كىلون تېخنىكىسى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
قۇرۇلغان بەت '1997 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى دوكتۇر ۋېلموت باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە ئالىملىرى بىر قوينىڭ يەككە...'
 
ئازراقلاNo edit summary
1 -قۇر:
1997 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى دوكتۇر ۋېلموت باشچىلىقىدىكى [[ئەنگلىيە]] ئالىملىرى بىر قوينىڭ يەككە ھۈجەيرىسىنى شۇ قوينىڭ ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمى بىلەن بىرىكتۈرۈشتىن ئىبارەت كىلون تېخنىكىسى ئارقىلىق دۇنيادىكى تۇنجى كىلون قوي ـ دولىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ مۇۋەپپەقىيەت ئىنسانلارنىڭ ھايۋان تېنىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ، ئاشۇ ھايۋانغا ئوپمۇ ئوخشاش جانلىقنى كىلونلاپ چىقىش ئارقىلىق، ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنى جىنسىسىز كۆپەيتىش ئىمكانىيىتى ياراتقانلىقىدىن دېرەك بەردى.
«كلون»سۆز ئېنگلىزچىدىكى «جىنىسسىز كۆپىيىش»دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى «clone» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مىسالەن، كىشىلەر ئەتىياز كۈنى دەل ـ دەرەخنىڭ شېخىنى كېسىپ ئېلىپ يەرگە قەلەمچە قىلىپ تىكسە، ئاز كۈندىن كېيىن ئۇ قەلەمچە تۇتىدۇ ـ دە، بىخ چىقىرىشقا باشلايدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى «كىلون»لاش دېمەكتۇر. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئادەتتە جىنىسسىز كۆپىيەلمەيدۇ. شۇڭا ئالىملار ئۇزۇندىن بۇيان ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنى كىلونلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىدۇ.