ئاغىچام قىڭغاندى

ئاغىچام قىڭغاندى: بۇ قەدىمكى لۈكچۈن — دۈنخۇاڭ يولىدىكى بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، لۈكچۈندىن 60 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جايدا يول ناھايىتىمۇ خەتەرلىك بولغاچقا، تىك يار ياقىلاپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن، لۈكچۈنلۈك پېشقەدەم زات ئىسمائىل ھادىنىڭ ئېيتىشىچە، تارىختىكى يېغىلىقلارنىڭ بىرىدە، لۈكچۈن ۋاڭى مۇشۇ يول بىلەن قاچقاندا، ئاغىچىسى مۇشۇ جايدىن ئۆتكىچە ئۇلاغنىڭ ئۈستىدە قورقۇپ، بىر ياققا قىڭغىيىپ ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلغانىكەن. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ جاي‹‹ئاغىچام قىڭغايدى››دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن.