ئاقسۇ "9 – ئاپرېل" ۋەقەسى

ئاقسۇ "9 – ئاپرېل" ۋەقەسى:

1980 – يىلىدىكى ئاقسۇدىكى "9 – ئاپرېل" ۋەقەسى . 1980 – يىلى 4 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئاقسۇ ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر يولۋاس توختىنى ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى خىتاي ساقچى خۇاڭ جېن (黄镇) تۇتقۇن قىلىپ، يولۋاسنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ قويغان ھەم ئاغزىغا لۆڭگه تىقىپ قويغان. نەتىجىدە يولۋاس توختى تىنالماي ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ، 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچه، ئۇيغۇرلاردىن 3000 دىن ئارتۇق كىشى جەسەتنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىپ،" ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىدى"، "قانغا قان ئالىمىز" "خىتايلارنى يوقىتايلى"، "خىتايلارنى يوقىتايلى ئىچكىرىگه قوغلىۋېتەيلى" دەپ شۇئار توۋلاپ، ئاقسۇ ۋىلايهتلىك پارتكوم، ئاقسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، داگۇاڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى قاتارلىق ئون نەچچه ئورۇنغا ھۇجۇم قىلغان، خىتايلارنى ئۇرغان.

ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، بۇ ۋەقەدە ، بىر خىتاي ئۆلتۈرۈلگەن ، 549 خىتاي يارىلانغان ، ئۇلارنىڭ 93 نەپىرى ئېغىر يارىلانغان.