تېرېسا ئانا: تۈزىتىلگەن نەشرى ئارىسىدىكى پەرق

Content deleted Content added
ئازراقلا r2.7.2+) (Robot: Adding or:ମଦର ଟେରେସା
ئازراقلا r2.7.3) (Robot: Adding mt:Madre Tereża ta' Kalkutta, my:မာသာ ထရီဆာ; cosmetic changes
6 -قۇر:
! تېرېسا ئانا
|-
! [[Fileھۆججەت:Mother Teresa 1985 cropped.jpg|200px]]
|-
| '''تۇغۇلغان ۋاقتى'''
30 -قۇر:
پۈتۈن ھاياتى بويىچە نامراتلارغا ياردەم قىلىپ، يېتىم-يىسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۆيسىزلەرگە ياتقۇدەك ماكان ئىزدەپ، ئۆمرىنى يوقسۇللارغا بېغىشلىغان تېرېسا ئانا ھىندىستاندىلا ئەمەس، يەنە باشقا دۆلەتلەرگىمۇ بېرىپ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.
 
== بالىلىقى ==
 
ئەسلى ئىسمى ئانىيەس گوڭگىيا باخىيۇ بولۇپ، ئالبانىيەلىك بىر تىجارەتچى بۇرژۇئا ۋە كاتولىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى كول بىر قانچە قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، يەنە مەخسۇس دورىگەرلىك بۇيۇملىرىنىمۇ ساتاتتى. ئانىيەس تۇغۇلغاندا، بۇ ئائىلىنىڭ يەنە بىر قىز ۋە بىر ئوغلى بار ئىدى.
44 -قۇر:
17 يېشىدا لېتىس مۇقەددەس ئانا چىركاۋىغا تاۋاپقا بارغاندىن كىيىن، ئانىيەس پۈتۈن ھاياتىنى مۇشۇ يولغا بېغىشلاش قارارىغا كېلىپ، ئانىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، لورەت مۇناخلار جامائىتىگە كىرىدۇ.
 
== دىنى ھاياتى ==
 
1928-يىلى 18 ياشلىق ئانىيەس لورەت مۇقەددەس ئانا مۇناستىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېرلاندىيەدە ئالتە ئاي ئېنگىلىزچە ئۈگىنىدۇ ۋە ئاندىن كىيىنكى يىلى ھىندىستانغا دىنى ۋە ئىنسانى ياردەمگە ماڭىدۇ. ھىندىستاندىكى ئىنساننىڭ ئەقلىگە سىغمىغۇدەك نامراتلىق ئانىيەسنى چۆچۈتىدۇ. ئۆز يېزىسىدا چىقىدىغان بىر يەرلىك گېزىتتە ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "ئەگەر بۇ يەردىكى چىدىغۇسىز نامراتلىقنى كۆرگەن بولسا ئىدى، بىزنىڭ ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن نارازى بولۇشنى توختاتقان بولار ئىدى." ئۇزۇن ئۆتمەي دارجىلىڭ شەھرىگە مۇناخلىققا ماڭىدۇ.
1929-يىلى 23-مايدا، ئانىيەس تۇنجى قېتىم دىنى كىيىم كىيىپ، دۇنيادىن ئايرىلغان بىر مۇھىتتا دىنى تەربىيە كۆرۈشكە باشلايدۇ. ئىككى يىلدىن كىيىن، ئىسىم ئۆزگەرتىپ، مارىيە-تېرېسا ئانا دەپ ئاتىلىدۇ.
 
== كالكۇتتىدىكى ئۇستازلىق ھاياتى ==
 
بېنگالدىكى بىر ھەقسىز دوختۇرخانىدا بىر قانچە ئاي ئىشلىگەندىن كىيىن، مارىيە-تېرېسا ئانا كالكۇتتىدىكى بىر مەكتەپتە ئالتە يىل ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. 1944-يىلى، كالكۇتتىنىڭ يۇقىرى تەبىقىلەر مەكتىۋىنىڭ ئىلمى مۇدىرى بولىدۇ. ۋاقتىنىڭ بىر قىسمىنى نامراتلار رايونىدىكى ئىگە-چاقىسىزلارنى يوقلاشقا بەرگەن مارىيە-تېرېسا ئانىسىغا ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ پات-ئارىدا مەكتەپنىڭ باش مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىدىغانلىقىنى يازىدۇ. ئانىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن :"جېنىم بالام، سەن بىر نامرات دۆلەتكە نامراتلار ئۈچۈن باردىڭ، بۇنى ئۇنۇتما" دەپ يازىدۇ.
55 -قۇر:
1946-يىلى 10-سېنتەبىر كالكۇتتىدىن جارلىڭغا ماڭغان پويىزدا، يېرىم ئۇيقۇدىكى مارىيە-تېرېسا تۇيۇقسىز خۇدانىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ كۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر كۈن ھېساپلىنىدۇ. كالكۇتتىغا قايتقاندىن كىيىن، شەھەرنىڭ دىنى داھىسىغا بۇ ئىش توغرىلىق خەۋەر بېرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھەممىدىن ۋاز كېچىپ، ھاياتىنى نامراتلارغا بېغىشلاش نىيىتىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن دىنى جەمىيەت بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. 1948-يىلى، ئاخىرى ۋاتىكان پوپى ئۇنىڭغا بىر يىللىق رۇخسەت بېرىدۇ.
 
== ۋاقىپنىڭ قۇرۇلۇشى ==
 
رۇخسەت ئالغان تېرېسا ئانا ئۆزىگە كۆك ۋە ئاق رەڭلىك سارى تاللايدۇ. 1948-يىلى 16- ئاۋغۇستتا لورەت مۇناستىرىدىن ئايرىلىپ، پاتناغا كېلىپ، سېستىرالىق ئۈگىنىدۇ. كالكۇتتا دىنى داھىسىنىڭ تەلىپى بىلەن بىر گېزىت چىقىرىپ، ئويلىغانلىرىنى ئېلان قىلىدۇ:" ھەددىدىن تاشقىرى نامراتلىق ئىنساننى ئاستا-ئاستا ئىنسانلىقتىن چىقىرىدۇ."
68 -قۇر:
تېرېسا ئانا پۈتۈن ھاياتى بويىچە بالا چۈشۈرۈشكە قارشى چىققان. ئۇ يەنە ۋابا كېسىلى يامرىغان ھىندىستاندا كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى مەخسۇس داۋالاش ئۈچۈن ۋابا مەركىزى ئاچىدۇ.
 
== خەلقئاراغا كېڭەيتىلىشى ==
 
دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن، كالكۇتتا شەھەرلىك چىركاۋ پوپى گېزىتتە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋاقپى ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرىق قىلىدۇ. بېنگال باش مىنىستىرى تېرېسا ئانىنى قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لايىكلاردىن ئان بىلايكى ئۆزىنىڭ تېرېسا ئانا قارايدىغان يېتىملارغا روژىستوۋا سوۋغىتى بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. تېرېسا ئانا ھېچبىر بالىغا ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق ئۈچۈن، بىلايكىدىن مۇسۇلمان ۋە ھىندى بايراملىرىدىمۇ سوۋغات بېرىشىنى سورايدۇ.
80 -قۇر:
تېرېسا ئانىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىنسانپەرۋەرلىك كۈرەشلىرى ئاخىرى پۈتۈن دۇنيادا ئالقىشلىنىدۇ. نۇرغۇن تىنچلىق مۇكاپاتلىرى، ئوردېنلار تەقدىم قىلىنىدۇ ۋە بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتنىڭ پەخرى دوكتۇرى بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. 1979-يىلى17-ئۆكتەبىردە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. بۇ مەزگىللەردە تېرېسا ئانا دۇنياۋى مەشھۇر زات بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.
 
== تېرېسا ئانىغا قارىتىلغان تەنقىدلەر ==
 
 
154 -قۇر:
[[mr:मदर तेरेसा]]
[[ms:Agnes Gonxha Bojaxhiu]]
[[mt:Madre Tereża ta' Kalkutta]]
[[mwl:Madre Teresa de Calcutá]]
[[my:မာသာ ထရီဆာ]]
[[ne:मदर टेरेसा]]
[[nl:Moeder Teresa]]