالىسىنى قىرىپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان، ئارىق قايا بۇ تەشەببۇسنى رەت قىلىپ، «مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۆزلۈكىدىن تەسلىم قىلدۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان ھەمدە شۇ يىلى 11-ئايدا ئارىق قايا شەخسەن ئۆزى شياڭياڭ قەلئەسىنىڭ قېشىغا ئاتلىق بېرىپ، شەھەرنى قوغاداشقا مەسئۇل قوماندان ليۇ ۋېنخۈەنگە قۇبلاينىڭ پەرمانىنى ئوقۇپ بېرىپ، ئەل بولۇش(تەسلىم بولۇش)قا دەۋەت قىلغان ھەمدە ئوقيانى سۇندۇرۇپ، شەھەردىكى ھەربىي ۋە خەلقلەرنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئاخىرى قوماندان لۇۋېنخۈەن پۈتۈن قەلئە بويىچە تەسلىم بولۇپ، بارلىق قورال-ياراق ۋە ماددى بۇيۇملارنى ئارىق قاياغا تاپشۇرغان. بۇ غەلىبىدىن شاتلانغان قۇبلايخان «جەنۇبىي جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانى قوماندانى ئارىق قايانى 500 تىزىق پۇل بىلەن تارتۇقلاپ، ئۇنىڭغا يەنە مىسران قىلىچ، قىممەت باھالىق تېرە جۇۋا، ئۈنچە–مارۋايىت قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىنئام قىلغان. شۇ قاتاردا يەنە ئۇيغۇر زەمبىرەكچىلىرىدىن ئىسمايىل، ئەلبەرىدىن قاتارلىقلارنىمۇ 500 تىزىقتىن پۇل ۋە باشقا ماددى بۇيۇملار بىلەن تارتۇقلاپ، ئۇلارنى يۇقىرى مەنسەپكە قويغان. شياڭياڭ-فەنچېڭ ئۇرۇشىدىن كېيىن، قۇبلاي ئارىق قايانى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ «جىڭ-خۇ يوللىرىنى باشقۇرۇش ئامبىلى» قىلىپ تەيىنلەپ، شىياڭياڭنى قوغداشقا قويغان. ئارىق قايا مەركىزىي باش ئورگاننىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە خۇبېي-خۇنەننىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىنغان. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئوگۇتاي ئەۋلادى قايدۇ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدا توپىلاڭ كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن موڭغۇل دالاسىدىكى موڭغۇل ۋاڭلىرىنىڭ قايدۇ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇنداق ئەھۋالدا قۇبلاي قاغان جەنۇبىي سوڭغا قىلىنغان ئۇرۇشنى توختىتىپ، شىمالغا قوشۇن تارتىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەخت رايونىنى قوغداش خىيالىدا بولغان. ئەگەر جەنۇبىي سوڭغا قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىپ قويۇلسا، جۇڭگونىڭ جەنۇپ ۋە شىمال دەپ بۆلۈنىشى يەنىلا داۋاملىشىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈش كەينىگە سۈرۈلەتتى. قۇبلاي ۋە يۈەن ئوردىسى بۇ مەسىلىدە كەسكىن بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقان شارائىتتا، «ئارىق قايا قۇبلايغا مەكتۇپ سۇنۇپ، بەلگىلەنگەن پىلاندا چىڭ تۇرۇپ خەنشۈي دەرياسىنى بويلاپ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، ئېجۇۋنى ئىستىلا قىلىش بىلەن، سىچۈەننىڭ جەنۇبى، چاڭجياڭ رايونلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ لىڭئەننى ئېلىشتىن ئىبارەت تەكلىپنى بەرگەن». يەنى شياڭياڭنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا چاڭجياڭنى بويلاپ شەرىققە يۈرۈپ، جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنى مەغلۇپ قىلىش پىلانىنى كۆرسەتكەن. بۇ تەكلىپ بىرمۇنچە ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدرلارنىڭ قۇۋۋەتلىشى بىلەن قۇبلاي تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋە مۇۋەققەت باش مىرزا ئوڭقول ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن. پىلان بويىچە، مىلادى 1275-يىلى يۈەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى چاڭجياڭ دەرياسىنى بۆسۈپ  ئۆتۈپ، ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ. موڭغۇل بايان قوماندانلىقىدىكى بىر يول قوشۇن ئېجۇۋدىن شەرقىي جەنۇبىي تەرەپكە قاراپ، جەنۇبىي سوڭ پايتەختى–لىن ئەن (ھازىرقى جيېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇۋ شەھرى)گە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. ئوتتۇرا يول قوشۇن، ئارىق قايانىڭ قوماندانلىقىدا جەنۇپقا قاراپ ھازىرقى خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ئۆلكىلىرىگە يۈرۈش قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىق قايانىڭ پىلانى بويىچە ئېجۇۋ قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىنغان. بۇ ئۇرۇشتا ئارىق قايا قوماندانلىقىدىكى قوشۇنلار ئالدى بىلەن ئېجۇۋ قەلئەسىنىڭ ئاساسىي ئۆتكىلى ۋە جەنۇبىي سوڭ سۇ قوشۇنلىرىنىڭ غول كۈچى جايلاشقان ۋۇجىبۇ دېگەن جايغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئومۇمىي غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە ياراتقان. بۇ غەلىبىدىن كېيىن ئەسكىرىي ئىشلار باش ۋەزىرى بايان، ئارىق قايانى 4 تۈمەن ئەسكەر بىلەن چاڭ جياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم شەھەر–ئېجۇۋ (ۋۇچاڭ)نى قوغداشقا قويۇپ، ئۆزى جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى–لىڭئەن (ھازىرقى جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇۋ شەھرى)گە يۈرۈش قىلىدۇ. چۈنكى، ئېجۇۋ (ۋۇچاڭ) نى مۇستەكەم قوغداپ تۇرۇش-تۇرالماسلىق، يۈەن قوشۇنىنىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ زۆرۈر ئالدىنقى شەرتى ئىدى، يەنى جەنۇبىي سوڭ قوشۇنىنىڭ يېڭىۋاشتىن توپلىنىپ ئېجۇۋغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ۋە يۈەن قوشۇنىنىڭ شىمالغا چېكىنىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. بۇنداق شارائىتتا ئارىق قايانىڭ 4 تۈمەن لەشكەر بىلەن بۇنداق مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنلىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئارىق قايا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم ئارقىلىق مۇداپىئە كۆرۈپ ئېجۇۋنى پۇختا ساقلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1275-يىلى 3-ئايدا جەنۇبىي سوڭ قوشۇنى بىلەن جىڭجياڭ دەرياسى ئېغىزىدا ئۇرۇش قىلىدۇ، كېيىن ئۇرۇش دۇڭتىڭخۇ كۆلىگە يۆتكىلىدۇ، دۇڭتىڭخۇ كۆلىدە جەنۇبىي سوڭنىڭ بىرقانچە مىڭ ئۇرۇش كېمىسى سەپ تۈزۈپ ئۇرۇشقا تەييارلانغان بولۇپ، ئۇرۇش باشلانغان ھامان ئارىق قايا ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ غول قىسمىنى دۈشمەن سېپىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا، قالغان قىسىملىرىنى دۈشمەن سېپىنىڭ ئىككى قانىتىغا سېلىپ، جەنۇبىي سوڭ قوشۇنىنىڭ باش-ئايىقىنى ئۇلاشتۇرماي مەغلۇپ قىلىدۇ. ئارقىدىنلا يۆجۇۋ قەلئەسىنى، 4-ئايدا شاشى (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسىدە) گە ئوت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ، ھەمدە جياڭلىڭ (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسىدە) شەھەرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ، بىرنەچچە قېتىملىق قاتتىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق جياڭلىڭ شەھەرى قولغا ئېلىنىدۇ. شەھەردىكى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئارىق قاياغا تەسلىم بولىدۇ. ئارىق قايا بىر تەرەپتىن تەنجۇۋ (چاڭشا) قەلئەسىنى بېسىۋېلىپ، جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ ھازىرقى خۇنەن ئۆلكىسى ئەتراپىدىكى كۈچلىرىنى تازىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن چاقىرىقنامە چىقىرىپ پۈتۈن خۇنەن تاغلىق رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى ئارقا ئارقىدىن ئەل قىلدۇرىدۇ. بۇ خەۋەر قۇبلايخانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىنتايىن خوشال بولۇپ، ئوردىدا 3 كېچە-كۈندۈز زىياپەت قىلىپ تەبرىكلەشكە يارلىق چۈشۈرىدۇ ھەمدە ئۆز قولى بىلەن مۇكاپات يارلىقى يېزىپ، ئارىق قاياغا ئەجدىرھا گۈلى كەشتىلەنگەن ۋەزىر ئەزەم كىيىمى، ۋەزىرلىك قالپىقى، ئۈنچە–مەرۋايىت تىزىلغان كىيىم-كېچەك، قاش تېشى كەمەر، بۇلغۇن جۇۋا، لياۋدۇڭ بۈركۈتى ۋە بىردانە ئالتۇن جام ھەدىيە قىلىدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق غەلىبىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارىق قايا باش قوماندانلىقىدىكى قوشۇن ناھايىتى تېزلىك بىلەن جىنجياڭ قەلئەسى (ھازىرقى گۇاڭشى ئۆلكىسى گۇيلىن شەھەرى) گە يۈرۈش قىلىدۇ. ئەمما جىنجياڭ قەلئەسىدىكى جەنۇبىي سوڭ قوشۇنى تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىدۇ، ئارىق قايا نەچچە قېتىم خەت ۋە ئەلچى كىرگۈزگەن بولسىمۇ تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 3 تۈمەن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن 1276-يىلى 11-ئايدا جىنجياڭ قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، 1277-يىلى يىل بېشىدا جىنجياڭ قەلئەسىنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ تىز پۈكمىگەن كۈچلىرى، ھەرقايسى جايلاردا  مەغلۇپ بولغان ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدار ۋە قوشۇنلىرىنى ھازىرقى خەينەنداۋ ئارىلىغا يىغىپ، يۈەن قوشۇنلىرى، بولۇپمۇ ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئارىق قايا قوماندانلىقىدىكى قوشۇنلارغا قايتارما ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. بۇنداق ۋەزىيەتتە قۇبلايخان ئارىق قاياغا ئۇلارنى ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئارىق قايا مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىش، پۇقرانى زىيانغا ئۇچراتماسلىق قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاۋال ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. لېكىن ئۇلار قارشىلىشىش يولىنى داۋاملىق تۇتقانلىقتىن، قوشۇن باشلاپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ خەينەن ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىپ بۇ تىز پۈكمەس كۈچلەرنى يوقاتقان. جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدىكى بارلىق زېمىنىنى يۈەن سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزگەن. ئارىق قايا ئۆزىگە بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە خەينەنداۋ ئايغاقچى مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، جەنۇپتىكى ئەڭ چوڭ ئارال–خەينەنداۋنى ئېلىمىز جۇڭگونىڭ ‌يۈەن سۇلالىسى زېمىنىغا قوشقان. ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇ جايلارنى يۈەن سۇلالىسىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرغان. 

ئارىق قايا موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ جەبە ۋە سۇبۇتاي قاتارلىق ئەڭ مەشھۇر قوماندانلىرىدىن قالسا، موڭغۇل تارىخىدا ئوتتۇرىغا چىققان قوماندانلار ئىچىدە ھەربىي بىلىم جەھەتتىن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە بۈيۈك قوماندان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا بېكىتىشكە ماھىر بولۇپلا قالماي، كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋە جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىشكىمۇ سەزگۈر ئىدى. ئۇرۇشتا ئۆزلىكىدىن تەسلىم قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى. پۇقرالارنىڭ ھاياتىغا كېپىللىك قىلاتتى. ئەسكەرلەرنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىنى چەكلەيتتى. بۇ ھەقتە «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دا ئارىق قاياغا مۇنداق باھا بېرىلگەن: «ئۇ ئۇرۇش قىلىپ، غەربىي خۇبېي، خۇنەن، غەربىي ئەنخۇي، جياڭشى، خەينەن، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىكى 58 ئايماق ۋە سانسىز تاغ ئاھالىلىرىنى بويسۇندۇردى. بويسۇندۇرغاندا كۆپىنچە نەسىھەت بىلەن بويسۇندۇردى. قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمىدى، خەلقنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللەتتى. شۇڭا خەلق ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياساپ، ئۇنىڭ ھەيكىلىگە سەجدە قىلدى»، يەنە ئارىق قايا ئېجۇۋدىكى چېغىدا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پۇقرالارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈشنى قەتئىي مەنئىي قىلغان. بۇنىڭ بىلەن «ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر قورقۇپ، پۇقرالاردىن بىر باغلام كۆكتات ئېلىشقىمۇ پېتىنالمىغان»، يەنە «چاڭشاغا ھۇجۇم باشلانغاندا، ئۇ سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ جەڭگە قوماندانلىق قىلۋاتقاندا، يا ئوقى تېگىپ يارىدار بولغان، چاڭشا ئېلىنغاندىن كېيىن، قول ئاستىدىكىلەر بۇ قىساسنى ئېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنى قىرىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئارىق قايا بۇنى رەت قىلىپلا قالماي، ھۆكۈمەت ئامبارلىرىنى ئېچىپ، خەلققە قۇتقۇزۇش ئاشلىقى (نەپىقە) بەرگەن». مىلادى 1286-يىلى يۈەن ئوردىسى ئارىق قايانى ھازىرقى ۋېتنامنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى ئەننەن خانلىقى (بۇ خانلىق سوڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان)غا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ قوماندانى قىلىپ تەيىنلىگەن ھەمدە «ئىناۋەتلىك تۆرە» دېگەن پەخرىي ئۇنۋان بىلەن خۇبېي-گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سول قول ئامباللىقىغا ئۆستۈرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ خۇبېي، خۇنەن، خېنەن، گۇيجۇ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلارنى ئىدارە قىلىپ، ئۇ جايلارنىڭ ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ يۈەن ئوردىسى نامىدىن ئىش بېجىرگەن.

ئاخىرىقى ھاياتى تەھرىرلەش

ئۇرۇش ئاياقلىشىپ پۈتۈن مەملىكەت بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، قۇبلاي قاغان دۆلەتنى تۈزەشكە كىرىشىپ، مالىيەنى تەرتىپكە سېلىش، خىيانەتچى پارىخورلارغا زەربە بېرىش، مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا بەل باغلىغان، ھەمدە يۈەن سۇلالىسى تەۋەسىدىكى بارلىق ھەربىي، مەمۇرىي ئورۇنلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، بارلىق ئىقتىسات ۋە مالىيە كىرىم-چىقىمىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ياۋ شۆمۇ دېگەن ئەمەلدار ئوردىغا «ئارىق قايا دۆلەت ئىقتىسادىنى خوراتقان» دەپ مەلۇم قىلىدۇ. ئوردا ئىچى-سىرتىدا ئارىق قايا توغرىسىدا مۇنازىرە كۆتۈرىلىدۇ، بۇ چاغدا ئارىق قايا قۇبلاي قاغان بىلەن ئايرىم سۆزلۈشۈپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي كۆرەلمەسلىك، سۈيقەست ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خۇگۇاڭغا (خۇنەن، گۇاڭدۇڭ) باشقا ئادەم ئەۋەتىپ مالىيەنى قايتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئىش ئارىق قايانىڭ ھايات-ماماتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، قۇبلاي دەرھال تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ، ئارىق قايانىڭ خاتا قارىلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ، ئەمما ۋاقتىدا ئوچۇق ھۆكۈم چىقارمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئارىق قايا ئاچچىق يۇتۇپ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، خانبالىقنىڭ غەربىي شەھەر رايونىدىكى ۋېيۋۇسۇڭ (ئۇيغۇرلار مەھەللىسى)دە دەم ئالىدۇ، قۇبلايخان پەقەت 4 نەپەر ئوردا تىۋىپىنى ئەۋەتىپ ئۇنى داۋالاشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئارىق قايا ئوردا ئىچىدە بولىۋاتقان پىتنە-پاسات گەپلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ، قۇبلايخان بىلەن قايتا–قايتا سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، قۇبلاي پەرمان چۈشۈرۈپ ئارىق قايانى دەرھال ئاشكارا ئاقلىمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىچى ئۆرتۈنۈپ، ئاچچىق يۇتۇپ، كېسىلى ئېغىرلاپ ناھەقچىلىككە چىدىماي ئاخىرى 1286-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى كېچىسى 60 يېشىدا دورا ئىچىپ ئۆلىۋالىدۇ. قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ناھەقچىلىككە چىدىماي ئۈلىۋالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇبلاي دەرھال پەرمان ئېلان قىلىپ ئارىق قايانىڭ نام شەرىپىنى، بارلىق تۆھپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭغا «تۆھپىكار ۋەزىر»، «دۆلەت تۈۋرۈكى»، «چاڭشا ۋاڭى»، «جياڭلىڭ ۋاڭى» ۋە «ئوردا ئۇستازى» دېگەنگە ئوخشاش پەخرىي مەنسەپ–ئىنئاملارنى بېرىدۇ. دىمەك، ئارىق قايا ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇ جايلارنى يۈەن سۇلالىسىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇشتا، ئاجايىپ ئۈستۈن ھەربىي ئىقتىدارى، ئەقىل پاراسىتى، لەشكەر باشقۇرۇش، ئەل باشقۇرۇش، تەرتىپ ئورنىتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى تالانتىنى نامايەن قىلغان مەشھۇر ئۇيغۇر ھەربىي ئىشلار ئالىمىدۇر.

مەنبە تەھرىرلەش