تاڭ سۇلالىسى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
No edit summary
5 -قۇر:
بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى ھەققىدە
 
جۇڭگو تارىخلېرىدە تاڭ سۇلالىسى جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك بىر خانلىق سۈپىتىدە<<بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى>>دەپ ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.دۆلەت ئىچىدە مۇتلەق كۆپ سانلىق تارىخ ھەۋەسكارلېرىمۇ تاڭ سۇلالىسىنى جۇڭگو تارىخىدىلا ئەمەس،بەلكى دۇنيا تارىخىدىمۇ ئەڭ قۇدرەتلىك بۈيۈك خانلىق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈدۇ. پېقىرمۇ ئۆزەمنىڭ تارىختىكى تامچە چۈشەنچىلېرىمگە ئاساسەن<<بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى>>نىڭ زادى قايسى دەرىجىدە بۈيۈكلىكى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتتىم،تورداشلارنىڭ تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
 
 
جۇڭگو تارىخلېرىدە تاڭ سۇلالىسى جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك بىر خانلىق سۈپىتىدە<<بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى>>دەپ ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.دۆلەت ئىچىدە مۇتلەق كۆپ سانلىق تارىخ ھەۋەسكارلېرىمۇ تاڭ سۇلالىسىنى جۇڭگو تارىخىدىلا ئەمەس،بەلكى دۇنيا تارىخىدىمۇ ئەڭ قۇدرەتلىك بۈيۈك خانلىق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈدۇ. پېقىرمۇ ئۆزەمنىڭ تارىختىكى تامچە چۈشەنچىلېرىمگە ئاساسەن<<بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى>>نىڭ زادى قايسى دەرىجىدە بۈيۈكلىكى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتتىم،تورداشلارنىڭ تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
 
 
 
بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن بىۋاستە ياردەم بېرىشى بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ.مىلادى617-يىلى سۈي سۇلالىسىنىڭ تەييۈەن ئايمىقىنىڭ ھال سوراش ئامبىلى،سىيانپىي نەسلىدىن بولغان لى يۈەن ئۆز قولى بىلەن نامە يېزىپ،ليۇ ۋېنجۇڭ دېگەن ئادەمنى شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئەينى چاغدىكى قاغانى ئىشبارا قاغانغا ئالاھىدە سوۋغا-سالاملار بىلەن ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ،سۈي سۇلالىسى خانلىقىغا بىللە ھۇجۇم قىلىشنى،ئولجىغا چۈشكەن قىز_يىگىت(قاۋۇل ئەمگەك كۈچلېرىنى كۆزدە تۇتۇدۇ)لەرنى ۋە بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش،قاشتېشى،يىپەك-كىمخاپ قاتارلىق قىممەت باھالىق بويۇملارنى ئىشبارا قاغانغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەكلىپ بېرىدۇ.بۇ چاغدا سۈي سۇلالىسىنىڭ شىمالىدىكى ليۇ جۇۋۇ،لياڭ شىدۇ،گوزىخې،ھەتتا ئەينى زاماندا ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسىنى زىلزىلىگە سالغان دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ باشلىقى دۇجيەندې قاتارلىق قوزغۇلاڭچى گۇرۇھلارنىڭ بارلىق ئاتامانلېرىمۇ كەينى-كەينىدىن ئىشبارا قاغانغا بېقىندىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەلچى ئەۋەتىدۇ،قوزغۇلاڭچىلار ھەتتا شەرقىي كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ ئۆزلېرىنى قوللۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،ئۆزلېرى تۇتۇۋالغان سۈي سۇلالىسىنىڭ خاقانى سۈي ياڭدىنىڭ خانىشى شياۋخوۋنى ئىشبارا قاغانغا تەقدىم قىلىپ كۆكتۈرك خانلىقىدىن مەدەت تىلەيدۇ.
Line 16 ⟶ 12:
 
لى يۈەن زامانىلېرىدا تاڭ سۇلالىسى باشتىن-ئاخىر شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىغا بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىدۇ، لى يۈەن سىيانپىلارنىڭ توقبات نەسلىدىن بولغاچقا،تاڭ سۇلالىسى تۈركلەر تەرىپىدىن<<تاۋغاچ خانلىقى>>دەپ ئاتىلىدۇ.چۈنكى سىيانپىلار،يەنى سىيانپىلار تەۋە بولغان توڭغۇس تىپىدىكى(شەرقىي شىمال تەرەپلەردىكى)خەلقلەر قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئەسلىدە تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ،كېيىنچە(مىلادىيە47-يىلى ھونلار ئىككىنچى قېتىم شىمال،جەنۇپ دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ،شىمالىي ھونلار91-يىلى غەرپكە كۆچكەندىن كېيىن) ئۇلار تۈركلەردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ئايرىم بىر يول بىلەن ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىپ،تىل ۋە ئۆرپ- ئادەت جەھەتتىن تۈركلەردىن پەرقلىق بىر خەلققە ئايلانغان ئىدى.شۇڭا،تۈركلەر تاڭ سۇلالىسىنى<<تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى>>دىگەن مەنىدە تۈركچە<<تاۋغاچ خانلىقى>>دەپ ئاتىغان.شۇندىن باشلاپ<<تاۋغاچ>>دىگەن بۇ ناممۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارنى كۆرسۈتىدىغان ئورتاق نام بولۇپ قالغان.لى يۈەن تۈركلەرنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئىگە بولۇپ ئۆز خانلىقىنى تىكلىگەچكە،ئىشبارا قاغانغا ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ ھەددى- ھىساپسىز سوۋغا- سالاملارنى بېرىدۇ،ئىشبارا قاغان قۇتلۇق تېگىننى تاڭ ئوردىسىغا ئەۋەتكەندە،لى يۈەن تەيجى ئوردىسىدا ئالاھىدە توققۇز قەبىلىنىڭ نەغمىسىنى ئورۇنلاتقۇزۇپ،قۇتلۇق تېگىننى ھەشەمەتلىك زىياپەت بېرىپ كۈتىۋالىدۇ.تاڭ پادىشاھى لى يۈەننىڭ تۈركلەرگە تۆۋەنچىلىك بىلەن چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشى ئەلۋەتتە تېگىشلىك ئىدى.619-يىلى ئىشبارا قاغان ۋاپات بولىدۇ،ئورنىغا ئىنىسى ئېلتەبىر شاد تەختكە چىقىپ،چۇرلۇق قاغان دەپ ئاتىلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى ئىشبارا قاغاننىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ،ئوردىدا ئۈچ كۈن خىزمەت توختۇتۇپ ماتەم بىلدۈرۈدۇ(بۇ خۇددى بايراقنى يېرىم چۈشۈرگەنگە باراۋەر كېلەتتى)،شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاڭ سۇلالىسى ئالاھىدە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئىشبارا قاغانغا ماتەم بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە،يەنە شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىغا 30مىڭ توپ كىمخاپ ھەدىيە قىلىدۇ.چۇرلۇق قاغان پەقەت بىر يىللا تەختتە ئولتۇرۇپ620-يىلى ۋاپات بولىدۇ،ئورنىغا ئىنىسى باغادۇر شاد تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ،ئېلىك قاغان دەپ ئاتىلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى چۇرلۇق قاغاننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،خۇددى ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاش چۇرلۇق قاغاننىڭ ئۆلۈمىگىمۇ ئاتاپ سوۋغا- سالام ئەۋەتىدۇ.
 
 
 
چۇرلۇق قاغان ھايات ۋاقتىدا ئىلگىرىكى سۈي سۇلالىسىنىڭ شاھزادىسى سىيانپىلاردىن بولغان ياڭ جىڭداۋنى(سۈي سۇلالىسىنى قۇرغۇچىلارمۇ سىيانپىلارنىڭ يۈيۋېن قەبىلىسى بولۇپ،بىراق ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن خەنزۇلۇشۇپ كەتكەن ئىدى)دىڭشياڭ ئايمىقى(ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىدە)نىڭ بېگى قىلىپ تەيىنلەپ،سۈي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا تۈركلەرگە قېچىپ كېلىۋالغان ئون مىڭغا يېقىن قەۋمنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،شۇ ئارقىلىق تاڭ سۇلالىسىنى چەكلەپ تۇرۇش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغان ئىدى.لېكىن كېيىنچە بۇ ئايماقنىڭ بىر مۇنچە سانغۇنلېرى تاڭ سۇلالىسى تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى،تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلغانلىغىدىن غەزەپلەنگەن ئېلىك قاغان621-يىلى تاڭ سۇلالىسىگە جازا يۈرۈشى قىلىدۇ،621-يىلىدىن626-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈرك قوشۇنلېرى سەددىچىن سېپىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ جەمئىي33ئايمىقىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ.بۇ ئايماقلارنىڭ كونكرت ئورنى ھازىرقى سەنشى،خېبىي،شەنشى،گەنسۇ،نىڭشىيا،چىڭخەي،سىچۈەن،خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە بولۇپ،ھازىرقى چوڭ-چوڭ شەھەرلەردىن بېيجىڭ،تەييۈەن،لەنجۇ،تىيەنشۈي،ۋۇۋېي،ئەنياڭ قاتارلىق ئىچكىرىدىكى شەھەرلەر يۇقارقى33 ئايماقلارنىڭ ھازىرقى ئورۇنلېرىغا توغرا كېلىدۇ.تۈركلەرنىڭ كەلكۈندەك كەلگەن كۈچلۈك ھۇجۇمىدىن ئالاقزادە بولۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان تاڭ سۇلالىسى،622-يىلى4-ئايدا تۈركلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ،ئېلىك قاغانغا پارا بېرىدۇ ۋە مەلىكە ياتلىق قىلىپ بېرىدۇ.لېكىن ئۇرۇش يەنە داۋاملىشىدۇ(قارىغاندا تۈركلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەدىپىنى ئۇلارنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك دەرىجىدە بېرەيلى دىگەن ئوخشايدۇ).624-يىلى تۈرك قوشۇنلېرى شەنشىنىڭ گۈەنجۇڭ ئەتىراپى(ھازىرقى شەنشىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى)غا قىستاپ كېلىپ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە تەھدىت سالىدۇ.تاڭ سۇلالىسى بىر مەھەل پايتەختنى يۆتكىمەكچىمۇ بولۇپ ئاخىرى پادىشاھ لى يۈەننىڭ ئوغلى لى شىمىننىڭ كۈچەپ توسۇشى بىلەن توختاپ قالىدۇ.بۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسى ھە دەپ مەلىكە ياتلىق قىلىپ،قۇدۇلۇشۇش ئارقىلىق تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ،ئەمما ئۇرۇشنى تۈپتىن توختۇتۇپ قېلىشقا قادىر بولالمايدۇ.626-يىلى8-ئايدا تۈرك قوشۇنلېرى ھازىرقى شەنشىنىڭ ۋۇگۇڭ ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ،تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەن تۈركلەرنىڭ بىر ھۇجۇمى بىلەنلا قولغا كېلىش گىردابىغا كېلىپ قالىدۇ،بۇ چاغدا لى يۈەننىڭ ئوغلى لى شىمىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىدا ئولتۇرغان بولۇپ،ئۇ ئۆز سەلتەنەتىنىڭ مانا مۇشۇنداق گۇمران بولۇپ كېتىش پەيتىدە،شەخسەن ئۆزى ۋېيشۈي دەرياسى بويىغا كېلىپ كۆۋرۈك بېشىدا بوز ئات ئۆلتۈرۈپ،تۈركلەر بىلەن ئۆزئارا دوستلۇق ئەھدىنامىىسى تۈزەپ يارىشىدۇ(يارىشىش ئۈچۈن تاڭ سۇلالىسى قانچىلىك بەدەل تۆلىدى بۇ ھازىرچە بىزگە مەلۇم ئەمەس)،شۇندىن كېيىن تۈركلەرمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ.
 
 
 
بۇ قېتىم پايتەخت چاڭئەننىڭ سۈلھى ئارقىلىق ئامان قېلىش ۋەقەسىنى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى مۇنداق خاتىرىلەيدۇ:
 
Line 28 ⟶ 19:
 
كۆكتۈرك خانلىقى ئەسلىدە552-يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھىرىيىتىدىكى ئۆتۈكەن تېغىنى پايتەخت قىلىپ قۇرۇلغان بىر پۈتۈن خانلىق ئىدى. <<كۆكتۈرك>>دىگەن بۇ نام <<تەڭرىنىڭ تۈركلېرى>>دېگەن مەنىدە بولۇپ،مەزكۇر خانلىقمۇ<<تەڭرى تۈركلېرىنىڭ خانلىقى>>دېگەن مەنىدە<<كۆكتۈرك خانلىقى>>دەپ ئاتالغان. كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنى شەرقتە ھىنگان تاغلېرى(ھازىرقى شەرقىي شىمالدىكى كىچىك ھىنگان تېغى ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى)دىن باشلاپ غەرپتە ھازىرقى تۈركمەنىستانغىچە(كاسپىي دېڭىزىغىچە)،شىمالدا بايقال كۆلى(ھازىر روسىيە تەۋەلىكىدە) ۋە ئانىساي(يەنسەي)دەرياسى(ھازىر روسىيە تەۋەلىكىدە)دىن باشلاپ جەنۇپتا سەددىچىنگىچە بولغان بىپايان زېمىننى ئۆز خەرىتىسى ئىچىگە كىرگۈزگەن قۇدرەتلىك خانلىق ئىدى.
 
 
 
583-يىلىغا كەلگەندە كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئىچىدە ئۆزئارا تەسىر دائىرە تالىشىپ قانلىق بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدۇ.ئەسلىدە581-يىلى كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى تابار قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن،ئورنىغا كېڭەش ئارقىلىق قاغاننىڭ جىيەنى شۈتۈك(ئىشپارا قاغان) خانلىققا چىقىدۇ،ئۇ خانلىققا چىققاندىن كېيىن ئۆزىدىن تەخت ۋارىسلىغىنى تالاشقان ئۇرۇغ-تۇققانلېرىنى رازى قىلىش ئۈچۈن،ھەرقايسى ئۇرۇغ-تۇغقانلېرىغا ۋە بەزى ئاقسۆڭەكلەرگە زېمىن بۆلۈپ بېرىدۇ.ياللۇغ تېكىنگە تۇغلا دەريا ۋادىسىدىكى جايلارنى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ ئىشپارا قاغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغان قاغان ئىدى؛ئۆتۈكەن تاغلېرىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىنى دالۇبيەنگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ<<ئاپا قاغان>>دەپ ئاتىلىدۇ؛ئىستېمى قاغاننىڭ ئوغلى جىيەنكۆلگە بۇرۇنقى ئويسۇنلار زېمىنىنى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ<<تاردۇش قاغان>>دەپ ئاتىلىدۇ؛ياللۇغ تېكىنگە قاراشلىق جايلارنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى تاتابىي(كۈمۈش)،خىتاي،شى،تاتار رايونلېرىنى بىر تۇغقان ئىنىسى چۆرۈكۆلگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ<<تۆلۈش قاغان>>دەپ ئاتىلىدۇ،بۇلار شتۈك قاغان مەزگىلىدىكى<<بەش قاغانلىق>>دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇندىن باشقا ھازىرقى تۇرپاننىڭ شىمالىدىكى بۇغدا تېغىنىڭ ئەتىراپىدا يەنە<<تارماق قاغان>>،تارباغاتاي تاغلېرىنىڭ ئەتراپىدا<<كىچىك قاغان>>قاتارلىق سۇيۇرغاللىقلارمۇ بار ئىدى،تۇرپان ئويمانلىقىدا قاڭقى قەبىلىلېرى قۇرغان خانلىقمۇ بار ئىدى.مانا مۇشۇ ئۇرۇغ-تۇققانلار بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ئۆزئارا زىدىيەتلىشىپ583-يىلىغا كەلگەندە ئىشبارە قاغان،ياللۇغ تېكىن ۋە تۆلىش قاغان بىر تەرەپ بولۇپ<<شەرقىي تۈرك قاغانلىقى>>؛ئاپا قاغان،تاردۇش قاغان،تارمان قاغان ۋە كىچىك قاغانلار بىر تەرەپ بولۇپ<<غەربىي تۈرك قاغانلىقى>>دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.ئىككى قاغانلىقنىڭ چېگرىسى ئالتاي تاغلېرىدىن ھازىرقى قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاراتۈرك ناھىيەسى بولىدۇ.ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ،ئىككى قاغانلىق ئوتتۇرسىدا ئۇزۇن مەزگىل قانلىق ئۇرۇشلار داۋام قىلىدۇ.
 
 
 
620-يىلىدىن كېيىن شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ھەر قايسى قەبىلىلەر ھوقوق ۋە زېمىن تالىشىپ،خانلىقنىڭ بىر تۇتاش ھاكىمىيىتىگە قارىشى ئۇرۇش قوزغاشقا باشلايدۇ.627-يىلىغا كەلگەندە ئۇرخۇن،سېلىنگا ۋە تۇغلا دەريا ۋادىلېرى(ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدا)دىكى ئۇيغۇر قەبىلىسى(ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا باراۋەر ئۇقۇم ئەمەس،بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى بىر پۈتۈن تۈرك مىللىتىنىڭ بىر قەبىلە ئىتپاقىنىڭ سىياسى نامى) شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىغا قارىشى ئۇرۇش قوزغاپ،تۇغلا دەريا ۋادىسىدا <<تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى>>(توققۇز ئوغۇز خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى تىكلەيدۇ(توققۇز ئۇيغۇرلار ياغلاقار،قۇرتارغار،دېرېمار،بايىرسىق،ئادىز(ئابدال)،قاسار،قۇۋلاس(قۇۋۇنلاس)،ئوۋۇغار(ياغما)،سابارۆ(سارورغۇر)قاتارلىق توققۇز ئۇرۇقتىن تەشكىللەنگەن،ياغلاقار ئۇرۇقى بولسا بۇ توققۇز ئۇرۇقنىڭ يېتەكچىسى ئىدى.توققۇز ئوغۇزلار بولسا يۇقۇرىقى توققۇز ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر،بارغۇت،قۇۋۇن،بايىرقۇ،توڭرا،ئىزگىل،چەۋۈك،باسمىل،قارلۇق قاتارلىق توققۇز قەبىلە ئىتپاقىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى).ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ قوزغۇلاڭىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان سىر-تاردۇش(تۈركلەرنىڭ سىر ۋە تاردۇش قەبىلىلېرىنىڭ بىرلەشمە ئىتپاقى)قەبىلىلېرىمۇ628-يىلى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈپ،شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ بىر تۇتاش ھاكىمىيىتىگە قارىشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈدۇ،ھەمدە شىددەت بىلەن كۈچۈيۈپ شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ پايتەختى ئۆتۈكەن تېغىنى ئىگەللەپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خانلىق تىكلەيدۇ،بۇ چاغدا قاغانلىقنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاتابى(كۈمۈش)،قىتان قەبىلىلېرى(توڭغۇز تىل سېستىمىسىدىكى سىيانپى قەبىلىلېرى)مۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ خانلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىۋالىدۇ.ئەمىلىيەتتە شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقى628-يىلىلا خانلىق تەۋەسىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ قوزغۇلاڭلېرى نەتىجىسىدە ئاللىقاچان يىمىرىلىپ بولغان ئىدى.ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان ئېلىك قاغان ئۆز جەمەتىدىكى قالدۇق قەبىلىلەرنى باشلاپ،تاشقى موڭغۇلىيەدىن ئۇدۇل ئۆز ۋاقتىدىكى دىڭشياڭ قەلئەسىگە چۈشكۈن قىلىدۇ.دېڭشياڭ قەلئەسىنىڭ ئورنى ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجۇ شەھىرى ئورنىدا بولۇپ،سەنشىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كېلىدۇ،تۇپرىغى مۇنبەت،ھاۋاسى مۆتىدىل،ئەينى زاماندا ئۇ تۈركلەرنىڭ سېپىل ئىچىگە جايلاشقان بىر ئالاھىدە قەلئەسى ئىدى.ئېلىك قاغاننىڭ مەزكۇر قەلئەگە كېلىشتىكى مەقسىدىمۇ سەددىچىن ئىچىگە كىرىپ،سېپىلنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ سىر-تاردۇشلارنىڭ داۋاملىق قوغلاپ ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرگەچ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،سىر-تاردۇش ۋە توققۇز ئۇيغۇرلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ،ھالاك بولغان خانلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدى.ئېلىك قاغاننىڭ سەددىچىن ئىچىگە چۈشكۈن قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان تاڭ سۇلالىسى،مانا شۇ چاغدىلا ئاخىرى بىر قېتىم بولسىمۇ غەيرەتكە كېلىپ يېرىم كېچىدە دىڭشياڭ قەلئەسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى ھەربىي ھۇجۇم قوزغاش بىلەن بىرگە،يەنە قايتا-قايتا ئادەم ئەۋەتىپ ئىچىدىن پارچىلاش ھىيلىسىنى ئىشقا سالىدۇ،نەتىجىدە قاغاننىڭ بىر مۇنچە يېقىنلېرى(كاڭ سۇمىي،سۈي سۇلالىسىنىڭ سابىق خانىشى سۇ خانىش ۋە سۈي سۇلالىسىنىڭ سابىق شاھزادىسى ياڭ جىدوۋ قاتارلىقلار)تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىدۇ،ئېلىك قاغان چوغاي تېغىغا چېكىنىدۇ.تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلېرى20كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈگىنى ئېلىپ ئېلىك قاغاننى قوغلاپ بارىدۇ.بۇ چاغدا ئېلىك قاغان ۋە ئۇنىڭ ئادەملېرى يەنىمۇ شىمالغا قاراپ چېكىنىشكە ئامالسىز ئىدى،چۈنكى ئۇ جايلاردىكى زېمىنلارنى ئاللىقاچان ئۇيغۇر ۋە سىر- تاردۇش قەبىلىلېرى ئىگەللىۋالغان،ئۇلار بارسا ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولاتتى.چىقىش يولى قالمىغان ئېلىك قاغان ۋە ئۇنىڭ قەبىلىلېرى ئاخىرى لىڭجۇ ئايمىقى(ھازىرقى نىڭشيا ئۆلكىسىنىڭ دۇجۇڭ شەھىرى)دا تۇرۇشلۇق كىچىك قاغان سۇنۇش(ئىلگىرىكى كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قاغانلېرىدىن بىرى بولغان بومىن قاغاننىڭ ئاپا بىر قېرىندىشى)نىڭ يېنىغا پاناھ تىلەپ بارىدۇ.ھەر تەرەپتىن جىددىي خىرىسقا ئۇچراۋاتقان كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خان جەمەتى بولغان ئاشىنا ئۇرۇقلېرى،ئالدىغىمۇ ۋە كەينىگىمۇ چېكىنەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ،شۇنداق ئەھۋالدا ئاشىنا جەمەتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسى كۈنلېرىنى چىقىش قىلغان سۇنىش قاغان ئېلىك قاغاننى تاڭ سۇلالىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ،تاڭ سۇلالىسى بولسا ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ<<تۇرمۇشتا كاپالەت بېرىپ،ئوزۇق-تۈلۈك بېرىپ تۇرۇدۇ.>>شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى تارىخىغا630-يىلى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنى يوقاتتى دەپ پۈتۈلىدۇ.چۆللۈكنىڭ شىمالى(سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتى)دا سىر-تاردۇش خانلىقى بىلەن تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى بىر- بىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ئۆزئارا تىركىشىدۇ،سىر-تاردۇش خانلىقى بىر مەزگىل كۈچۈيۈپ641-يىلى300مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ،ئۇلاردىن مەلىكە تەلەپ قىلىدۇ،645-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا يەنە ھۇجۇم قىلىدۇ. 646-يىلى تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى سىر-تاردۇش خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ،چۆللۈكنىڭ شىمالىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىلكىگە ئالىدۇ.
 
ئۇيغۇر ۋە سىر-تاردۇش قەبىلىلېرىنىڭ قوزغۇلاڭلېرى تۈپەيلىدىن ھاكىمىيت بېشىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاشىنا تۈركلېرىنىڭ بىر قىسمى غەربىي يۇرتقا(شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆزدە تۇتۇدۇ)،ئۆز قېرىنداشلېرىنىڭ يېنىغا كېتىدۇ.بىر قىسمى بولسا تاڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلىدۇ(تارىخىي كىتاپلاردا100مىڭغا يېقىن ئادەم دەپ خاتىرىلەنگەن."بەيئەت قىلدى"دېگەنلىك ئۇرۇشتا قورال تاشلاپ تەسلىم بولدى دېگەنلىك ئەمەس،بەلكى ئۆزئارا كېلىشىش ئارقىلىق قارىشى تەرەپنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈش دېگەنلىكتۇر).ئەينى زاماندا تۈركلەرنىڭ ئاشىنا ئۇرۇقى رەھبەرلىك قىلغان، خان جەمەتىگە يېقىن بىر قىسىم قەبىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ سېپىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۋېلىپ،ھالاك بولغان خانلىقنى قايتا تىكلەشنى ئارزۇ قىلىپ تاڭ سۇلالىسىگە ۋاقىتلىق بەيئەت قىلغان ئىدى.بۇ نۇقتىنى تاڭ سۇلالىسىمۇ چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى،بۇ توغرىدا جۇڭگو تارىخىدا مۇنداق بايانلار بار:<<...630-يىلى2-ئايدا لى جىڭ ئېلىكنى چوغاي تېغىدا يەنە قايتا مەغلۇپ قىلدى،ئېلىك بىر قانچە ئون مىڭ قالدۇق قەۋمىنى ئېلىپ تېمۇر تېغىغا قېچىپ بېرىۋالدى(بۇ چاغلاردا سىر-تاردۇشلار بەلكىم بۇ جايلارغا تېخى تولۇق بېسىپ كىرىپ بولالمىغان بولسا كېرەك.)بۇنىڭ بىلەن ئۇ تاڭ قوشۇنلېرىغا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي،دەشت سىيلاقنى تاڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتىپ گۇناھىنى يۇيۇپ،قەۋملېرىنى ئېلىپ بەيئەت قىلىپ،ئۆزى ئوردىنى تاۋاپ قىلىشنى خالايدىغانلىغىنى بىلدۈردى.ئەمىلىيەتتە بۇ ياردەمگە كېلىدىغان ئەسكەرلېرىنىڭ پۇرسىتىگە ئېرىشىپ،كۈزدە ئوتلاقلار كۆكۈرۈپ،ئات سەمىرگەندە،چۆللۈكنىڭ شىمالىغا بېرىپ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىيەت قىلىش ئىدى.>> تاڭ سۇلالىسى ئاشىنا تۈركلېرىنىڭ ئىچىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى،تاڭ سۇلالىسىنىڭ شۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئامالى يوق ئىدى،چۈنكى ئۇلار ئىچكى ئۇرۇشتا يېڭىلگەن،ئەمما يەنىلا بەلگىلىك كۈچكە ئىگە ئەشۇ بىر تۈركۈم تۈركلەرنى ئۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈنلەي باش ئەگدۈرۈشكە قۇربى يەتمەيتتى.
 
 
 
تاڭ ئوردىسدا ئۆزلېرىگە بەيئەت قىلغان ئاشىنا تۈركلېرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە جىددىي تالاش-تارتىش بولىدۇ.بەزى ئوردا ۋەزىرلېرى ئاشىنا تۈركلېرىنىڭ مۇنقەرز بولغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،<<ئۇلارنىڭ زېمىنلېرىنى بۆلۈپ،قەبىلىلېرىنى پارچىلاپ،تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،ئۇلارنى تاڭ سۇلالىسىغا رام قىلىپ كونتىرول قىلىش>>،يەنى ئۇلارنىڭ يايلاقلېرىنى ئىگەللەپ،قەبىلە تەشكىلىنى تارقىتۋېتىپ،كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ چېگرىدا قايتا ئاپەت بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ؛يەنە بەزىلېرى بولسا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى خەنزۇلۇشۇشقا مەجبۇرلاپ،<<ئۇلارنى خۇاڭخېنىڭ جەنۇبىدىكى يەنجۇ ئايمىقى(ھازىرقى شەندۇڭ)بىلەن يۇجۇ ئايمىقى(خېنەننىڭ جۇڭيۈەن رايونى)ئارىلىقىدىكى جايلارغا يۆتكەپ،قەبىلىلېرىنى بۆلۈپ،ئايماق،ناھىيەلەرگە تارقاقلاشتۇرۇپ،تېرىقچىلىق قىلىشنى ئۆگەتكەندە،غۇز قاراقچىلېرىنى دېھقانغا ئايلاندۇرغىلى،سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى تۈركلەرنى مەڭگۈگە يوقاتقىلى بولىدۇ>>دەپ تەشەببۇس قىلدى،يەنە بەزىلېرى بولسا<<بەيئەت قىلغان تۈركلەرنى سەددىچىن ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ بارلىق قەبىلىلېرىنى ساقلاپ قېلىپ،ئۆرپ-ئادەتلېرىنى ئۆزگەرتمەي شۇ پېتى يول قويۇپ،بوش يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرساق،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۈچۈن دالدا قىلغىلى بولىدۇ>>دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا تاڭ سۇلالىسى ئۆزىگە بەيئەت قىلغان تۈركلەرنى، ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شۈنيى ناھىيەسىدىن ھازىرقى گەنسۇنىڭ چىڭياڭ ناھىيەسىگىچىلىك بولغان سەددىچىن ئىچىدىكى بوش جايلاردا شۇن،يۇ،خۇا،چاڭدىن ئىبارەت تۆت ئايماق تەسىس قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.شۇنداق قىلىپ بۇ تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان ئاشىنا ئۇرۇقىغا ئەگەشكەن تۈركلەر،تاڭ سۇلالىسىنىڭ سىتىراتىگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سېپىل ئىچىدە<<قالقان>>بولۇپ تۇردى.تاڭ سۇلالىسى<<ھەر بىر بەيئەت قىلغۇچى تۈرك ئاقسۆڭەكلېرىگە بەش توپ نەرسە-كېرەك،بىر ياقىلىقتىن تون ھەدىيە قىلىپ،قەبىلە ئاقساقاللېرىغا چوڭ ئەمەل،يۇقۇرى تەمىنات،كۆپ مىقداردا ئاشلىق بەردى.>>تاڭ سۇلالىسى يەنە ئادەتتىكى تۈرك چارۋىچىلېرىغىمۇ ئوخشاشلا غەمخورلۇق ۋە مەلۇم ئېتىبارلارنى بەرگەنىدى.<<تاڭ سۇلالىسى بەيئەت قىلغان تۈركلەرگە قارىتا مانا مۇشۇنداق ئېتىبار بەرگەنىدى،ھالبۇكى بەزى غەرپ ئالىملېرى(تومسېنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى)جوڭگو تارىخىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى چۈشەنمەي،كۆپىنچە ئۆزىنىڭ سوبېكتىپ خاھىشىغا تايىنىپلا:<دۆلىتىدىن ئايرىلىپ جەنۇپقا كۆچكەن تۈركلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەسلى يۇرتلېرىغا قايتتى،قېلىپ قالغان قىسمىنىڭ ئەھۋالى بولسا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولدى>دەيدىغان سەپسەتەلەرنى تەرغىپ قىلىشقانىدى،شۇڭا بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك.>> (<<تۈرك تارىخى>>174-بەت،2002-يىلى1-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.)
Line 51 ⟶ 36:
 
 
<<تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈركلەرگە قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يەنە تاڭ تەيزۇڭ(لى شىمىن)يولغا قويغان ھەمراھ بولۇپ دەپنە قىلىش تۈزۈمىدىمۇ ئەكس ئېتىلگەنىدى.تاڭ تەيزۇڭ 636-يىلى ئۆزىنىڭ قەبرىستانلىقىنى جاۋلىڭدا قۇرۇشقا باشلىغانىدى.قەبرىستانلىق قۇرۇلۇشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە،يەنە<خىزمەت كۆرسۈتۈپ ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن چارە بولۇشقان>ياكى<خاننىڭ ئىشلېرىغا يار يۆلەك بولغان>لار ئۆلگەندىن كېيىن ھەمراھ بولۇپ دەپنە قىلىنسا بولىدۇ(جاۋلىڭ قەبرىستانلىقىدىكى باغچىنىڭ ئىچىگە دەپنە قىلىناتتى)دەپ بەلگىلەنگەنىدى.بۇ فېئوداللىق دەۋردىكى ئىنتايىن زور بىر خىل شان-شەرەپ ئىدى.بۇنداق ھەمراھ بولۇپ دەپنە قىلىش تۈزۈمى ئەينى ۋاقىتتا تۈركلەرگىمۇ ماس كېلەتتى.شۇڭا،كېيىن تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن تۆھپە ياراتقان تۈرك ئاقسۆڭەكلېرىدىن،مەسىلەن،ئاشىنا شىر،ئاشنا سادىق،چۈبە غالى،دەشت سىيلاق،ئاشنا سىماۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلگەندىن كېيىن جاۋلىڭ قەبرىستانلىقىدىكى باغچىنىڭ ئىچىگە ھەمراھ قىلىنىپ دەپنە قىلىنغانىدى.بولۇپمۇ ئاشنا شىر تاڭ تەيزۇڭنىڭ سىڭلىسى خېڭ ياڭ مەلىكىنى ئەمرىگە ئالغانلىقى ھەمدە جېنگۈەن يىللېرىدا كۈسەن بېگىنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىشتا زور خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ ھەمراھ قىلىنىپ ياسالغان قەبرىسى كۆكئارت تېغىغا تەقلىد قىلىنىپ،شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ تۆھپىلېرىگە مەدھىيە ئوقۇلغانىدى.>>(<ref><<تۈرك تارىخى>>175-176-بەت،2002-يىلى1-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.)</ref>
 
 
 
تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان ئاشىنا تۈرك(بۇ يەردە ئايرىم ساندىكىلېرى كۆزدە تۇتۇلۇدۇ)ئاقسۆڭەكلېرىنىڭ تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلېرىگە قارىتا يەنە تۆۋەندىكىدەكمۇ بايانلار بار:<<640-يىلى لى شىمىن زور كۈچ بىلەن قۇجۇنى،قاغان بۇغدا شەھىرىنى بېسىۋالدى.بۇ ئىشقا تاڭ سۇلالىسىغا ياللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىببىي قەبىلىسىدىن چىققان سانغۇن كىببى خەلى تۈرك-تاۋغاچ ئارىلاشما قوشۇنلېرىنى ئىشقا سالدى.ئۇلار لۈكچۈندىن(ھازىرقى پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازىرى)جەڭ ئېچىپ بېشبالىق(ھازىرقى سانجى خۇيزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ جىمسار ناھىيەسى)قىچە باردى.كىببى خەلى632-يىلى تاۋغاچقا تەسلىم بولغان بولۇپ،676-يىلى ئۆلگۈچە بولغان44يىل ئىچىدە ئۇ ئانا مەركىزىي ئاسىيادا بىھىساپ قان تۆكتى.644-يىلى ئاسىنا شەن يۈز مىڭ كىشىلىك ئارىلاشما قوشۇن بىلەن قارا شەھەر(ئاگنى)نى،648-يىلى كۈسەن،قەشقەر،خوتەن شەھەرلېرىنى ئىگەللىدى.ئاسىنا شەن(ئاسىنا چورا)ئەسلى ئىشبارا قاغاننىڭ قېرىندىشى چۇرلۇق قاغاننىڭ ئوغلى بولۇپ،636-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا تەسلىم بولغاندىن655-يىلى ئۆلگۈچە بولغان29يىل ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيا تۇپرىقىدا نەچچە تۈمەن كىشىنىڭ قېنىنى تۆكتى.تارىم بوستانلىقىدىكى قارا شەھەر640-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان بولسىمۇ،648-يىلى ئىسيان كۆتەردى.كۈسەن خانى سۇۋارنا پوسپا(ئالتۇن چېچەك خان)تاڭ سۇلالىسىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە نارازى بولۇپ،ئولپان تۆلەشنى رەت قىلىپ،قارا شەھەرنىڭ ئىسيانىغا قاتناشتى.ئېلىك قاغاننىڭ ئىنىسى636-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا تەسلىم بولغان ئاسىنا شىر قوشۇن باشلاپ،بۇ قارىشىلىق ئىسيانلېرىنى باستۇرۇپ،11مىڭ كىشىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ،بەش شەھەرنى چۆلگە ئايلاندۇرۋەتتى.تاڭ تەيزۇڭ ئۆلگەندە<ساداقەتمەن>ئاسىنا شىر ئۆزىن ئۆلتۈرۈپ،ئۇنىڭ قەبرىسىدە مۇھاپىزەتچى ئەرۋاھ بولدى.>>(<<قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا>>،2002-يىلى3-ئاي،ئۇيغۇرچە1-نەشرى.)
 
 
تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان ئاشىنا تۈرك(بۇ يەردە ئايرىم ساندىكىلېرى كۆزدە تۇتۇلۇدۇ)ئاقسۆڭەكلېرىنىڭ تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلېرىگە قارىتا يەنە تۆۋەندىكىدەكمۇ بايانلار بار:<<640-يىلى لى شىمىن زور كۈچ بىلەن قۇجۇنى،قاغان بۇغدا شەھىرىنى بېسىۋالدى.بۇ ئىشقا تاڭ سۇلالىسىغا ياللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىببىي قەبىلىسىدىن چىققان سانغۇن كىببى خەلى تۈرك-تاۋغاچ ئارىلاشما قوشۇنلېرىنى ئىشقا سالدى.ئۇلار لۈكچۈندىن(ھازىرقى پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازىرى)جەڭ ئېچىپ بېشبالىق(ھازىرقى سانجى خۇيزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ جىمسار ناھىيەسى)قىچە باردى.كىببى خەلى632-يىلى تاۋغاچقا تەسلىم بولغان بولۇپ،676-يىلى ئۆلگۈچە بولغان44يىل ئىچىدە ئۇ ئانا مەركىزىي ئاسىيادا بىھىساپ قان تۆكتى.644-يىلى ئاسىنا شەن يۈز مىڭ كىشىلىك ئارىلاشما قوشۇن بىلەن قارا شەھەر(ئاگنى)نى،648-يىلى كۈسەن،قەشقەر،خوتەن شەھەرلېرىنى ئىگەللىدى.ئاسىنا شەن(ئاسىنا چورا)ئەسلى ئىشبارا قاغاننىڭ قېرىندىشى چۇرلۇق قاغاننىڭ ئوغلى بولۇپ،636-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا تەسلىم بولغاندىن655-يىلى ئۆلگۈچە بولغان29يىل ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيا تۇپرىقىدا نەچچە تۈمەن كىشىنىڭ قېنىنى تۆكتى.تارىم بوستانلىقىدىكى قارا شەھەر640-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان بولسىمۇ،648-يىلى ئىسيان كۆتەردى.كۈسەن خانى سۇۋارنا پوسپا(ئالتۇن چېچەك خان)تاڭ سۇلالىسىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە نارازى بولۇپ،ئولپان تۆلەشنى رەت قىلىپ،قارا شەھەرنىڭ ئىسيانىغا قاتناشتى.ئېلىك قاغاننىڭ ئىنىسى636-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا تەسلىم بولغان ئاسىنا شىر قوشۇن باشلاپ،بۇ قارىشىلىق ئىسيانلېرىنى باستۇرۇپ،11مىڭ كىشىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ،بەش شەھەرنى چۆلگە ئايلاندۇرۋەتتى.تاڭ تەيزۇڭ ئۆلگەندە<ساداقەتمەن>ئاسىنا شىر ئۆزىن ئۆلتۈرۈپ،ئۇنىڭ قەبرىسىدە مۇھاپىزەتچى ئەرۋاھ بولدى.>>(<ref><<قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا>>،2002-يىلى3-ئاي،ئۇيغۇرچە1-نەشرى.)</ref>
 
سەددىچىننىڭ تۈۋىدىكى بوش جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان ئەشۇ بىر قىسىم تۈركلەر،ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا تاڭ سۇلالىسىغا قارىشى چىقتى.ئەينى چاغدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمىر نۆۋكىرى كوشاد ۋە قاباغۇرلار باشچىلىقىدا40دىن ئارتۇق تۈرك639-يىلى تاڭ تەيزۇڭنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ،مەقسىدى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن ئاتلىق شىمالدا خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ،ئۆز قەبىلىسىدىكىلەرنى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى تۈركلەرنى خۇڭخېنىڭ جەنۇبى(سېپىلنىڭ سىرتى)دا تۇرغۇزۇشنى،ئۇلار بىلەن پايتەختنىڭ ئارىلىقىنىڭ بەكلا يېقىن بولۇشىنى كۆپلەپ پايدىسىز دەپ ھىساپلىدى.شۇ يىلى تاڭ تەيزۇڭ ئوڭ قانات قوشۇن بېگى باش سانغۇن،خۇاجۇ ئايماق تۇتۇقى،خۇەيخۇا ئىنانچىخانى لى سىماۋ(ئاشنا سىماۋ،لى فامىلىسى ھەدىيە قىلىنغان)نى ئېل بىلگە قاغان قىلىپ تەيىنلەپ،دۇمباق ۋە تۇغ ھەدىيە قىلىپ،خۇاڭخېنىڭ جەنۇبىدىكى(سېپىل ئىچىدىكى)ئايماقلاردىكى بارلىق تۈركلەرنى ئېلىپ دەريادىن ئۆتۈپ،بۇرۇنقى جايلېرى(چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى جايلا)غا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ،ئەۋلاددىن-ئەۋلاد مۇداپىئەدە تۇرۇپ،قۇرۇلنى قوغداشنى بۇيرۇيدۇ.لېكىن بەيئەت قىلغان تۈركلەر چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى سىر-تاردۇش قەبىلىلېرىدىن ئۆزلېرىگە زىيان يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،سېپىلدىن چىقىشقا ئۇنىمايدۇ(ئۇلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىپ سەددىچىن سېپىلى ئىچىگە كىرىۋېلىشىمۇ،ئەمىلىيەتتە سىر-تاردۇشلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئىدى).بىر قاتار كېلىشتۈرۈشلەر ئارقىلىق بەيئەتچى تۈركلەر ئاخىرى سېپىلدىن چىقىپ،641-يىلى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل خېلىنگىر ناھىيەسىدە بارىگاھ قۇرۇدۇ،تۈركلەرنىڭ سېپىلدىن چىقىپ كېتىشكە قوشۇلغانلىقىدىن قالتىس خوشال بولغان تاڭ تەيزۇڭ <<شەخسەن ئۆزى زىياپەت ئويۇشتۇرۇپ،ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ>>(<<تۈرك تارىخى>>178-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،2002-يىلى1-ئاي، ئۇيغۇرچە 1-نەشرى).شۇ يىلى11-ئاي قىشتا سىر-تاردۇشلار دېگەندەك ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ،چېكىنگەن بەيئەتچى تۈركلەر سەددىچىننىڭ ئىچىگە چېكىنىپ كىرىپ ھازىرقى سەنشىنىڭ شۇشيەن ناھىيەسىدىكى سۇجۇ ئايمىقىغا بارىدۇ.644-يىلى بۇ بىر تۈركۈم تۈركلەر يەنە ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن ئوردوس يايلىقى(خېتاۋمۇ دىيىلىدۇ،ئۇ خۇددى ھازىرقى نىڭشىيا بىلەن شەنشىنىڭ بوينىغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇققا ئوخشايدۇ.بۇ يەر ھازىر ئىچكى موڭغۇلدا بولۇپ باۋتۇ شەھىرى،ئېردوس شەھىرى،باياننۇر شەھىرى ۋە ۋۇخەي شەھەرلېرى جايلاشقان.ئورنى خۇڭخې دەرياسىنىڭ نىڭشيادىن چىقىپ شەنشىگە قويۇلغان بۆلۈكىنىڭ دەل سىرتىغا ھەم سەددىچىننىڭ سىرتىغا توغرا كىلىدۇ)غا كۆچۈپ كېتىدۇ،لى سىماۋ(ئاشنا سىماۋ)بولسا ئۆز قېرىنداشلېرىدىن ئايرىلىپ پەقەت بىر ئۆزىلا يەككە-يىگانە ھالدا تاڭ ئوردىسىغا تەلپۈنۈپ كېتىدۇ.
Line 72 ⟶ 53:
 
628-يىلى غەربىي كۆكتۈركلەرنىڭ قاغانى تۈن يابغۇ قاغان تاغىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ،تاغىسى تەختنى ئېلىپ ئۆزىنى باغادۇر كۆل بىلگە قاغان دەپ ئاتايدۇ.بۇنىڭغا خەلق قايىل بولمايدۇ ۋە تۈن يابغۇ قاغاننىڭ ئوغلىنى ئىشبارا ئىز يابغۇ قاغان قىلىپ تىكلەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن كۆل بىلگە قاغان بىلەن ئىز يابغۇ قاغان ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش باشلىنىدۇ،پۇرسەتتىن پايدىلانغان ھازىرقى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بىر قىسىم بەگلىكلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېۋىرغول(قۇمۇل)بەگلىكى ئەڭ دەسلەپ بولۇپ مۇستەقىل بولۇۋالىدۇ.630-يىلى ئىز يابغۇ قاغان كۆلبىلگە قاغاننى ئۆلتۈرۈپ غەلىبىگە ئېرىشىدۇ.ئىز يابغۇ قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن،ئورنىغا نىشۇ تەختكە چىقىپ تۇغلۇق قاغان(تاردۇش قاغان)دەپ ئاتىلىدۇ.634-يىلى تۇغلۇق قاغان ۋاپات بولۇپ،ئورنىغا ئىنىسى تۇڭئاشاد تەختكە چىقىپ ئىشبارا ئېلتىرىش قاغان دەپ ئاتىلىدۇ.غەربىي كۆكتۈركلەرنىڭ ئەسلىدە ئون چوڭ قەبىلىسى بولۇپ،سۇياب دەرياسى(قازاقىستاندىكى بالقاش كۆلىنىڭ كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى چۇ دەرياسى)نىڭ شەرقىدىكى بەش قەبىلە سول ئوق بەش تۇغلۇقلار،سۇياب دەرياسىنىڭ غەربىدىكى بەش قەبىلە ئوڭ ئوق بەش ساداقلىقلار دەپ ئاتىلىپ،ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئون ئوق دەپ ئاتىلاتتى.ئېلتىرىش قاغان ئەنە شۇ ئون ئوق قەبىلىسىنى قايتا تەرتىپكە سالىمەن دەپ ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويىدۇ.شۇنىڭ بىلەن638-يىلى غەربىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنىدا ئېلتىرىش قاغان بىلەن يەنە بىر ئېل بىلگە تۇغلۇق قاغان تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللىنىدۇ.ئىككى قاغان بىر-بىرىگە قارىشى ئۇرۇش قىلىپ كۆپلىگەن تۈركلەرنىڭ قېنىنىڭ بىھۇدە تۆكۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئىككى قاغان سۈلھى ھاسىل قىلىپ غەربىي كۆكتۈرك زېمىنىنى ئىككىگە ئايرىپ بۆلۈشىۋالىدۇ.ئىلى دەرياسىنىڭ غەربى ئېلتىرىش قاغانغا،شەرقى ئېل بىلگە تۇغلۇق قاغانغا مەنسۇپ بولىدۇ.
 
 
 
Line 84 ⟶ 64:
 
بىر پۈتۈن كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي كۆكتۈرك قاغانلىقلېرىغا پارچىلىنىشى ۋە ئاخىرىدا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ھالاك بولۇشىغا قارىتا<<كۈل تىگىن مەڭگۈ تېشى>>دا يەنە تۆۋەندىكىدەك بايانلار بار:
 
 
 
<< ...
Line 92 ⟶ 70:
 
تۈرك ئاۋام پۇقرالېرى شۇنداق دەپتۇ:"دۆلەت ئىگىسى بىر خەلق ئىدۇق،دۆلىتىمىز ئەمدى قېنى؟كىم ئۈچۈن ئىستىلا قىلىۋاتىمىز؟خاقان ئىگىسى بىر خەلق ئىدۇق،خاقانىمىز نەدە؟قايسى خاقانغا خىزمەت قىلىۋاتىمىز؟"شۇنداق دەپ تابغاچ خەلقىگە دۈشمەن بولۇپتۇ.دۈشمەن بولۇپتۇ-يۇ،لېكىن ئۆزلېرىنى تەرتىپكە سېلىپ تەشكىللىنەلمەپتۇ،يەنە تابغاچلارغا بېقىنىپتۇ.تابغاچ خاقانى ئۇلارنىڭ شۇنچە خىزمەت قىلغىنىنى ئويلىماستىن"تۈرك خەلقىنى ئۆلتۈرەي،نەسلىنى قۇرۇتاي"دەپتۇ.تۈرك خەلقى يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ.>> (<<ئۇرخۇن ئابىدىلېرى>>تالات تەكىن﹝تۈركىيە﹞،مىللەتلەر نەشىرياتى،2009-يىل3-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى،47-،49-بەت.)
 
 
 
Line 103 ⟶ 80:
كېيىنكى كۆكتۈرك قاغانلىقى ئۆزىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىلىدە،خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە تەخت ماجىراسى يۈز بېرىدۇ. 716-يىلىغا كەلگەندە مويۇنچۈر قاغان ئۆلتۈرىلىدۇ،ئۇنىڭ ئوغلى بېيكۆل تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ.نەتىجىدە قۇتلۇق ئېلتەرمىش قاغان ئەۋلادى بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى مويۇنچۈر ئەۋلادى ئوتتۇرسىدا كەسكىن قانلىق ئۇرۇش يۈز بېرىپ،ئاخىرىدا ئېلتەرمىش ئەۋلادى بىلگە قاغان(بۆگۆ)تەختكە چىقىدۇ.بىلگە قاغان تەختكە چىققاندىن كېيىن،ئالدى بىلەن تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىتپاق تۈزگەن نۇرغۇنلىغان تۈرك قەبىلىلېرىنى ئۆز تەرىپىگە ئۆتكۈزىدۇ.ئىنىسى كۆلتېگىننى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتىپ ئۇ يەرلەردە نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ غەربىي كۆكتۈرلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈدۇ،ھەتتا تاشكەنت ئەتىراپىدا ئەرەپ قوشۇنلېرى بىلەن جەڭ قىلىدۇ.718-719-يىللېرى ئالتاي تاغلېرىنىڭ غەربىدىكى قارلۇقلارنىڭ قوزغۇلىڭىنى باستۇرىدۇ.مىلادى720-يىلى بېشبالىق ئەتىراپىدىكى باسمىل قەبىلىسىنىڭ قوزغۇلىڭىنى باستۇرۇپ،كەينىدىنلا ھازىرقى گەنسۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋۇۋىي،جاڭيى رايونلېرىنى ھۇجۇم بىلەن ئالىدۇ.721-يىلى شەرقىي شىمالىي تەرەپتىكى قىتانلارنىڭ قوزغۇلىڭىنى باستۇرىدۇ.727-يىلىغا كەلگەندە كۈچلۈك كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ھەربىي كۈچى ئالدىدا،بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى تۈرك قاغانلىقىغا ھەر يىلى بېرىدىغان يىپەكنىڭ سانىنى140مىڭ توپقا كۆپەيتىدۇ.734-يىلى بىلگە قاغان ئۆز ۋەزىرى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرىلىدۇ،تاڭ شۈەنزۇڭ تۈركلەرگە ئەمەلدار ئەۋەتىپ تەزىيە بىلدۈرۈدۇ،ھەمدە بىلگە قاغانغا ئاتاپ بۇتخانا ياساپ،مەڭگۈ تاشنىڭ خەنزۇچە خېتىنى ئويۇش ئۈچۈن ئۇستا ئەۋەتىدۇ. (<<بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى>>).شۇنىڭدىن باشلاپ كېيىنكى تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئوردىسىدا يەنە تەخت تالىشىپ ئىچكى قىرغىنچىلىق ئەۋج ئالىدۇ.ئوردىدىكى بۇ قالايماقانچىلىقلاردىن پايدىلانغان ئۇيغۇر،قارلۇق،باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەر742-يىلى قاغانلىققا قارىشى بىرلىشىپ قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈپ كېيىنكى كۆكتۈرك قاغانلىقىغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ.742-يىلىدىكى قوزغۇلاڭ نەتىجىسىدە ئالدى بىلەن باسمىل قەبىلىسى تەختكە ئولتۇرۇپ باسمىل،قارلۇق ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ بىرلەشمە خانلىقىنى قۇرۇدۇ.745-يىلى ئۇيغۇر قەبىلىسى قورال كۈچى ئارقىلىق تەخت ھوقوقىنى باسمىل قەبىلىسىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ،ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرىدۇ.
 
'''كۆكتۈرك خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا''' بىز يەنە ئا.مۇھەمەتئىمىننىڭ تۆۋەندىكى بايانلېرىنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز:
 
 
 
<<گەرچە19يىل ئۈزۈلۈش بولسىمۇ ئاسىنا تۈركلېرى قۇرغان كۆكتۈرك__ سىر(شۇ چاغدىكى پۈتكۈل تۈرك ئاھالىسى"سىر"دەپ ئاتالغان) قاغانلىقى175يىل داۋام قىلدى.ئۇ جۇجان قۇلدارلىقىغا قارشى تۆمۈرچى قۇللارنىڭ ئازادلىق مەقسىتىدىكى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئىدى،ئاخىرى يەنە بىر تۈركىي تۈركۈم بولغان توققۇز ئوغۇز-ئۇيغۇر(تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بىر مىللەت بولۇپ،<<بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى>>دا<<توققۇز ئوغۇزلار مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئىدى>>دەپ كۆرسىتىلگەن،يەنە ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئۇنۋېرستىتىنىڭ پىرافىسورى لىن گەن ئەپەندىمۇ<<تۈركلەر ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مىللەت بولۇپ،ھەر ئىككىلىسى تۆلەس ئىتپاقىنىڭ بىر تارمىقى دەپ كۆرسەتكەن)قاغانلىقى تەرىپىدىن شەكلەن مۇنقەرز قىلىنسىمۇ،مەزمۇنەن يەنە داۋاملاشتۇرۇلدى.تاڭ- تابغاچ سۇلالىسى ئەمگەكچى خەلقنىڭ قان- تەرى ھىسابىغا قانچە ھىيلە ۋە ھەربىي كۈچ ئىشلەتكەن بولمىسۇن،كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ راۋان ئېقىنىنى پەقەت19يىل ئۈزۈپ قويۇپ،ھېچقانداق تارىخىي تاپاۋەتكە ئېرىشەلمەي،ئەكسىچە ئىچكى جەھەتتە ئەنلۇشەن-شى سىمىن قوزغۇلۇڭى،تاشقى جەھەتتە تىبەت ئىستىلاسىدا پايتەختنى ئارقا-ئارقىدىن قولدىن بېرىپ قويۇشتەك قىسمەتكە دۇچ كەلدى.
 
كۆكتۈرك قاغانلىقى ئەزەلدىن تاڭ ئېمپىرىيەسىنى ئۆزىگە مۇستەملىكە قىلىپ،ئۇنىڭ زېمىنىنى،خەلقىنى ئىلكىدىن تارتىۋېلىشتەك نىيەتتە بولغان ئەمەس(شۇنداق قىلىۋېلىشقا تامامەن كۈچى يېتەتتى)ھەم تاكتىكا تۈزگەن ئەمەس،ئۇ ئۈچ خىل ئۇرۇش بىلەن تاڭ زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى.ئۇلار:تارتتۇرۇپ قويغان ئەسلى ئانا زېمىنلېرىنى قايتۇرۋېلىش،بىرەر نارازىلىقنى ئىپادىلەپ قىسمەن جازا ھۇجۇمى قىلىش،ئات-تاۋار سودىسىنى بېكىنمە ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى.بۇنداق ئۇرۇشلاردىن ئىنسانىيەتنىڭ ھەممە مىللىي تۈركۈملېرى خالىي بولالىغان ئەمەس.كۆكتۈركلەر ھەربىي ھىيلە_ مەسىلەن،كېچىلىك ھۇجۇم،قاچقان بولۇۋېلىپ مۆكتۈرمە قوشۇننىڭ مۇھاسىرىسىگە ئېلىش قاتارلىقلاردىن باشقا تىپىك سىياسىي-دېپلوماتىيە(ئىچكى جەھەتتىن پارچىلاش،ئالتۇن-كۈمۈش سوۋغا قىلىش،مەلىكە ياتلىق قىلىش)لىك جاسوسلۇق،ئىغۋا ھىيلىسى قوللانغان ئەمەس.(<ref><<قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا>>،543-544-545-بەتلەر.)</ref>
 
 
 
Line 150 ⟶ 124:
ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ يەنە بىر تارمىقى چوڭ كۆچۈش مەزگىلىدە خېشى كارىدورىغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلىشىدۇ.ئۆز ۋاقتىدا خېشى كارىدورىنى ئاساس قىلىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇرلار خېلەنشەن،جىنچۈەن،لىياڭجۇ،قارا دەريا،سۇجۇ،گۇاجۇ،شاجۇ،گەنجۇ(ھازىرقى گەنسۇنىڭ جىياڭيى شەھىرى)قاتارلىق رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان ئىدى.تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا قەدىمكى گەنجۇ رايونى ئەلمىساقتىن تارتىپلا ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ پائالىيەت ماكانى ئىدى.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى3-ئەسىرلەردىلا تارىختا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ۋۇجېي ياكى خۇجېي(ئوغۇز ياكى ئۇيغۇر)قەبىلىلېرى بۇ جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان،تۆلەس ياكى قاڭقى قەبىلىلېرىمۇ بۇ جايدا بەزى سىياسىي ۋە ھەربىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان،بۇ رايون يەنە كۆكتۈرك خانلىقىنىڭمۇ ئاساسلىق پائالىيەت ماكانلېرىدىن بىرى بولغان.يىغىپ ئېيتقاندا گەنجۇ رايونى تۈرك مىللىتىنىڭ ئانا ماكانلېرىدىن بىرى ئىدى.گەنجۇ رايونى قەدىمكى يېپەك يولىنىڭ ئاساسىي ئۆتكىلى بولغانلىقتىن،ئەگەردە كىمدە-كىم بۇ رايوننى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرالىسا،شۇ تەرەپ ئۆز تەسىرىنى تەرەپ-تەرەپكە ئۆتكۈزەلەيتتى.مىلادى696-يىلى تىبەتلەر بۇ جاينى بېسىۋالدى،745-يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن تىبەت قوشۇنلېرىنى ھازىرقى بۇغدا تاغلېرىنىڭ ئەتىراپىدا بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ،ئەمما گەنجۇ رايونىدىكى تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىنى تەلتۆكۈس تازىلاشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى.ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلېرى گەنجۇدىكى ئۆز قېرىنداشلېرى ئارىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلاشتى،846-يىلى جەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشلىقى ئۆگە قاغان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،گوبى چۆللۈكىنىڭ ئەتىراپى ۋە سەددىچىننىڭ شىمالى رايونلېرىغا تارقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى گەنجۇغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشتى.850-يىلى خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلېرى بۇ جايدىكى تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا خاتىمە بېرىپ،بۇ جايدا مۇستەقىل بولغان ئۆز خانلىقىنى،<< گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى>>(خېشى ئۇيغۇر خانلىقى)نى قۇرۇپ چىقىدۇ.خانلىقنىڭ پايتەختى گەنجۇ(ھازىرقى گەنسۇنىڭ جىياڭيى شەھىرى،چىلەنشەن تېغىنىڭ شىمالىدا بولۇپ،خېشى كارىدورىنىڭ ئوتتۇرا بەلبېغىغا توغرا كېلىدۇ)بولىدۇ،زېمىنى شەرقتە ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تىئەنشۈي شەھىرى ۋە مىنشەن تاغلېرى(بىر مەزگىل لەنجۇ شەھىرىنىڭ شەرقىگىچە بولغان جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان)،غەرپتە قۇمۇلنىڭ شەرقى،شىمالدا ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ ئېجىنا دەريا ۋادىسى ۋە خېلەنشەن تاغلېرى،جەنۇپتا چىلەنشەن تاغلېرىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.تاڭ سۇلالىسى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانىغا ئوتۇغات ھەدىيە قىلىپ،ئۆز يېقىنلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
 
'''بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈركلەردىن باشقا يەنە تويۇھۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ قىسقىچە نەزەر سېلىپ باقايلى:مۇناسىۋىتى'''
 
 
Line 157 ⟶ 131:
 
بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى تىبەتلەر بىلەنمۇ ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان.623-يىلى تىبەتلەر فاڭجۇ ئايمىقى(گەنسۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)نى بېسىۋالىدۇ،638-يىلى يەنە سۇڭجۇ ئايمىقى(ھازىرقى سىچۈەننىڭ سۇڭپەن ناھىيەسى)نى بېسىۋالىدۇ.دوستلۇق ۋە ئىتپاقلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان تاڭ سۇلالىسى تىبەتلەرنىڭ <<قايتا-قايتا ئەلچى ئەۋەتىپ،سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىشى>> بىلەن641-يىلى 16ياشلىق مەلىكە ۋېن چىڭنى تىبەت پادىشاھى سۇڭ زەنگەنبۇغا ياتلىق قىلىدۇ.مەلىكە ۋېن چىڭنى تاڭ پادىشاھىنىڭ ئىنىسى ئالتۇن-كۈمۈش،كىمخاپ-دۇردۇن،ھەر خىل كىتاپ قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ ماڭغان زور ئۆزمەككە يېتەكچىلىك قىلىپ،ئىككى ئايدەك يول يۈرگەندىن كېيىن سۇڭ زەنگەنبۇغا ئاپىرىپ بېرىدۇ،شۇندىن كېيىن مەلىكە ۋېن چىڭ خەنزۇلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى تىبەتلەرگە تارقىتىپ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتىدۇ.
 
 
 
633-يىلى تىبەتلەر ئۆزلېرىنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ئارىلىقتا توسقۇن بولۇۋاتقان تۇيۇھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى پۈتۈنلەي بېسىۋالىدۇ،تۇيۇھۇنلارنىڭ پادىشاھى تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەلىكىسىنى ئېلىپ،تاڭ سۇلالىسىدىن پاناھ تىلەپ كېتىدۇ.667-يىلى تىبەتلەر يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرىلېرىغا ھۇجۇم قىلىپ 12ئايماقنى بېسىۋالىدۇ. تاڭ سۇلالىسى تۇيۇھۇنلارنى يۆلەپ تىبەتلەرنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن670-يىلى تۇيۇھۇنلارنىڭ 50مىڭ ئادىمىنى قوراللاندۇرۇپ چىڭخەيگە يولغا سالىدۇ،لېكىن بۇ قوشۇن تىبەتلەرنىڭ قولىدا پۈتۈنلەي قىرىلىپ كېتىدۇ.شۇندىن كېيىن تۇيۇھۇنلار تەركى ماكان بولۇپ گەنسۇ،سىچۈەن ۋە نىڭشىيالارغا چېچىلىپ كېتىدۇ.678-يىلى تاڭ سۇلالىسى غەيرەتكە كېلىپ180مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن چىڭخەيگە يۈرۈش قىلىپ تىبەتلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ،تىبەتلەر چېكىنگەن بولۇپ چىڭخەي كۆلى ئەتىراپىغا كېلىدۇ،ئاندىن بىراقلا كەينىگە قايرىلىپ ھۇجۇم قىلىپ قوغلاپ كېلىۋاتقان تاڭ قوشۇنلېرىنى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ.696-يىلى تىبەتلەر خېشى كارىدورىنى بېسىۋالىدۇ،تاڭ سۇلالىسى710-يىلى مەلىكە جىن چېڭ(تۇيۇھۇنلارغا بەرگەن مەلىكە بىلەن ئىسىمداش)نى تىبەت خانىغا ياتلىق قىلىدۇ. 756-يىلى ئۆڭلۈك لوياڭنى بېسىۋېلىپ ئۆزىنى خان دەپ ئاتىغان مەزگىللەردە،تىبەتلەر ھازىرقى سىچۈەننىڭ غەربىدىكى كەڭ زېمىننى بېسىۋالىدۇ،ھەمدە داۋاملىق ئىچكىرلەپ كىرىپ پايتەخت چاڭئەننى بېسىۋالىدۇ،تاڭ سۇلالىسى تىبەتلەر بىلەن مەخپىي سۆھبەتلىشىپ جىڭجۇ ئايمىقى(گەنسۇ ئەندىڭ ناھىيەسى) ۋە لىڭجۇ ئايمىقى(نىڭشىيا لىڭۋۇ ناھىيەسى)قاتارلىق تۆت ئايماقنى تىبەتلەرگە بۆلۈپ بېرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن تىبەتلەر پايتەخت چاڭئەندىن15كۈندىن كېيىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ.765 -يىلى3-ئايدا تىبەتلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر سەركەردىسى بۇقا خۈييىڭ بىلەن بىرلىشىپ تاڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا،تاڭ سۇلالىسى تىبەتلەرگە ئۇرۇش چىقىمى ھىساۋىدا،5000توپ يىپەك تەغدىم قىلىدۇ.791-يىلى5-ئاينىڭ15-كۈنى تىبەتلەر پىڭ لىياڭ ئايمىقى(گەنسۇنىڭ شەرقىدە بولۇپ،ھازىرقى گەنسۇ،نىڭشيا ۋە شەنشى ئۈچ ئۆلكىنىڭ تۇتۇش بۆلۈكىگە توغرا كېلىدۇ)غا ھۇجۇم قىلىپ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ60دىن ئارتۇق ھەربىي سانغۇنلېرىنى ئەسىر ئالىدۇ،500دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈدۇ،نەچچە مىڭلىغان ئەسكەرنى ئەسىر ئالىدۇ.مانا مۇشۇ ئارىلىقلاردا تاڭ سۇلالىسى جەمئىي سەككىز قېتىم(705-821-يىلىغىچە)ئەلچى ئەۋەتىپ تىبەتلەر بىلەن ئىتپاقلىشىپ قېلىش توغۇرلۇق كېڭىشىدۇ.ئاخىرى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى نەتىجىسىدە تىبەتلەرمۇ تاڭغا بولغان ھۇجۇملېرىنى توختۇتۇدۇ.چۈنكى تىبەتلەرمۇ750يىلىدىن كېيىن ئىچكى سىنىپىي زىدىيەتلەر تۈپەيلى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى،بىر پۈتۈن تىبەت خانلىقىمۇ840-يىلىدىن كېيىن ئىككىگە پارچىلىنىپ كېتىدۇ.
 
 
 
840-يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان تەبىئىي ئاپەت،ئىچكى ماجىرا ۋە قىرغىز قەبىلىسىنىڭ ھاكىمىيەت تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان زەربىسى قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن مۇنقەرز بولۇدۇ.تاڭ سۇلالىسى باشتىن-ئاخىر ئەجدادلېرىمىز تۈركلەرنىڭ قوغدۇشى ۋە ھىمايە قىلىشى بىلەن ئۆز مەۋجۇدلىقىنى خاتىرجەم ھالدا ساقلاپ كەلگەن ئىدى،شەرقىي شىمالدىكى شىرۋىلەر،قىتانلار،غەربتىكى تۈبۈتلەر ۋە تاڭغۇتلار تۈركلەردىن تەپ تارتقاچقىلا تاڭ سۇلالىسىغا كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالماي كەلگەن ئىدى؛تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلەرمۇ پەقەت تۈركلەردىن ئەيمەنگەنلىكى ئۈچۈنلا تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئۆكتە قوپۇشقا پېتىنالماي كەلگەن ئىدى.840-يىلىدىن كېيىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ كۈچلۈك ھىماتچىسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ئىچكى قىسىمدىكى تەپرىقىچى كۈچلەر،859-يىلى يۈرەكلىك ھالدا تاڭ سۇلالىسىغا قارىشى ئىچكى ئىسيان كۆتۈرۈدۇ.تاڭ سۇلالىسى ئەنە شۇ يىلدىن باشلاپ پەقەت نامدىلا مەۋجۇد بولۇپ،ئەمىلىيەتتە تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈدۇ.تاڭ سۇلالىسىنىڭ جاي-جايلېرىدىكى ھەرقايسى ھەربىي ھوقوقدارلېرى نامدا تاڭ سۇلالىسىنى سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ،ھەدەپ ئۆز ئالدىغا زېمىن بۆلۈشۋېلىشكە كىرىشىپ كېتىدۇ،ئوردىدىكىلەر بولسا خۇددى قەپەزگە سولانغان توخۇدەك بوسۇغا ئاتلاپ سىرتقا چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ.جايلاردىكى تەپرىقىچى كۈچلەر يەنە تەسىر دائىرە تالىشىپ ئۆزئارا قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بارىدۇ،ئاخىرىدا بۇ خىل قانلىق قىرغىنچىلىق ئوردا ئەھلى ۋە خان جەمەتىنىمۇ ئامان قويمايدۇ.907-يىلى باشلاپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بەش سۇلالە،ئون پادىشاھلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇدۇ.
Line 168 ⟶ 138:
بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى باشتىلا تۈركلەرنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن كۈچلۈك قوللۇشىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىدى.تۈركلەر ئەزەلدىن تارتىپلا تاڭ سۇلالىسىنى پۈتۈنلەي مۇنقەرز قىلىۋېلىشتەك ئەمىلىي كۈچىگە ئىگە ئىدى(تۈركلەر سۈي سۇلالىسىنى ئۆزى بىۋاستە ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قوشۇۋېلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى،ئەمما ئۇنداق قىلمىدى؛626-يىلى8-ئايدا شەرقىي كۆكتۈركلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلغانلىقىدەك ھەركىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ،تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنىڭ پايتەختى چاڭئەننىڭ بوسۇغۇسىغا كەلدى،ئەمما تاڭ پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭنىڭ شەخسەن ئۆزى ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ كۆۋرىكىدە، ئات ئۆلتۈرۈپ قەسەم قىلىپ ساداقىتىنى ئىپادىلىشى بىلەن يەنە تېنچ چېكىنىپ چىقىپ كەتتى؛755-يىلى ئۆڭلۈك ۋە سۆيگۈم توپىلاڭ كۆتەرگەندە،758-يىلى سۆيگۈم يەنە قايتا توپىلاڭ كۆتۈرگەندە،765-يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر سەركەردىسى بۇقا خۈييىڭ تىبەتلەر بىلەن بىرلىشىپ توپىلاڭ كۆتۈرگەندە،تاڭ سۇلالىسى ئاللىقاچان بۇ توپىلاڭلارنى بېسىقتۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلدى.تۈركلەر تاڭ سۇلالىسىغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ ئىچكى توپىلاڭلېرىنى باستۇرۇپ بەردى،ھەرگىزمۇ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ تاڭ سۇلالىسىنى يۇتۇۋېلىشنى ئويلىمىدى)،ئەمما ئەجدادلېرىمىز تۈركلەر تاغنى تالقان قىلغۇدەك جاسارەت ۋە ئەمىلىي كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خانلىقلېرىنى مۇنقەرز قىلىۋېلىشنى ئويلىمىدى،ھەتتا كېيىنكى كۈنلەردە تىبەتلەر ئەجدادلېرىمىزغا ئەلچى ئەۋەتىپ تاڭ سۇلالىسىغا بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىش تەكلىۋىنى بەرگەندىمۇ،تۈركلەر ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلدى.چۈنكى ئەجدادلېرىمىز تۈركلەر ئەزەلدىن تارتىپ ۋىجداننى،مەرتلىكنى ھەممدىن ئەلا بىلىپ كەلدى،ئەكسىچە ئىككى يۈزلىمىلىك،پۇرسەتپەرەسلىك ۋە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشنى باشتىن-ئاخىر ئۇچىغا چىققان نومۇسسىزلىق دەپ بىلدى.ئەجدادلېرىمىز تۈركلەر تارىختىن بۇيان ئوخشىمىغان ئىرق،ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە ئىنسانلار توپىغا قارىتا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ،تەڭلىك ۋە باراۋەرلىكتە ياشاشتەك ئىنسانىي خىسلەتنى ئۆزلېرىنىڭ ياشاش پىرىنسىپى قىلىپ كەلدى.بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئەجدادلېرىمىزنىڭ بۇ خىل ياشاش پىرىنسىپى بىزنىڭ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇدۇ!
 
== مەنبەلەر ==
مەنبە: ئۆز قەلىمەم.
{{reflist}}
 
 
پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:① <<تۈرك تارىخى>>شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،2002-يىل ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
 
② <<ئۇرخۇن ئابىدىلېرى>>تالات تەكىن﹝تۈركىيە﹞،مىللەتلەر نەشىرياتى،2009-يىل3-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى.