تاڭ سۇلالىسى: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
No edit summary
18 -قۇر:
<<626-يىلى8-ئايدا ئېلىك قاغان100مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق ئاتلىق قوشۇن بىلەن ۋۇگۇڭ(شەنشىنىڭ ۋۇگۇڭ ناھىيەسى)غا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ پايتەختكە تەھدىت سالدى.ئارقىدىنلا يەنە گاۋلىڭ(شۇ چاغدىكى پايتەخت چاڭئەننىڭ شەرقىي شىمالىغا70چاقىرىم كېلىدىغان جايدا)غا ھۇجۇم قىلىپ كىردى،ئېلىك قاغان داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ شىمالىغا كەلگەندە،ئۆزىنىڭ يېقىنى دەشت سىيلاقنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ كېلىشكە ئەۋەتتى.بۇ ۋاقىتتا تەيزۇڭ(لى شىمىن)تەختكە چىققان بولۇپ،ئۇنى ئەيىبلەپ<مەن بىلەن سېنىڭ قاغانىڭ كۆپلەپ ئالتۇن ۋە كىمخاپ ھەدىيە قىلغانىدۇق،كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ سانىنى ئالغىلى بولمايدۇ.شۇنداق تۇرۇقلۇق سېنىڭ قاغانىڭ ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپ،قوشۇن باشلاپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۇجۇم قىلدى،مەن بۇنىڭدىن ئاھانەت قىلماسمەنمۇ!سەن گەرچە رۇڭلاردىن بولساڭمۇ،ئادەمگەرچىلىكىڭ بار تۇرۇقلۇق(تۈركلەرنى"رۇڭ"دەپمۇ ئاتىغان،بۇ يەردە تۈركلەرنى ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيدىغان مەدەنىيەتسىزلەر دىمەكچى)يەنە قانداقسىگە ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ،كۈچۈڭنى پەش قىلىدىغانسەن!>>دەپ،سىيلاقنى ھەپسىگە ئېلىپ،يېنىڭ ئاتلىنىپلا شەخسەن ئۆزى ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىگە كېلىپ،دەريانى ئارىلىق قالدۇرۇپ،ئېلىك بىلەن سۆزلۈشۈپ،ئۇنى ئەھدىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىپلىدى.ئېلىك كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدىن قاتتىق ھەيران قالدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشقا قوشۇنلېرىمۇ داۋاملىق يېتىپ كەلگەچكە،ھەممە يەرنى تۇغ-ئەلەملەر قاپلاپ كەتكەنىدى.ئېلىك قاغان سىيلاقنىڭ تېخىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى،يەنە كېلىپ تاڭ تەيزۇڭنىڭ يېنىكلا ئاتلىنىپ كەلگەنلىكىنى،قوشۇنلارنىڭ قىياپىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ،سۈلھىلىشىشنى تەلەپ قىلدى،ھەمدە بوز ئات ئۆلتۈرۈپ(ۋەقەنى بۇنچىلىك تۈزەپ يازغاندىن كېيىن،ئەسلىدە بۇ يەردە ئېلىك قاغان قورققىنىدىن ئۆزى مىنىپ كەلگەن بوز ئاتنى ئۆلتۈرۈپ،كېيىن ئۆزى باشقىلارنىڭ ئاتلېرىغا مىنگىشىپ كەتتى دەپ ئالغان بولسا تېخىمۇ ئەينەن چىقاتتى)قەسەم قىلدى،ئىككى تەرەپ ۋاقىتلىق كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە ئەھدىنامە تۈزدى،تۈركلەر قوشۇنلېرىنى چېكىندۈرۈپ كەتتى.9-ئايدا ئېلىك قاغان3مىڭ تۇياق ئات،10مىڭ دانە قوي تەقدىم قىلدى،تاڭ تەيزۇڭ ئېلىك قاغان تەقدىم قىلغان ئاتلارنى قوبۇل قىلماي،ئۇنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن بۇلاپ كەتكەن ئاھالىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى ئەمىر قىلدى.>>(<<تۈرك تارىخى>>شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،2002-يىل ئۇيغۇرچە1-نەشرى).مان مۇشۇ بىر ئابزاس خاتىرىنىڭ ئۆزىلا بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانچىلىك مەردانە ۋە جاسارەتلىك روھ بىلەن سۇغۇرۇلغانلىقىنى تولۇق ئىساپاتلاپ بېرەلەيدۇ!
 
كۆكتۈرك خانلىقى ئەسلىدە552-يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھىرىيىتىدىكى ئۆتۈكەن تېغىنى پايتەخت قىلىپ قۇرۇلغان بىر پۈتۈن خانلىق ئىدى. <<كۆكتۈرك>>دىگەن بۇ نام <<تەڭرىنىڭ تۈركلېرى>>دېگەن مەنىدە بولۇپ،مەزكۇر خانلىقمۇ<<تەڭرى تۈركلېرىنىڭ خانلىقى>>دېگەن مەنىدە<<كۆكتۈرك خانلىقى>>دەپ ئاتالغان. كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنى شەرقتە ھىنگان تاغلېرى(ھازىرقى شەرقىي شىمالدىكى كىچىك ھىنگان تېغى ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى)دىن باشلاپ غەرپتە ھازىرقى تۈركمەنىستانغىچە(كاسپىي دېڭىزىغىچە)،شىمالدا بايقال كۆلى(ھازىر روسىيە تەۋەلىكىدە) ۋە ئانىساي(يەنسەي)دەرياسى(ھازىر روسىيە تەۋەلىكىدە)دىن باشلاپ جەنۇپتا سەددىچىنگىچە بولغان بىپايان زېمىننى ئۆز خەرىتىسى ئىچىگە كىرگۈزگەن قۇدرەتلىك خانلىق ئىدى.
 
583-يىلىغا كەلگەندە كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئىچىدە ئۆزئارا تەسىر دائىرە تالىشىپ قانلىق بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدۇ.ئەسلىدە581-يىلى كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى تابار قاغان ۋاپات بولغاندىن كېيىن،ئورنىغا كېڭەش ئارقىلىق قاغاننىڭ جىيەنى شۈتۈك(ئىشپارا قاغان) خانلىققا چىقىدۇ،ئۇ خانلىققا چىققاندىن كېيىن ئۆزىدىن تەخت ۋارىسلىغىنى تالاشقان ئۇرۇغ-تۇققانلېرىنى رازى قىلىش ئۈچۈن،ھەرقايسى ئۇرۇغ-تۇغقانلېرىغا ۋە بەزى ئاقسۆڭەكلەرگە زېمىن بۆلۈپ بېرىدۇ.ياللۇغ تېكىنگە تۇغلا دەريا ۋادىسىدىكى جايلارنى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ ئىشپارا قاغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغان قاغان ئىدى؛ئۆتۈكەن تاغلېرىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىنى دالۇبيەنگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ<<ئاپا قاغان>>دەپ ئاتىلىدۇ؛ئىستېمى قاغاننىڭ ئوغلى جىيەنكۆلگە بۇرۇنقى ئويسۇنلار زېمىنىنى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ<<تاردۇش قاغان>>دەپ ئاتىلىدۇ؛ياللۇغ تېكىنگە قاراشلىق جايلارنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى تاتابىي(كۈمۈش)،خىتاي،شى،تاتار رايونلېرىنى بىر تۇغقان ئىنىسى چۆرۈكۆلگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ،ئۇ<<تۆلۈش قاغان>>دەپ ئاتىلىدۇ،بۇلار شتۈك قاغان مەزگىلىدىكى<<بەش قاغانلىق>>دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇندىن باشقا ھازىرقى تۇرپاننىڭ شىمالىدىكى بۇغدا تېغىنىڭ ئەتىراپىدا يەنە<<تارماق قاغان>>،تارباغاتاي تاغلېرىنىڭ ئەتراپىدا<<كىچىك قاغان>>قاتارلىق سۇيۇرغاللىقلارمۇ بار ئىدى،تۇرپان ئويمانلىقىدا قاڭقى قەبىلىلېرى قۇرغان خانلىقمۇ بار ئىدى.مانا مۇشۇ ئۇرۇغ-تۇققانلار بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ئۆزئارا زىدىيەتلىشىپ583-يىلىغا كەلگەندە ئىشبارە قاغان،ياللۇغ تېكىن ۋە تۆلىش قاغان بىر تەرەپ بولۇپ<<شەرقىي تۈرك قاغانلىقى>>؛ئاپا قاغان،تاردۇش قاغان،تارمان قاغان ۋە كىچىك قاغانلار بىر تەرەپ بولۇپ<<غەربىي تۈرك قاغانلىقى>>دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.ئىككى قاغانلىقنىڭ چېگرىسى ئالتاي تاغلېرىدىن ھازىرقى قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاراتۈرك ناھىيەسى بولىدۇ.ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ،ئىككى قاغانلىق ئوتتۇرسىدا ئۇزۇن مەزگىل قانلىق ئۇرۇشلار داۋام قىلىدۇ.
 
620-يىلىدىن كېيىن شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ھەر قايسى قەبىلىلەر ھوقوق ۋە زېمىن تالىشىپ،خانلىقنىڭ بىر تۇتاش ھاكىمىيىتىگە قارىشى ئۇرۇش قوزغاشقا باشلايدۇ.627-يىلىغا كەلگەندە ئۇرخۇن،سېلىنگا ۋە تۇغلا دەريا ۋادىلېرى(ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدا)دىكى ئۇيغۇر قەبىلىسى(ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا باراۋەر ئۇقۇم ئەمەس،بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى بىر پۈتۈن تۈرك مىللىتىنىڭ بىر قەبىلە ئىتپاقىنىڭ سىياسى نامى) شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىغا قارىشى ئۇرۇش قوزغاپ،تۇغلا دەريا ۋادىسىدا <<تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى>>(توققۇز ئوغۇز خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى تىكلەيدۇ(توققۇز ئۇيغۇرلار ياغلاقار،قۇرتارغار،دېرېمار،بايىرسىق،ئادىز(ئابدال)،قاسار،قۇۋلاس(قۇۋۇنلاس)،ئوۋۇغار(ياغما)،سابارۆ(سارورغۇر)قاتارلىق توققۇز ئۇرۇقتىن تەشكىللەنگەن،ياغلاقار ئۇرۇقى بولسا بۇ توققۇز ئۇرۇقنىڭ يېتەكچىسى ئىدى.توققۇز ئوغۇزلار بولسا يۇقۇرىقى توققۇز ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر،بارغۇت،قۇۋۇن،بايىرقۇ،توڭرا،ئىزگىل،چەۋۈك،باسمىل،قارلۇق قاتارلىق توققۇز قەبىلە ئىتپاقىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى).ئۇيغۇر قەبىلىلېرىنىڭ قوزغۇلاڭىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان سىر-تاردۇش(تۈركلەرنىڭ سىر ۋە تاردۇش قەبىلىلېرىنىڭ بىرلەشمە ئىتپاقى)قەبىلىلېرىمۇ628-يىلى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈپ،شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ بىر تۇتاش ھاكىمىيىتىگە قارىشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈدۇ،ھەمدە شىددەت بىلەن كۈچۈيۈپ شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ پايتەختى ئۆتۈكەن تېغىنى ئىگەللەپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خانلىق تىكلەيدۇ،بۇ چاغدا قاغانلىقنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاتابى(كۈمۈش)،قىتان قەبىلىلېرى(توڭغۇز تىل سېستىمىسىدىكى سىيانپى قەبىلىلېرى)مۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ خانلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىۋالىدۇ.ئەمىلىيەتتە شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقى628-يىلىلا خانلىق تەۋەسىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ قوزغۇلاڭلېرى نەتىجىسىدە ئاللىقاچان يىمىرىلىپ بولغان ئىدى.ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان ئېلىك قاغان ئۆز جەمەتىدىكى قالدۇق قەبىلىلەرنى باشلاپ،تاشقى موڭغۇلىيەدىن ئۇدۇل ئۆز ۋاقتىدىكى دىڭشياڭ قەلئەسىگە چۈشكۈن قىلىدۇ.دېڭشياڭ قەلئەسىنىڭ ئورنى ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجۇ شەھىرى ئورنىدا بولۇپ،سەنشىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كېلىدۇ،تۇپرىغى مۇنبەت،ھاۋاسى مۆتىدىل،ئەينى زاماندا ئۇ تۈركلەرنىڭ سېپىل ئىچىگە جايلاشقان بىر ئالاھىدە قەلئەسى ئىدى.ئېلىك قاغاننىڭ مەزكۇر قەلئەگە كېلىشتىكى مەقسىدىمۇ سەددىچىن ئىچىگە كىرىپ،سېپىلنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ سىر-تاردۇشلارنىڭ داۋاملىق قوغلاپ ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرگەچ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،سىر-تاردۇش ۋە توققۇز ئۇيغۇرلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ،ھالاك بولغان خانلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدى.ئېلىك قاغاننىڭ سەددىچىن ئىچىگە چۈشكۈن قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان تاڭ سۇلالىسى،مانا شۇ چاغدىلا ئاخىرى بىر قېتىم بولسىمۇ غەيرەتكە كېلىپ يېرىم كېچىدە دىڭشياڭ قەلئەسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى ھەربىي ھۇجۇم قوزغاش بىلەن بىرگە،يەنە قايتا-قايتا ئادەم ئەۋەتىپ ئىچىدىن پارچىلاش ھىيلىسىنى ئىشقا سالىدۇ،نەتىجىدە قاغاننىڭ بىر مۇنچە يېقىنلېرى(كاڭ سۇمىي،سۈي سۇلالىسىنىڭ سابىق خانىشى سۇ خانىش ۋە سۈي سۇلالىسىنىڭ سابىق شاھزادىسى ياڭ جىدوۋ قاتارلىقلار)تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىدۇ،ئېلىك قاغان چوغاي تېغىغا چېكىنىدۇ.تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلېرى20كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈگىنى ئېلىپ ئېلىك قاغاننى قوغلاپ بارىدۇ.بۇ چاغدا ئېلىك قاغان ۋە ئۇنىڭ ئادەملېرى يەنىمۇ شىمالغا قاراپ چېكىنىشكە ئامالسىز ئىدى،چۈنكى ئۇ جايلاردىكى زېمىنلارنى ئاللىقاچان ئۇيغۇر ۋە سىر- تاردۇش قەبىلىلېرى ئىگەللىۋالغان،ئۇلار بارسا ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولاتتى.چىقىش يولى قالمىغان ئېلىك قاغان ۋە ئۇنىڭ قەبىلىلېرى ئاخىرى لىڭجۇ ئايمىقى(ھازىرقى نىڭشيا ئۆلكىسىنىڭ دۇجۇڭ شەھىرى)دا تۇرۇشلۇق كىچىك قاغان سۇنۇش(ئىلگىرىكى كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قاغانلېرىدىن بىرى بولغان بومىن قاغاننىڭ ئاپا بىر قېرىندىشى)نىڭ يېنىغا پاناھ تىلەپ بارىدۇ.ھەر تەرەپتىن جىددىي خىرىسقا ئۇچراۋاتقان كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خان جەمەتى بولغان ئاشىنا ئۇرۇقلېرى،ئالدىغىمۇ ۋە كەينىگىمۇ چېكىنەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ،شۇنداق ئەھۋالدا ئاشىنا جەمەتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسى كۈنلېرىنى چىقىش قىلغان سۇنىش قاغان ئېلىك قاغاننى تاڭ سۇلالىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ،تاڭ سۇلالىسى بولسا ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپ<<تۇرمۇشتا كاپالەت بېرىپ،ئوزۇق-تۈلۈك بېرىپ تۇرۇدۇ.>>شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى تارىخىغا630-يىلى بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقىنى يوقاتتى دەپ پۈتۈلىدۇ.چۆللۈكنىڭ شىمالى(سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتى)دا سىر-تاردۇش خانلىقى بىلەن تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى بىر- بىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ ئۆزئارا تىركىشىدۇ،سىر-تاردۇش خانلىقى بىر مەزگىل كۈچۈيۈپ641-يىلى300مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ،ئۇلاردىن مەلىكە تەلەپ قىلىدۇ،645-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا يەنە ھۇجۇم قىلىدۇ. 646-يىلى تۇغلا توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى سىر-تاردۇش خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ،چۆللۈكنىڭ شىمالىنى پۈتۈنلەي ئۆز ئىلكىگە ئالىدۇ.
 
ئۇيغۇر ۋە سىر-تاردۇش قەبىلىلېرىنىڭ قوزغۇلاڭلېرى تۈپەيلىدىن ھاكىمىيت بېشىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاشىنا تۈركلېرىنىڭ بىر قىسمى غەربىي يۇرتقا(شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆزدە تۇتۇدۇ)،ئۆز قېرىنداشلېرىنىڭ يېنىغا كېتىدۇ.بىر قىسمى بولسا تاڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلىدۇ(تارىخىي كىتاپلاردا100مىڭغا يېقىن ئادەم دەپ خاتىرىلەنگەن."بەيئەت قىلدى"دېگەنلىك ئۇرۇشتا قورال تاشلاپ تەسلىم بولدى دېگەنلىك ئەمەس،بەلكى ئۆزئارا كېلىشىش ئارقىلىق قارىشى تەرەپنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈش دېگەنلىكتۇر).ئەينى زاماندا تۈركلەرنىڭ ئاشىنا ئۇرۇقى رەھبەرلىك قىلغان، خان جەمەتىگە يېقىن بىر قىسىم قەبىلىلەر ھەقىقەتەنمۇ سېپىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۋېلىپ،ھالاك بولغان خانلىقنى قايتا تىكلەشنى ئارزۇ قىلىپ تاڭ سۇلالىسىگە ۋاقىتلىق بەيئەت قىلغان ئىدى.بۇ نۇقتىنى تاڭ سۇلالىسىمۇ چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى،بۇ توغرىدا جۇڭگو تارىخىدا مۇنداق بايانلار بار:<<...630-يىلى2-ئايدا لى جىڭ ئېلىكنى چوغاي تېغىدا يەنە قايتا مەغلۇپ قىلدى،ئېلىك بىر قانچە ئون مىڭ قالدۇق قەۋمىنى ئېلىپ تېمۇر تېغىغا قېچىپ بېرىۋالدى(بۇ چاغلاردا سىر-تاردۇشلار بەلكىم بۇ جايلارغا تېخى تولۇق بېسىپ كىرىپ بولالمىغان بولسا كېرەك.)بۇنىڭ بىلەن ئۇ تاڭ قوشۇنلېرىغا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي،دەشت سىيلاقنى تاڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتىپ گۇناھىنى يۇيۇپ،قەۋملېرىنى ئېلىپ بەيئەت قىلىپ،ئۆزى ئوردىنى تاۋاپ قىلىشنى خالايدىغانلىغىنى بىلدۈردى.ئەمىلىيەتتە بۇ ياردەمگە كېلىدىغان ئەسكەرلېرىنىڭ پۇرسىتىگە ئېرىشىپ،كۈزدە ئوتلاقلار كۆكۈرۈپ،ئات سەمىرگەندە،چۆللۈكنىڭ شىمالىغا بېرىپ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىيەت قىلىش ئىدى.>> تاڭ سۇلالىسى ئاشىنا تۈركلېرىنىڭ ئىچىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى،تاڭ سۇلالىسىنىڭ شۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئامالى يوق ئىدى،چۈنكى ئۇلار ئىچكى ئۇرۇشتا يېڭىلگەن،ئەمما يەنىلا بەلگىلىك كۈچكە ئىگە ئەشۇ بىر تۈركۈم تۈركلەرنى ئۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈنلەي باش ئەگدۈرۈشكە قۇربى يەتمەيتتى.