خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلا r2.7.2) (Robot: Adding zh-min-nan:Harvard Tāi-ha̍k
Image
4 -قۇر:
 
 
[[Image:Widener Library, Harvard University, Cambridge MA.jpg|thumb|left|250px]]
 
1636-يىلى قىشتا ، ئەنگىلىيە كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر كۆچمەن يېڭى قۇرۇقلۇققا كېلىدۇ . شۇ يىلى ئۇ 29 ياشتا ، توي قىلغىنىغىمۇ ئۇزاق بولمىغان ، بالىسىمۇ يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئىسمى جون خارۋارد بولۇپ ، لوندوندىن كەلگەن ئىدى . ئۇ چارلىز كوچىسىدا تۇراتتى ، بۇ كوچا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوت (ئەينى ۋاقىتتا تېخى بۇ مەكتەپنىڭ رەسمىي نامى يوق ئىدى ) جايلاشقان كامبىرىج كوچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى ، خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى چىركاۋنىڭ ياردەمچى پوپى بولۇپ قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇ يېڭى قۇرۇقلۇقتا بىرەر يىلمۇ ياشىيالمىدى . 1638-يىلى 9 – ئايدا، ئۆپكە كېسىلى بىلەن چارلىز كوچىسىدا ئۆلۈپ كەتتى . ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ، ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىنىڭ يېرىمى (780 فوند سىتىرلىڭ)ۋە بارلىق كىتابلىرى (تەخمىنەن 400 پارچە)نى قارشى قىرغاقتا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوتقا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ۋەسىيەت قىلدى . بۇ مۇشۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئىئانە ئىدى. مەكتەپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مەكتەپ نامى بولمىغان بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى خارۋارد ئىنىستىتوتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى .خارۋارد ئىئانە قىلغان 780 فوند سىتىرلىڭ ئىئانە پۇلى ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ يىللىق مالىيىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى . دىمەك ، بۇ ئەينى چاغدا خېلى كۆپ پۇل ھىساپلىناتتى ، ھازىرقى گېپىمىز بويىچە ئېيتقاندا ، مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ پۇل بىلەن مەكتەپنىڭ نۇرغۇن «قاتتىق ماتىرىيال » ۋە «يۇمشاق ماتىرىيال » لىرىنى تولۇقلىۋالغان ئىدى .