كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاغى يېزىسى تەۋەلىكىدىكى قىزىليار جىلغىسىدا ئاغى مىڭئۆيى بار بولۇپ، بۇ مىڭئۆينى 1999-يىلى ئاپرېلدا كۇچا ناھىيە ئاغى يېزىسىدىكى ئابلەت مۇھەممەد ئىسىملىك بىر دېھقان بايقىغان. بۇ مىڭئۆي ئاغى يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئاغى مىڭئۆيى دەپ ئاتالغان.

ئاغى مىڭئۆيىدە پەقەت بىرلا مىڭئۆي بايقالغان بولۇپ، ئۇ يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 30 نەچچە مېتىر كېلىدىغان قىيا ئۈستىگە جايلاشقان. مىڭئۆينىڭ ئىچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.6 مېتىر، كەڭلىكى 2.5 مېتىر بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا تۆت چاسا شەكىللىك بىر سۇپا بار، سۇپىنىڭ ئۈستىگە زوڭزىيىپ ئولتۇرغان كەمتۈك بىر بۇدساتىۋا قۇيۇلغان. مىڭئۆينىڭ تاملىرىدا نۇرغۇن تام سىزمىلىرى بار بولۇپ، تام سىزمىسىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 10 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. 1999-يىل ئۆكتەبىردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق كۈسەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاغى مىڭئۆيىنىڭ قۇرۇلمىسى، بەدىئىي ئۇسلۇبى، تام سىزمىلىرىنىڭ مەزمۇنى، رەسساملىق تېخنىكىسى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى. ئۇلار ئاغى مىڭئۆنىڭ تېمىدا 26 ئورۇندا خەنزۇچە ۋە كۈسەن يېزىقىدىكى بېغىشلىمىلار بار بولۇپ، ئۇنىڭدا جاۋ، لى، لياڭ، كو قاتارلىق خەنزۇچە فامىلىلەر ۋە پېي (سۇلى)، بەي (كۈسەن) فامىلىلىرى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ فامىلىلىرى بارلىقىنى بايقىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى كۈسەن رايونىنىڭ سىياسى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

مىڭئۆينىڭ سول تېمىغا سىزىلغان تام سىزمىلىرىنىڭ مەزمۇنى ئولتۇرغان بۇدساتىۋا، دورىگەر بۇدساتىۋا قاتارلىق ئالتە بۇدساتىۋاغا، ئوڭ تامغا سىزىلغان تام سىزمىلىرىنىڭ مەزمۇنى ئولتۇرغان بۇدساتىۋا، ئاۋالۇكىتا ئىشۋارا بۇدساتىۋا قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئاغى مىڭئۆيىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، تام سىزمىلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە سەنئەت ئۇسلۇبىغا ئاساسەن، ئاغى مىڭئۆيى تاڭ سۇلالىسى شەنچېڭنىڭ 3-يىلى (مىلادىيە 658-يىل) ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى كۈسەنگە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن تەخمىنەن مىلادىيە 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان تارىخي دەۋردە ياسالغان دەپ بېكىتتى. ئاغى مىڭئۆيىنىڭ تۆت ئەتراپىدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۆمۈر ئېرىتىش، مىس تاۋلاش خارابىلىقلىرى بار. شىنجاڭ كۈسەن مىڭئۆيى تەتقىقات ئاكادېمىيەسدىكى مۇتەخەسسىسلەر تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن كۈسەننىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ ناھايىتى قويۇق ئىكەنلىكىنىڭ تارىخىي ئىسپاتى بولغان ئاغى مىڭئۆينىڭ ئىلمىي تەتقىقات قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى دەپ ھېسابلىدى.

ئاغى مىڭئۆيى 2006-يىلى 25-ماي گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ ئېلان قىلىنغان.[1]

مەنبە تەھرىرلەش

  1.  مۇھەممەد تۇراپ، تەڭرىتاغ تورى، 27 دېكابىر 2016 ئۇلانمىسى