<ئاسىيا كىندىكى> گېزىتى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ، 1991 - يىل 7 - ئايدا نەشر قىلىنشقا باشلىغان. گېزىتنىڭ دەسلەپكى نامى <شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى> ئىدى، 1993 - يىل 1 - ئايدىن باشلاپ <ئاسىيا كىندىكى> گە ئۆزگەرتىلگەن. گېزىت ھازىر چوڭ فورمات بىلەن ھەپتىدە بىر سان، تۆت بەت نەشر قىلىندۇ. بۇ گېزىت تەسىس قىلىنىش بىلەن <كېڭەش> نامىدا ئەدەبىي بەت چىقىرىلغان، كېيىن بۇ بەتنىڭ نامى <بۇلبۇل> غا ئۆزگەرتىلگەن، ھازىر مۇشۇ نام قوللىنىلىۋاتىدۇ. <بۇلبۇل> ئەدەبىي بېتىگە شېئىر، ھېكايە، نەسر، مەسەل، قاتارلىق ژانىرلاردا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەر، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەر ۋە بىر قىسىم تەرجىمە ئەسەرلەر بېرىلگەندىن باشقا، زىيارەت خاتىرىلىرى، مەدەنىيەتكە، تارىخقا، ئىتنوگرافىيگە، ئېتىكىغا دائىر ئاممىباب پوبلىستىك ماقالىلەرمۇ بېرىلىدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش