ئاسىمگۈل رېھىم قاراماي شەھىرىدە بىر مۇزىكا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،ئىزچىل مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ ئۆز تالانتى بىلەن قاراماي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان.ئۈچ يىل ئوقۇش جەريانىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،قاراماي4-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىغىغا تەيىنلەنگەن،خىزمەت جەريانىدىمۇ ناھايىتى زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قازانغان ھەم ئۆزىنىڭ «قىز قەلبى» ناملىق ئۈنئالغۇ لىنتىسى نەشىر قىلىنغان،كېيىن شاڭخەي پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئۈچ يىل تەربىيلەنگەن،ئۆز كەسپىدە تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان بۇ قىزنىڭ« سىنى كۈتىمەن »دىگەن پىلاستىنكىسى نەشىر قىلىنغان،ئاتاقلىق كومپوزىتور «ھېكىم ھەسەن» ئاكا ئۆزگەرتىپ ئاكورتلاشتۇرغان «روزىلەم» دىگەن خەلق ناخشىسى خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن،2005-يىلى شىنجاڭنىڭ 50 يىللىغىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى سەھنە ئويۇنىدا «شىنجاڭ ئەسكىرى»ناملىق ناخشىسى ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ئورۇندالغان.ھازىرمۇ ئىزچىل تۈردە ھەرخىل تىپتىكى سەھنە ئويۇنلىرىدا ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتى ھەم داۋاملىق يەنىمۇ كۆپرەك خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە تىرىشماقتا.

ھۆججەت:Asimgul.jpg
ئاسىمگۈل رېھىم

بۇ قېتىم «ئاسمان قىزى»ناملىق يېڭى mtv نى يوللىدۇق ھەم بىر قانچە ناخشىلار خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى...